مائارىپ مىنىستىرلىقى كۆپ خىل تەدبىر ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى

日期:2024年03月29日
来源:新疆日报网
【字体:

مۇخبىرنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە،2024-يىلى، مائارىپ مىنىستىرلىقى «ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىلى»نى يېتەكچى قىلىپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىكساغلاملىقى جەھەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرىدىكەن.

مەۋقەنى «كېسەل بولماسلىقنىڭئالدىنى ئېلىش»قا قويۇپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك قاتارلىق «بەش تەربىيە»نى تەڭ تۇتۇپ، پىسخىك ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقى مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار پىسخىك ساغلاملىق خىزمىتى مەسلىھەت بېرىش كومىتېتىغا تايىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىق مەسىلىسىنىڭ شەكىللىنىش مېخانىزمىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ. زېھنىي كۈچ ۋە بايلىقنى مەركەزلەشتۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىنى كۆزىتىش سۇپىسىنى ياخشى قۇرۇپ، ئىلمىي، قېلىپلاشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىنى كۆزىتىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ. مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، مەكتەپلەرنىڭ پىسخىكا ساغلاملىقى خىزمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىق مەسىلىسىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، بايقاش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېز يۆتكەپ داۋالاش «يېشىل يولى»نى ئاچىدۇ. ئىلمىي تەتقىقات ۋە بىلىملەرنى ئومۇملاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، «مەملىكەت بويىچەئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىكا ساغلاملىقى دەرسخانىسى»نى ئېچىپ، پۈتۈن جەمئىيەتئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىكا ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ياخشى ئېكولوگىيە بەرپا قىلىدۇ.

(باش ئىستانسا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى لياڭ جىڭجىڭ، ما لى)

مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر تېرمىنالى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى