جياڭشى يۈگەن: دەريا-ئېقىنلار، گۈل دېڭىزلىرى سۈرەتتەك گۈزەل

日期:2024年03月27日
来源:新疆日报网
【字体:

ئاپتور: خۇا شياۋخۇي، لى لۇڭ

كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ئالتۇن رەڭ يۈز چاقىرىمغىچە سوزۇلدى، كۆز يەتكۈسىز كۈز رەڭگى پوياڭخۇ كۆلىنى مەستخۇش تۈسكە كىرگۈزدى. جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ يۈگەن ناھىيەسى سەنتاڭ يېزىسى شېنبۇ كەنتىنىڭ جەنۇبىدا، پوياڭخۇ كۆلىگە ئالتۇن رەڭلىك ئاي شولىسى چۈشكەندەك يايسىمانشەكىل ھاسىل بولغانىدى. قىچا گۈللىرى يېزا-كەنت يوللىرى، سۇ سىستېمىسى، دېھقانلار تۇرالغۇسى بىلەن بىرلىشىپ بىر پارچە گۈزەل يېزا-كەنت يۆگىمە رەسىمىنى شەكىللەندۈرۈپ، «بىر كەنتتە بىر مەھسۇلات» «بىر كەنتتە بىر قىياپەت» «بىر كەنتتە بىر مەنزىرە» نامايان بولغانىدى. ئۇلار كىشىنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرۇپ، قەلبىگە يېپيېڭى تۇيغۇ بېغىشلاپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى شۇ جاينىڭ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدىكى يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى نامايان قىلىپ، «گۈل دېڭىزى ئىقتىسادى»غا تايىنىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشماقتا.

مەنبە: جياڭشى ئۆلكىلىك تەبىئىي بايلىق كەسپى تەرەققىيات مەركىزى