قۇم-بوراندىن سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى: شىنجاڭ قاتارلىق 13 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەرنىڭ قىسمەن رايونلىرىغا چېتىلىدۇ

日期:2024年03月28日
来源:新疆日报网
【字体:

مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 6دە داۋاملىق قۇم-بوراندىن سېرىق رەڭلىك ئاھاگلاندۇرۇش سىگنال تارقاتتى:

سوغۇق ھاۋا ئېقىمى ۋە بوراننىڭ تەسىرىدە، مۆلچەرلىنىشىچە 3-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 8دىن 3-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 8گىچە، شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقى، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي قىسمى، نىڭشيانىڭ شىمالىي قىسمى، شەنشىنىڭ شىمالىي قىسمى، سەنشى، خېبېي، بېيجىڭ، تيەنجىن، شەندۇڭ، خېنەننىڭ شىمالىي قىسمى، خېيلۇڭجياڭنىڭ غەربىي قىسمى، جىلىننىڭ غەربىي قىسمى، لياۋنىڭنىڭ ئوتتۇرا، غەربىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا قۇم ياكى چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئوتتۇرا قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا قۇم-بوران كۆرۈلىدىكەن.

مۇداپىئە كۆرسەتمىسى:

1. بوراندىن، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەش، ئىشىك-دېرىزىلەرنى ۋاقتىدا تاقاش؛

2. ماسكا تاقاشقا دىققەت قىلىش، گاز ياغلىق قاتارلىق چاڭ-توزاندىن ساقلىنىش بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىپ، چاڭ-توزاننىڭ كۆز ۋە نەپەس يولىنى زەخىملەندۈرۈشىدىن ساقلىنىش؛ نازۇك ئەسۋابلارنى ھىملەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش؛

3. قورشاش تاختىسى، باراڭ، ۋاقىتلىق ئېسىلغان نەرسىلەر قاتارلىق شامالدا ئاسان تەۋرىنىدىغان نەرسىلەرنى چىڭىتىش، قۇم-بوراننىڭ تەسىرىگە ئاسان ئۇچرايدىغان ئۆي سىرتىدىكى نەرسىلەرنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش؛

4. كۆرۈش دەرىجىسى بىرقەدەر تۆۋەن بولغاچقا، شوپۇرلار سۈرئەتنى كونترول قىلىپ، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

مەنبە: جۇڭگو مېتېئورولوگىيە تورى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى