ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئىپادە بىلدۈردى: قۇرامىغا يەتمىگەنلەر قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش قاتارلىق ئېغىر جىنايەتلەرنى سادىر قىلسا جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ

日期:2024年03月25日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

مۇخبىر ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن مۇنۇلارنى ئىگىلىدى: ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى يىڭ يۇڭ يېقىندا نىڭشيادا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قارىتىلغان تەپتىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە زىيانكەشلىك قىلىش جىنايىتىگە «قەتئىي يول قويماسلىق»تا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىنى ئۇنىۋېرسال ئادا قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەپتىش قىلىش، ئەدلىيەلىك قوغداش ئارقىلىق «ئالتە چوڭ قوغداش»نى ئىلگىرى سۈرۈپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن قانۇن ئىدارە قىلىش كۆك ئاسمىنى بەرپا قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر سادىر قىلغان قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش، قەستەن زەخىملەندۈرۈش، ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش قاتارلىق ئېغىر جىنايەتلەردىن تەكشۈرۈپ تەستىقلاپ سۈرۈشتۈرۈش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. مەخسۇس مەكتەپ قۇرۇلۇشىغا پائال ماسلاشتۇرۇپ تۈرتكە بولۇپ، جىنايەت ئۆتكۈزگەن، خاتالىق سادىر قىلغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى دەرىجىگە ئايرىپ ئارىلىشىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تەربىيەلەپ تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشى كۆپ يۈز بېرىش ۋەزىيىتىنى قەتئىي توسۇش كېرەك. (باش ئىستانسا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى چېڭ چىن)

پايدىلانغان مەنبە:مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى