28- نۆۋەتلىك «جۇڭگو ياشلار 4- ماي مېدالى» نامزاتلىقىغا تاللانغانلارنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىندى: شىنجاڭدىن بىر شەخس، بىر كوللېكتىپ تىزىملىككە كىردى

日期:2024年04月02日
来源:新疆日报网
【字体:

كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى 4- ئاينىڭ 1- كۈنى خەۋەر ئېلان قىلدى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۆھپە قوشقانلار، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەش خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسى كاتىبات گۇرۇپپىسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى 28- نۆۋەتلىك «جۇڭگو ياشلار 4- ماي مېدالى» نامزاتلىرىنى كۆرسىتىش- باھالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. باھالاش كومىتېتىنىڭ ھەقىقىي ئىسمى بىلەن بېلەت تاشلىشى ۋە ئاشكارا بېلەت ھېسابلىشى ئارقىلىق، ئىلتىماس قىلىش سالاھىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان 97 نامزات شەخس ئىچىدىن 30 نامزات، 38 نامزات كوللېكتىپ ئىچىدىن 20 نامزات تاللاندى.

بۇنىڭ ئىچىدە، نامزاتلىققا تاللانغان شىنجاڭدىكى بىر نامزات شەخس، بىر نامزات كوللېكتىپ ئايرىم- ئايرىم ھالدا:

28- نۆۋەتلىك «جۇڭگو ياشلار 4- ماي مېدالى» نامزاتلىقىغا تاللانغان شەخس

ۋاڭ جۈنياڭ، ئەر، خەنزۇ، 1986- يىلى 12- ئايدا تۇغۇلغان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزاسى، ھازىر شىنجاڭ بىڭتۇەن 170- تۇەن يىپەك يولى جىغان بىيو پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى.

28 - نۆۋەتلىك جۇڭگو ياشلار «جۇڭگو ياشلار 4- ماي مېدالى» نامزاتلىقىغا تاللانغان كوللېكتىپ

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ فىزىكا- خىمىيە تېخنىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ فوتو ئېلېكتىر ئىقتىدارلىق كىرىستال ماتېرىيالدا يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپى. كوللېكتىپتا جەمئىي 143 ئادەم بار بولۇپ، 35 ياشتىن تۆۋەن ياشلار %86نى ئىگىلەيدۇ.