ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈش

日期:2024年04月16日
来源:天山网
【字体:

​− ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنى تەشۋىق - تەربىيە پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى

نەچچە مېتىر ئېگىزلىكتىكى باش تېما ئېلانى كۆرگەزمە زالىغا ئېسىلغان، نەپىس قەغەز قىيما ئەسەرلىرى كۆرگەزمە تېمىغا لىق تولغان، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئامىللىرى بىلەن تويۇنغان رەسىم، ھەيكەل، يەلپۈگۈچ يۈزى قاتارلىق سەنئەت بۇيۇملىرى كۆرگەزمە سۇپىسىغا لىق تىزىلغانىدى... 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، تيەنجىن شەھىرى بىنخەي يېڭى رايونى دۆلەت خەۋپسىزلىكى باش تېمىسىدىكى سەنئەت كۆرگەزمىسى شەھەر ئاھالىلىرى بىلەن قەرەلىدە يۈز كۆرۈشتى.

«بۇ ئەسەرلەر ناھايىتى تەربىيەۋى ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى نامايان قىلىنىپتۇ، بۇ يەنە ماڭا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتا ھەممە كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى، ھەممە ئادەمنىڭ قىلالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى» دېدى تيەنجىن شەھىرى ئاھالىسى ياڭ ۋېي.

بۇ يىل ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنىڭ ئون يىللىقى، 9 - قېتىملىق ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار «ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشى. يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكلەشنىڭ ئون يىللىقى» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى تەشۋىق - تەربىيە پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنىڭ كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭىشى، ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولدى.

ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، مەملىكەتلىك قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتى ئىشخانىسى توردا «ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنىدە مەخسۇس تۈر بويىچە جاۋاب بېرىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى؛ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشى تەشۋىق - تەربىيەسى بويىچە ئاساسىي مەيدان ئۈلگە كۆرسىتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى ھەم «دۆلەت خەۋپسىزلىكى، ياشلىق باھارىدا دادىل بولۇش» باش تېمىسىدىكى ئىتتىپاق كۈنى پائالىيىتى ھەپتىلىكىنى بىرلىكتە باشلىدى؛ مائارىپ مىنىستىرلىقى «مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بىر سائەتلىك دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى دەرسىنى بىرلىكتە ئاڭلاش»نى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى... تۇرمۇش مەنزىرىسىگە يېقىنلاشقان بىر قاتار مەزمۇنلار ئارقىلىق ئاممىغا ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى ۋە مول ئىچكى خاس مەزمۇنى چوڭقۇر مەزمۇنلۇق، چۈشىنىشلىك ئومۇملاشتۇرۇلدى.

4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، خۇبېي ۋۇخەندىكى «گوئەن ناملىق» مېترو مەخسۇس پويىزى خۇڭسەن مەيدانى مېترو بېكىتىدىن يولغا چىقتى، ۋاگوننىڭ ئىچى تەرىپىگە ۋۇخەن شەھىرىدىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكى بويىچە كارتون IP شەخس «ۋۇ شياۋئەن»نىڭ كارتون ئوبرازى سىزىلغانىدى، ۋاگون ئىشىكى، ۋاگون دېرىزىسى قاتارلىق كۆزگە چېلىقىدىغان ئورۇنلاردا ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىغا ئالاقىدار مەزمۇنلار سۈرەت ۋە يېزىق كىرىشتۈرۈلگەن ھالدا نامايان قىلىنغانىدى.

سەنشى، سىچۇەن، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق جايلاردا، «گوئەن ناملىق» باش تېمىلىق شەھەرلەر ئارا پويىز، ئاممىۋى قاتناش مەخسۇس لىنىيەسى قاتارلىقلار ئارقا - ئارقىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، قاتار - قاتار كەتكەن كۆچمە «دۆلەت خەۋپسىزلىكى بىلىملىرى بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيى» تەشۋىق - تەربىيەدىكى مۇھىم بازىغا ئايلاندى.

يۈننەن دېخۇڭدىكى ماڭشى ئايروپورتىدا، خەلق ساقچىلىرى «چېگرادىن چىقىشتىن بۇرۇنقى دۆلەت خەۋپسىزلىكى دەرسى»نى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، يولۇچىلارغا ھازىرقى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋەزىيىتى، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىغا ئالاقىدار مەزمۇنلار ھەمدە چېگرادىن چىققاندىن كېيىنكى نۇقتىلىق دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى تونۇشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ چېگرادىن چىققان پۇقرالىرىنىڭ مەملىكەت سىرتىدا جىسمانىي، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئاڭلىق ھالدا دۆلەت مەنپەئىتىنى قوغداش ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى.

ياش - ئۆسمۈرلەر ۋەتەننىڭ كەلگۈسى. بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار ياش - ئۆسمۈرلەر ياقتۇرىدىغان شەكىللەر ئارقىلىق، ياش - ئۆسمۈرلەرنى ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى، خەۋپسىزلىك ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلىدى.

باسما رەسىم ئارقىلىق نۇسخا چۈشۈرۈش، فېيشىڭچى ئويۇنىدا رىقابەتلىشىش، كۇبىكتا رەسىم قۇراشتۇرۇش... 4 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، شىنجاڭ ئۈرۈمچى شۇيتاشەن ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشى باش تېما باغچىسىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ئالاقىدار بىلىملەر سىڭدۈرۈلگەن ھەمتۈرتكە پائالىيەتلىرى نۇرغۇن قاتناشقۇچىلارنى جەلپ قىلدى.

دادىسى بىلەن بىللە ئېلان رەسىمىنى قۇراشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 35 - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى فېرنا ئالىمجان مۇنداق دېدى: «ئائىلىمىز ئائىلىدىكى ھەربىر ئادەمنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ئاسرىشىغا ئېھتىياجلىق، دۆلىتىمىزمۇ ئوخشاشلا، ھەربىرىمىزنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ئۇنىڭ خەۋپسىزلىكىنى قوغدىشىمىزغا ئېھتىياجلىق».

4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى سەھەردە، خەلق ساقچىلىرى جىلىن ئۆلكىسى چاڭچۇن شەھەرلىك 53 - ئوتتۇرا مەكتەپكە كېلىپ، «يۇغۇرۇلۇش، ئورتاق قۇرۇش، مەكتەپنى قوغداش، ساقچى بىلەن مەكتەپ ھەمتۈرتكە بولۇپ ئامانلىقنى قوغداش» باش تېمىسىدىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

ئەمەلىي بۇيۇملارنى كۆرگەزمە قىلىش، دېلو مىساللىرى ئارقىلىق ئاگاھلاندۇرۇش، كۆرۈنۈشنى تەقلىد قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ساقچى ئوفېتسىرلار نەق مەيداندا زەھەر، مەكتەپ مۇشتۇمزورلۇقى، تېلېگراف ئالدامچىلىقى قاتارلىقلارنىڭ خەۋپىنى چۈشەندۈرۈپ، بالىلارنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئېڭى ۋە بىخەتەرلىك بويىچە ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈردى.

«بىز كۆڭۈل ئېچىش ۋە تەربىيەۋى ئەھمىيەتكە ئىگە پائالىيەتلەر بىرلەشتۈرۈلگەن شەكىل ئارقىلىق، خەۋپسىزلىك قارىشىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتقۇزۇشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى چاڭچۇن شەھەرلىك 53 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ سىياسىي تەربىيە مۇدىرى ليۇ يەنلى.

ئۆزگىچە ئىجادىيلىققا ئىگە تەشۋىقات ئېلانى، ئۆزگىچە بىلىملەردىن سوئال - جاۋاب، تۈرى مول بولغان مەدەنىيەت ئىجادىيىتى يانداش مەھسۇلاتلىرى... 4 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، خاربىن سانائەت داشۆسى مەكتەپ قورۇسىدا، بىر قاتار باش تېمىلىق پائالىيەتلەر قانات يايدۇرۇلۇۋاتاتتى.

«بىز تور بىخەتەرلىكىنى چۆرىدەپ، تەشۋىقات ئېلانى ۋە تەشۋىقات قوللانمىسىنى ئالدىن لايىھەلىدۇق، يەنە قىزىقارلىق سوئال - جاۋاب قاتارلىق تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى پىلانلىدۇق.» خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى تور بىخەتەرلىكى باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى سۈن يەنفېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: پائالىيەت لايىھەلەش جەھەتتە ھەمتۈرتكىلىككە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشى ۋە تور بىخەتەرلىكى ئىدىيەسىنى كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈردى.

بەزى ئۆلكىلەر شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، تەشۋىقات شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، تەربىيەنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.

4 - ئاينىڭ 13 - كۈنى كەچ سائەت 8لەردە، خېنەن جېڭجوۋدىكى رۇيىخۇ مەدەنىيەت مەيدانىدا ئادەملەر دولقۇنى مەۋج ئۇرۇپ تۇرغان بولۇپ، چوڭ تىپتىكى بىر مەيدان تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى. 1000 دانە تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ كېچە ئاسمىنىدا كۆپ خىل شەكىللەرنى ھاسىل قىلىپ، كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىنى كۆرۈش سېزىمى كاتتا مەرىكىسى بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىللە، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى بىۋاسىتە بىلەلەيدىغان، بىۋاسىتە ھېس قىلالايدىغان، بىۋاسىتە يەتكۈزگىلى بولىدىغان قىلدى.

شىزاڭدا، ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى «چېگرادا كۈچ ئۇلاش سەپىرى» ئون ناھىيە، شەھەرگە كىرگۈزۈلۈپ، شۇ جايدىكى ئاممىغا ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى مۇستەھكەملەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ، ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي جەنۇب قىسىم چېگرا رايونىنىڭ خەۋپسىزلىك مۇداپىئە لىنىيەسىنى قوغداشنى مۇستەھكەملىدى.

«پۇقرالارنىڭ ھەربىر ھەرىكىتىگە كۆڭۈل بۆلۈش، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى سۆزلەش. 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنى، بۇنى ھەممە ئائىلە، ھەممە ئادەم بىلىدۇ...» شەندۇڭ جىنىڭنىڭ ۋېيشەن ناھىيەسى ياڭسۈن كەنتىدىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكى تىياتىرخانىسىدا دۇەنگۇ نەغمىسى، شەندۇڭ ئەلنەغمىسى، كۇەيبەن قاتارلىق چۈيى سەنئىتى شەكلىدىكى ئەدەبىيات - سەنئەت نومۇرلىرى ساياھەتچىلەر ۋە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قىزغىن ئىنكاسىنى قوزغىدى.

جياڭشى گەنجوۋدا 10 مىڭدىن ئارتۇق تېز يەتكۈزگۈچى دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەشۋىقاتچىسىغا ئايلىنىپ، تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى ئېلىپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشى تەشۋىقات ئېلانى چاپلانغان تېز يەتكۈزۈش ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ، كۈندىلىك تەقسىملەپ يەتكۈزۈش خىزمىتىگە ئاتلىنىپ، كەڭ ئاممىغا ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى تەشۋىق قىلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇردى.

«دۆلەت خەۋپسىزلىكى ھەربىر ئادەم بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، بىز خىزمەت جەريانىدا تېز يەتكۈزۈش كەسپىنىڭ نۇقتىسى كۆپ، دائىرىسى كەڭ بولۇش ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، <قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى> ياخشى دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەشۋىقاتچىسى بولۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئېڭى ۋە ساپاسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز» دېدى جۇڭگو پوچتا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى گەنجوۋ شەھىرى جاڭگۇڭ رايونى شۆبە شىركىتىنىڭ تېز يەتكۈزگۈچىسى سەي جيەنجۈن.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى)