ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى4- ئاينىڭ 10- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «مەھەللە خىزمەتچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى. «پىكىر»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يۈك يېنىكلىتىلىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېڭەيتىپ، مەھەللە خىزمەتچىلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت، زېھنىي كۈچ بىلەن ئاھالىلەر، ئامما ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. مەھەللە خىزمىتى ئىشلىرى ئىجازىتى مېخانىزمى ۋە ھەرىكەت ھالىتىدە تەڭشەش مېخانىزمى ئورنىتىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، مەھەللە تەشكىلاتىنىڭ خىزمەت ئىشلىرى، مېخانىزم ۋىۋىسكىسى ۋە ئىسپات ئىشلىرى قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ.