دۆلىتىمىزدە تەرجىمە ئىختىساسلىقلىرى سىجىل كۆپەيمەكتە

日期:2024年04月02日
来源:新疆日报网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چاڭشا، 3- ئاينىڭ 31- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر شيې يىڭ) 3- ئاينىڭ 30- كۈنىدىن 31- كۈنىگىچە، «مەدەنىيلىك جەھەتتە ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش: تەرجىمە ساھەسىدىكىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى» باش تېما قىلىنغان 2024- يىللىق جۇڭگو تەرجىمە جەمئىيىتىنىڭ يىللىق يىغىنى خۇنەن چاڭشادا ئېچىلدى. بۇ مەزگىلدە ئېلان قىلىنغان «2024- يىللىق جۇڭگو تەرجىمە كەسپىنىڭ تەرەققىيات دوكلاتى»دا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: دۆلىتىمىزنىڭ تەرجىمە ئىختىساسلىقلىرى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتى ۋە ھەر قايسى ساھە ئىشلىرىنى ياخشى تىرەك بىلەن تەمىنلىدى، كۆپ تىللىق ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياج بىر قەدەر كۆپ ئېشىپ، تەرجىمە ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئالىي مەلۇماتلىق بولۇش يۈزلىنىشى كۆرۈنەرلىك بولدى.

«2024- يىللىق جۇڭگو تەرجىمە كەسپىنىڭ تەرەققىيات دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، 2023- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە، پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە (شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) تىجارەت دائىرىسى تەرجىمە كەسپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كارخانا سانى 623 مىڭ 260قا، تەرجىمانلىقنى ئاساس قىلىدىغان كارخانا سانى 11 مىڭ 902گە يەتكەن. دۆلەت ئىچىدىكى تەرجىمە كارخانىلىرىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى داۋاملىق مۇقىم ئېشىپ، 2022- يىلىدىكىدىن %5.6 ئاشقان. دۆلىتىمىزدىكى تەرجىمە ئىختىساسلىقلىرىنىڭ كۆلىمىمۇ سىجىل ئېشىپ، ئومۇمىي ئادەم سانى 6 مىليون 420 مىڭغا يەتكەن، تەرجىمانلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ سانى 2022- يىلىدىكىدىن %6.8 ئاشقان.

پايدىلانغان مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى