دۆلىتىمىزدە كۆچمە تېرمىنال تورى كۆرۈش-ئاڭلاش app لىرىنىڭ كىشى بېشى كۈنلۈك ئىشلىتىلىش ۋاقتى 3 سائەتتىن ئېشىپ كەتتى

日期:2024年03月29日
来源:新疆日报网
【字体:

«جۇڭگو توردا كۆرۈش-ئاڭلاشنىڭ تەرەققىياتى تەتقىقات دوكلاتى (2024)»دا كۆرسىتىلىشىچە، 2023-يىلى 12-ئايغىچە، كۆچمە ئالاقە تورى ئابۇنىچىلىرىنىڭ كىشى بېشى كۈنلۈك تور ئىشلىتىش ۋاقتى 435 مىنۇت بولغان؛ كۆچمە تېرمىنال تورى كۆرۈش-ئاڭلاش app لىرىنىڭ كىشى بېشى كۈنلۈك ئىشلىتىلىش ۋاقتى 187 مىنۇت بولۇپ، 3 سائەتتىن ئېشىپ كەتكەن. كونكرېت قارىغاندا، قىسقا سىن app لىرىنىڭ ئابۇنىچىلارنى يېپىشتۇرۇشچانلىقى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، كىشى بېشى كۈنلۈك ئىشلىتىش ۋاقتى 151 مىنۇت بولغان؛ ئۇزۇن سىن app لىرى ئابۇنىچىلىرىنىڭ كىشى بېشى كۈنلۈك ئىشلىتىش ۋاقتى 112 مىنۇت بولغان، كۆڭۈل ئېچىش\ئويۇن ئويناش، بىۋاسىتە كۆرسىتىش app لىرى ئابۇنىچىلىرىنىڭ كىشى بېشى كۈنلۈك ئىشلىتىش ۋاقتى 63 مىنۇت بولغان، تور ئۈن-سىن app لىرى ئابۇنىچىلىرىنىڭ كىشى بېشى كۈنلۈك ئىشلىتىش ۋاقتى 29 مىنۇت بولغان. (مۇخبىر چېن كەي)

مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات تېرمىنالىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى