گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىشنىڭ كۈچى

日期:2024年03月28日
来源:天山网
【字体:

− رەئىس شى جىنپىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتى باش ئىشتابىدا مۇھىم نۇتۇق سۆزلىگەن ئون يىل مابەينىدە

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جاڭ يۈەن، جاڭ دەيلېي، شۈ يۇڭچۇن

ئون يىل بۇرۇنقى 3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتى باش ئىشتابىنىڭ يىغىن زالى ئادەملەر بىلەن لىق تولغانىدى.

«بىز ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشى، ئىناق بىللە ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، مەدەنىيلىك جەھەتتە ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۆۋرۈككە، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغدايدىغان رىشتىگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.» ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ ئىلگىرىلىشى ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، رەئىس شى جىنپىڭ مۇھىم نۇتقىدا جۇڭگونىڭ مەدەنىيلىك قارىشىنى چوڭقۇر بايان قىلىپ، مەدەنىيلىك جەھەتتە ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشتىن ئىبارەت مۇھىم تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئون يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيادا يېڭى ئەندىزە، يېڭى يۈزلىنىش بارلىققا كەلدى، ئۇ يەنە يېڭى خەۋپ - خەتەر، يېڭى خىرىسقا دۇچ كەلدى. ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تارىخنىڭ تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرماقتا، جۇڭگو مەدەنىيلىك قارىشى تېخىمۇ كۆپ ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، تېخىمۇ كۆپ ئورتاق سادانى قوزغاپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتىنى سىجىل تەقدىم قىلماقتا.

«ئۇ بىر مەيدان تارىخىي خاراكتېرلىك نۇتۇق بولۇپ، رېئال ئەھمىيىتى بۈگۈنكى كۈندە تېخىمۇ گەۋدىلەندى.» ئەينى يىلى نەق مەيداندا نۇتۇق ئاڭلىغان شۇ چاغدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى ئىرىنا بوكوۋا مۇنداق دېدى: «گەرچە (ھەرقايسى دۆلەت) مەدەنىيەت، دىن، ئىرق قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەر ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن ئىنسانلار تەقدىرداش».

«ئۆزئارا چۈشىنىشنى، تىنچلىق ۋە دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش»

ھوندۇراسنىڭ غەربىي شىمالىدىكى مايا مەدەنىيلىكى قەدىمىي شەھىرى بولغان كوپان خارابىسىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا، بىر نەپىس ئەجدىھا باشلىق ھەيكەل تىكلەنگەن بولۇپ، يۇمىلاق شەكىللىك ئېگىز بۇرنى ۋە يۆگىمەچ بۇرۇتى «جۇڭگو ئەجدىھاسى»غا ئەينەن ئوخشايدۇ. ھەيكەلنىڭ يېنىدىكى چۈشەندۈرۈش بەلگە تاختىسىغا لى شىنۋېي بىلەن راموستىن ئىبارەت بىر جۈپ ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ھەمراھلىرىنىڭ ئىسمى يېزىلغان.

جۇڭگو ۋە ھوندۇراس بىرلەشمە ئارخېئولوگىيە تۈرىنىڭ ئىككى تەرەپ مەسئۇلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ ئىككىيلەننىڭ مەدەنىيلىككە بولغان چۈشەنچىسىدە نۇرغۇن ئورتاقلىق بار. لى شىنۋېينىڭ قارىشىچە، مەدەنىيلىكنى تەتقىق قىلىشتا چوقۇم خەلقئارا نەزەر - دائىرىگە ئىگە بولۇش كېرەك، جۇڭگونىڭ مەدەنىيلىك قارىشى باراۋەرلىكنى ئاساس قىلىپ دۇنياغا يۈزلەنگەن. راموسنىڭ قارىشىچە، «ھوندۇراس مەدەنىيلىكى بىلەن جۇڭگو مەدەنىيلىكىدە پەرق بار، ئىككى تەرەپنىڭ ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ئوخشاش ئەمەس، لېكىن ھەمكارلىقتا ھامان بىردەكلىك ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ».

«مەدەنىيلىك رەڭدار بولىدۇ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى كۆپ خىل بولغاچقا ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش قىممىتىگە ئىگە» «مەدەنىيلىك باراۋەر بولىدۇ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى باراۋەر بولغاچقا ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئالدىنقى شەرتىگە ئىگە» «مەدەنىيلىك سىغدۇرۇشچان بولىدۇ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى سىغدۇرۇشچان بولغاچقا ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئىگە» − ئون يىل ئىلگىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ باش ئىشتابىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا، رەئىس شى جىنپىڭ مەدەنىيلىكنىڭ مەنىسىنى مۇشۇنداق ئىزاھلىدى.

ئون يىلدىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۆۋرۈككە ئايلاندۇرۇشقا ئۆزى بىۋاسىتە تۈرتكە بولدى: ئامېرىكىدىكى دوستانە تەشكىلاتلارنىڭ بىرلەشمە قارشى ئېلىش زىياپىتىدە، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ كۆپرەك ئالاقە قىلىپ، كۆپرەك بېرىش - كېلىش قىلىشىنى، كۆپرەك ئالماشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى؛ ۋېنگىرىيەدىكى ۋېنگىرىيە - جۇڭگو قوش تىل مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرىغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارنى ھازىرقى جۇڭگونى ۋە جۇڭگونىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ كۆپ چۈشىنىپ، تىرىشىپ جۇڭگو - ۋېنگىرىيە دوستلۇق ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەلچىلىرىدىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى؛ جۇڭگو - گىرېتسىيە مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش مەركىزىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلىگەندە، تۈرلۈك مەدەنىيلىكنىڭ ئۇزاق مەنبەسى ۋە مول مەزمۇنىنى چوڭقۇر چۈشىنىش ۋە ئىگىلەشنى تەكىتلىدى... جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئادىمىيەت جەھەتتە ئالماشتۇرۇشى، مەدەنىيەت جەھەتتە يۇغۇرۇلۇشى، خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشىدا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىدۇ.

خۇددى ئەنگلىيەنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت مۇتەخەسسىسى كېيت بېننېتنىڭ كۆزەتكىنىدەك، بۇنداق كۆپ قاتلاملىق مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش «ئىلىم - پەن، بىلىمنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، يەنە ئۆزئارا چۈشىنىشنى، تىنچلىق ۋە دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ».

بۇ باھاردا، دۇنيا مەدەنىيلىكى گۈلزارلىقىغا تېخىمۇ كۆپ دوستلۇق ئۇرۇقى چېچىلماقتا.

ئىسپانىيەنىڭ ئالىكان ئارخېئولوگىيە مۇزېيىدا لەشكەر ۋە ئات ھەيكەللىرى «جۇڭگونىڭ چىن، خەن سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى مەدەنىيلىك مىراسلىرى» كۆرگەزمىسىدە نامايان قىلىنىپ، مەملىكەت سىرتىدىكى ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى چۈشىنىدىغان يەنە بىر كۆزنەك بىلەن تەمىنلىدى. شەنشى ئۆلكىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى چيەن جىكۇينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، لەشكەر ۋە ئات ھەيكەللىرى شەنشىنىڭ مەملىكەت سىرتىدا ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن مەدەنىيەت يادىكارلىقى بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پېرۇ، ئەنگلىيە، تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەردە كۆرگەزمە قىلىنىپ، جەلپ قىلىنغان ئېكسكۇرسىيەچىلەرنىڭ سانى 1 مىليوندىن ئاشقان، ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ، جۇڭگو بىلەن ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى ئارىسىدىكى چۈشىنىش ۋە دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇردى».

فىرانسىيە ۋېرسال سارىيىدىكى 70تىن ئارتۇق قىممەتلىك سەنئەت بۇيۇمى يېڭىلا كۆڭۈل قويۇپ ئوراپ قاچىلىنىپ بېيجىڭغا يەتكۈزۈلدى، پات ئارىدا گۇگۇڭ مۇزېيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «ۋېرسال سارىيى ۋە زىجىنچېڭ» كۆرگەزمىسىدە كۆرگەزمە قىلىنىدۇ. بۇ، جۇڭگو - فىرانسىيە مەدەنىيەت - ساياھەت يىلىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم پائالىيەت بولۇپ، كۆرگەزمە پىلانلاش كوللېكتىپى كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تاللاپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىلىم - پەن، دىپلوماتىيە، سەنئەت ئىجادىيىتى قاتارلىق ساھەلەردىكى كەڭ ئالماشتۇرۇش تارىخىنى نامايان قىلىشنى مەقسەت قىلغان. فىرانسىيە تەرەپنىڭ كۆرگەزمە پىلانلىغۇچىسى، ۋېرسال سارىيى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى مارى لول دروشبرۇنې مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «بۇ، ئىككى تەرەپ تەڭ كۈچ چىقىرىدىغان بىر مەيدان مەدەنىيلىك كاتتا پائالىيىتى».

باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، سۆھبەتلىشىش، سىغدۇرۇشچان بولۇشتىن ئىبارەت مەدەنىيلىك قارىشىغا ئەمەل قىلىپ، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ھەم ئەمەلدە كۆرسىتىپ، جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى ئوخشاش بولمىغان رايونلار بىلەن بولغان ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتتى، جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك ھەمراھلار ئالماشتۇرۇش داۋامىدا بىر - بىرىنى چۈشەندى، بىر - بىرىنىڭ قەلب ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇردى.

«يېڭى يىپەك يولى» يەنە «مەدەنىيەت يىپەك يولى»

شەرقىي ئافرىقا دۆلىتى ئۇگاندادا، 45 ياشلىق تەربىيەلىگۈچى مارتىن ئوكود يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش ئەندىزىسى ئارقىلىق ئاساسىي داۋالاش - پەرۋىش بىلىملىرىنى ئۆگىتىپ، بۇ دۆلەتنىڭ بەزى رايونلىرىدىكى داۋالاش مۇلازىمىتى بوشلۇقىنى تولدۇردى. ئوكود 2018 - يىلى جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتى ئورتاق تەسىس قىلغان چاڭچېڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىپ، شاڭخەي خۇادۇڭ سىفەن داشۆسىدە ئۇچۇر ۋە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسىنى ئۆگەنگەن. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ بېرىدىغان بۇ تۈر «كەلگۈسىدىكى نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرگە تەسىر كۆرسىتىدۇ».

كېنىيە كىسى داشۆسىنىڭ لېكتورى ئاسەيناس مايەبمۇ چاڭچېڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشكۈچى. 2019 - يىلى جۇڭگودا ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، ئۇ شاڭخەيدە مەھەللە خىزمىتىگە قاتناشقان، شەندۇڭ يېزىلىرىدا شۇ جاينىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئۆگەنگەنىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن بىلەن بىر تۈركۈمدە چاڭچېڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشكۈچىلەر ئېفىيوپىيە، نامىبىيە، تانزانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، سانائەتلەشتۈرۈش قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان ساھەلەردە خىزمەت قىلىدۇ، ھەممىمىز بىردەك، جۇڭگودىكى ئۆگىنىش كەچۈرمىشىمىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆزىمىزنى بېغىشلىشىمىزغا ياردىمى زور، دەپ قارايمىز.

رەئىس شى جىنپىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتى باش ئىشتابىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا: چاڭچېڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشكۈچىلەر سانىنى ھەر يىلقى 25 كىشىدىن 75 كىشىگە كۆپەيتىمىز، دەپ جاكارلىدى. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە يۈزلەنگەن بۇ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تۈرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن «جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقى»نى قوللاشتىكى ئۈلگە، دەپ ئاتالدى.

جۇڭگو دۇنيادىكى ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكلەر بىلەن ئۆزئارا تۇتىشىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، دۇنيا بىلەن تەرەققىيات پۇرسىتى ۋە مۇۋەپپەقىيەت تەجرىبىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئارقىلىق ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ياراتماقتا.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتى جەمئىيىتى دۇنيا بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى دۇ يۆ مۇنداق دېدى: ئادەمنى ئاساس قىلىپ، مائارىپ، ماھارەت ۋە تېخنىكا بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق ئادەمنىڭ تەرەققىياتىنى يۈكسەلدۈرۈپ، بۇ ئارقىلىق جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش − جۇڭگو تەشەببۇس قىلغان تەرەققىيات قارىشى، مەدەنىيلىك قارىشى، ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ئىدىيەسىگە ئىنتايىن ئۇيغۇن.

جاڭ چيەن غەربىي يۇرتقا ئەلچىلىككە چىقىپ، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا رايونلىرى بىلەن بولغان مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشى ۋە سودا ئالاقىسىگە يول ئاچقان؛ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە، چاڭئەن شەھىرىگە ئەلچىلەر، سودىگەرلەر، چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار توپلانغان؛ جېڭ خې يەتتە قېتىم غەربىي ئوكيانغا سەپەر قىلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ لىنىيە بويىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر خەلقلىرى بىلەن بولغان دوستانە ئالاقىسىنىڭ ئېسىل داستانىنى پۈتكەن... ئون يىل ئىلگىرىكى نۇتقىدا، رەئىس شى جىنپىڭ قەدىمكى يىپەك يولىدا جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ دۇنيا مەدەنىيلىكى بىلەن ھەمتۈرتكە بولغانلىقىدەك شانلىق تارىخنى جانلىق سۈرەتلەپ بەردى.

رەئىس شى جىنپىڭ سۈرەتلەپ بەرگەن قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ شەرق بىلەن غەربنى تۇتاشتۇرغان ئاۋات مەنزىرىسى بوكوۋادا چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردى. «ئۇ سودا ۋە ئىقتىساد ئالماشتۇرۇش يولى، شۇنداقلا بىلىم ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش يولى».

بوكوۋا بۇلتۇر جۇڭگوغا كېلىپ 3 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىپ، بۈگۈنكى جۇڭگونىڭ دۇنيا بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتا قولغا كەلتۈرگەن ئەمەلىي نەتىجىلىرىگە قارىتا تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولدى. شالغۇت شال، زەمبۇرۇغ ئوتى ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش، نۇرغۇن تۆمۈريول ياساش ۋە نۆۋەتچى پويىزلارنى يولغا سېلىش، لۇبەن ھۈنەرخانىسى ۋە تۈرلۈك تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش تۈرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش... ئون يىلدا، «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىقى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەرگە 420 مىڭ خىزمەت ئورنى يارىتىپ بېرىپ، تېخىمۇ كۆپ دۆلەت ۋە رايوننىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى ھەم خەلق تۇرمۇشىغا بەخت ياراتتى.

بوكوۋا مۇنداق قارىدى: بۇ، «يېڭى يىپەك يولى» يەنە «مەدەنىيەت يىپەك يولى». 2014 - يىلى 6 - ئايدا، جۇڭگو، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان بىرلىشىپ ئىلتىماس قىلغان «يىپەك يولى: چاڭئەن − تىيانشان كارىدورى يول تورى» تۈرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا «دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلدى. بوكوۋانىڭ قارىشىچە، بۇ قېتىمقى بىرلىشىپ «دۇنيا مىراسىغا ئىلتىماس قىلىش» جۇڭگونىڭ مەدەنىيلىكنى قوغداش ۋە ماس تەرەققىي قىلىشقا قوشقان يەنە بىر تۆھپىسى. 2023 - يىلى 5 - ئايدا جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى بىلەن بىر قاتار ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى، بۇ، مەدەنىيەت، ساياھەت قاتارلىق ئادىمىيەت جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق مۇستەھكەملەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، جۇڭگو تەرەپ يەنە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنى «مەدەنىيەت يىپەك يولى» پىلانىنى يولغا قويۇشقا قاتنىشىپ، خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تەكلىپ قىلدى.

«<بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىدا مەدەنىيەت ۋە مەدەنىيلىككە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىلگەن.» بوكوۋا مۇنداق دېدى: «پەقەت ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرغاندىلا، ئىنسانلار ئاندىن مەدەنىيەت، پەن - تېخنىكا ۋە بىلىم جەھەتتە گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ».

«ھەربىر جۈملە سۆزىنىڭ ھازىرمۇ ۋاقتى ئۆتمىدى»

جۇڭگو - فىرانسىيە مەدەنىيەت - ساياھەت يىلىدىكى يەنە بىر مەيدان ئۆزگىچە پائالىيەت «ناپالېئون بىلەن ئۇچرىشىش» كۆرگەزمىسى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرماقتا. كۆرگەزمە بۇيۇملىرى ئىچىدە قوي يۇڭى بىلەن يىپەكتىن توقۇلغان بىر پارچە ئاسما گىلەم بار، ئۇنىڭدا ناپالېئوننىڭ بىر مەيدان ئاچقۇچلۇق جەڭدىن كېيىن، ئۆزىنىڭ مۇھاپىزەت ئەترىتىگە شەرەپ شەمشىرى تارقىتىپ بېرىۋاتقانلىقى تەسۋىرلەنگەن.

ناپالېئون بىر مەھەل شەمشەر ئوينىتىپ دەۋر سۈرگەن، ئاخىرىدا ۋاتېرلۇ ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغان. ئۇ فىرانسىيە شائىرى فونتانا بىلەن قىلغان سۆھبىتىدە: «دۇنيادا ئۆتكۈر شەمشەر ۋە ئىدىيەدىن ئىبارەت ئىككى خىل كۈچ بار؛ يىراقنى كۆزدە تۇتقاندا، ئۆتكۈر شەمشەر ھامان ئىدىيە تەرىپىدىن مەغلۇپ بولىدىكەن» دەپ ئېتىراپ قىلغان.

ئون يىل ئىلگىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتى باش ئىشتابىدا، رەئىس شى جىنپىڭ ناپالېئوننىڭ بۇ بىر جۈملە سۆزىنى نەقىل كەلتۈردى ھەم مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلەت ھالقىغان، زامان - ماكان ھالقىغان، مەدەنىيلىك ھالقىغان مائارىپ، پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت پائالىيىتى ئارقىلىق، تىنچلىق ئىدىيەسى ئۇرۇقىنى دۇنيا خەلقىنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتقۇزۇپ بىخلاندۇرۇشىمىز، بىز ئورتاق ياشاۋاتقان بۇ پىلانېتتا تىنچلىق ئورمانلىرىنى كۆپلەپ بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

ھازىر، دۇنيا تىنچلىقى يەنىلا ئىس - تۈتەك ئىچىدە تۇرماقتا، ئۇكرائىنا كىرىزىسى سوزۇلۇپ داۋاملاشماقتا، پەلەستىن - ئىسرائىلىيە ۋەزىيىتى بىردىنلا كەسكىنلىشىپ، تېررورلۇق ھۇجۇمى پات - پات ئېچىنىشلىق پاجىئەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامدىن قارىغاندا، زومىگەرلىك، زوراۋانلىق سىياسىيسى، نۆل يىغىندىلىق كۈچ سىنىشىشتەك كونا تەپەككۇر كۈچىنى يوقاتقان بولسىمۇ، ئەمما تەسىرى مەلۇم دەرىجىدە ساقلىنىپ قالدى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك «مەدەنىيلىك توقۇنۇشى»غا قۇترىتىش سۇيىقەست پىلانلىغۇچىلارنىڭ دەستىكى ۋە قورالىغا ئايلىنىپ قالماقتا.

«ئاشۇ مەيدان نۇتقىدىكى ھەربىر جۈملە سۆزىنىڭ ھازىرمۇ ۋاقتى ئۆتمىدى، بىز يەنىلا ئوخشاش مەسىلىگە، جۈملىدىن دۆلەتلەر ئارىسىدىكى خاتا چۈشەنچە، ھەمكارلاشماسلىق مەسىلىسىگە دۇچ كەلدۇق.» بوكوۋا مۇنداق دېدى: «رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيلىك سۆھبىتىگە تۈرتكە بولۇش، مەدەنىيلىكنىڭ كۆپ خىللىقىغا ھۆرمەت قىلىش ئىدىيەسى نۆۋەتتە ئىنتايىن مۇھىم».

مەدەنىيلىكنىڭ كۈچى تىنچلىقنى ساقلايدىغان كۈچ، ئۇ ئىنتايىن ئەۋرىشىم ھەم ئىنتايىن مۇستەھكەم. ئاساسىي مەيدان دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرىدىن چەت ئەلگە زىيارەتكە چىقىشقىچە، ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىش سۆھبىتىدىن كۆپ تەرەپلىك يىغىنلارغىچە، رەئىس شى جىنپىڭ ئوخشاش بولمىغان سورۇنلاردا، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنىنى قايتا - قايتا ئىزاھلىدى: «ئۆزىنىلا ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇۋېلىشقا، باشقا مەدەنىيلىك ۋە مىللەتلەرنى كەمسىتىشكە بولمايدۇ» «ھەرخىل مەدەنىيلىك ئەسلىدىنلا توقۇنۇشمايدۇ، پەقەت بارلىق مەدەنىيلىكنىڭ گۈزەللىكىدىن ھۇزۇرلىنىدىغان كۆز بولۇشى كېرەك» «ئۆزىنىڭ ئىرقى ۋە مەدەنىيلىكىنى باشقىلارنىڭكىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ دەپ قاراپ، باشقا مەدەنىيلىكلەرنى جاھىللىق بىلەن ئۆزگەرتىشكە، ھەتتا ئۇنىڭ ئورنىنى ئېلىشقا ئۇرۇنۇش تونۇش جەھەتتىن ئېيتقاندا ئەخمىقانىلىق، ئۇسۇل جەھەتتىن ئېيتقاندا ئاپەت خاراكتېرلىكتۇر»...

گېرمانىيە بېرلىن پىرۇسسىيان جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي رەئىسى فالكىر چاپۇك مۇنداق قارىدى: رەئىس شى جىنپىڭ ئىزاھلىغان جۇڭگونىڭ مەدەنىيلىك قارىشى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى زىددىيەتلەرنى تۈگىتىشكە ياردەم بېرىدۇ، «ئولتۇرۇپ باراۋەر كېڭىشىش»نى قەدىرلەيدىغان بۇ خىل مەدەنىيلىك قارىشى «مۇشتى چوڭ بولسا ئاجىزلارنى بوزەك قىلغىلى بولىدۇ» دەيدىغان قىممەت قارىشى بىلەن تۈپتىن ئوخشىمايدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىراننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشتىن، ئۇكرائىنا كىرىزىسىگە ئالاقىدار كۆپ تەرەپ ئارىسىدىكى ئالدىراش دىپلوماتىيە ئۈچۈن توختىماي كۈچ چىقىرىشقىچە، ئاندىن پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكىچە... جۇڭگو توقۇنۇشنى تۈگىتىش ئۈچۈن چاقىرىق قىلدى، تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن توختىماي كۈچ چىقاردى، دۇنيانىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن جۇڭگو لايىھەسى ۋە جۇڭگو كۈچىنى سىجىل تەقدىم قىلدى.

سېنېگال ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى شەيخ ئېندىيايې مۇنداق قارىدى: جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە ئەمەلدە كۆرسەتكەن يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكلەر ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇش ۋە چۈشىنىشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، ئۆزئارا تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇقۇشماسلىق ۋە بىر تەرەپلىمە قاراشنى ئازايتىپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتنىڭ كەڭ قورساق بولۇپ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى يېڭى ئىدىيەۋى ۋە سىياسىي ئاساس بىلەن تەمىنلىدى.

مەدەنىيلىك سۇغا ئوخشايدۇ، ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھەممىنى قوبۇل قىلىش پوزىتسىيەسى بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيلىك نەتىجىلىرىنى قوبۇل قىلىش، ئۆزىگە ئىشىنىش، ئېچىۋېتىش قىياپىتى بىلەن مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا مەنىۋى كۈچ قوشۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق خىرىسنى ھەل قىلىشىنى ئەقىل - پاراسەت ۋە ئىلھام بىلەن تەمىنلىمەكتە. جۇڭگو ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكنىڭ تىنچ بىللە تۇرۇشى، ئىناق بىللە ئۆتۈشىنى داۋاملىق تەشەببۇس قىلىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى، يېقىن ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا چوڭقۇر، ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان مەدەنىيەت، مەدەنىيلىك كۈچىنى قوشىدۇ.

(قاتناشقان مۇخبىرلار: ۋۇ خاۋ، ياڭ يىمياۋ، جاڭ بەيخۇي، لى خۇالىڭ، ۋاڭ شۈچېن، نيې زۇگو)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى)