ئىللىق باھارنى قەدىرلەپ، تېخىمۇ ئالغا ئىلگىرىلەش

日期:2024年03月24日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جۇ جىچەي، شى يۈسېن

باھار بىر يىلدىكى ئەڭ ياخشى مەزگىل.

ئىللىق باھار شامىلى كەڭ كەتكەن دۇڭتىڭخۇ كۆلى تۈزلەڭلىكىنى سىيپاپ ئۆتتى، «دۇڭتىڭ ئاشلىق ئامبىرى» بولغان خۇنەن چاڭدېدا، بىر پارچە گۈزەل ئەتىيازلىق تېرىلغۇ رەسىمى يېيىلدى − سېرىق، يېشىل رەڭلەر گىرەلىشىپ كەتكەن قىچا چېچىكى دېڭىزىدا، پىرقىرىما سوقا گۈرۈلدەيتتى؛ يېزىلاردىكى گىرەلىشىپ كەتكەن كىچىك يوللاردىن تۇپراقنىڭ خۇش ھىدى تارىلىپ تۇراتتى؛ شاللىقلاردا كەنت ئاھالىلىرى شال مايسىسى يېتىشتۈرۈش بىلەن ئالدىراش ئىدى.

3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، خۇنەندە تەكشۈرۈشتە بولۇۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ جايغا كېلىپ، ئېتىز بويىدىكى چىغىر يولنى بويلاپ ئېتىزلارنىڭ ئىچكىرىسىگە كىرىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقىنى تەكشۈردى.

مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئاخىرلىشىپ ئۇزاق ئۆتمەي، باش شۇجى ئالدىراشلىق ئىلكىدىكى تەكشۈرۈش سەپىرىنى باشلىدى. بۇ قېتىم كېلىشىدە، ھەم بىر ئۆلكىدە تەكشۈرۈشتە بولۇپ، ھەم بىر رايوننى پىلانلاپ، يېڭى دەۋردە ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدا ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ «تۈۋرۈك»ىنى تىكلەشكە تۈرتكە بولدى.

«دېھقانچىلىق پەيتىگە دەخلى يەتكۈزمىگەندە، ھەددى - ھېسابسىز ئاشلىققا ئېرىشكىلى بولىدۇ» «دېھقانچىلىق پەيتىنى ئەپلەپ - سەپلەپ ئۆتكۈزۈۋەتكەندە، بىر يىللىق ھوسۇلغا تەسىر يېتىدۇ» «ئىشنى يېرىم يولدا تاشلاپ قويغانلار مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ، تېرىقچىلىقتا بوشاڭلىق قىلغانلار ھوسۇل ئالالمايدۇ»... ئۇزاق تارىخقا ئىگە تېرىقچىلىق مەدەنىيلىكى ۋاقىت، قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىپ، پەيتنى چىڭ تۇتۇپ ھەرىكەت قىلىدىغان، ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ ئىلگىرىلەيدىغان ئەقىل - پاراسەتنى شەكىللەندۈردى، پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان غەيرەت - شىجائەتنى تاۋلاپ يېتىلدۈردى، ئۇزاققىچە بوشاشماي تىرىشىدىغان ئېلاستىكلىقنى بارلىققا كەلتۈردى.

باش شۇجى ئېتىز بويىدا ئاشلىق تېرىش چوڭ ئائىلىسىدىكىلەر، يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرى قاتارلىقلار بىلەن ئەتىيازلىق تېرىلغۇ توغرىسىدا ئورتاق پاراڭلاشتى. باش شۇجى يېڭىلا تېرىلغان شال ئۇرۇقىنى كۆرۈپ كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا: «سىلەرنىڭ بۇ جايدا مايسا كۆچۈرۈش قاچان باشلىنىدۇ؟» دەپ سورىدى.

«4 - ئاينىڭ بېشى ۋە ئوتتۇرىلىرىدا باشلىنىدۇ».

«جەنۇبتا چىلگە شال مايسىسى كۆچۈرۈش 5 - ئايغا قالمايدۇ - ھە!» باش شۇجىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى پىششىق بىلىدىغانلىقى كۆپچىلىككە تېخىمۇ يېقىملىق، راھەت تۇيغۇ بېغىشلىدى.

چىلگە شال مايسىسىنى 5 - ئايغا قالماي كۆچۈرۈش شال مايسىسى كۆچۈرۈشنى پەقەت 5 - ئايدىن بۇرۇن تاماملاپ بولغاندىلا، ئاندىن كېيىنكى ھالقىلارنى بىر - بىرىگە زىچ باغلىغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدا ئالدىراپ كېتىشكىمۇ، كۈتۈپ تۇرۇشقىمۇ بولمايدۇ، دېھقانچىلىق پەيتىگە بۇنداق ئەھمىيەت بېرىشكە ئىشلەپ نەتىجە ھاسىل قىلىشتەك ئاددىي داۋلى مۇجەسسەملەنگەن.

بۇ، كىشىگە ئىختىيارسىز ھالدا بۇ يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، باش شۇجىنىڭ «بارلىق پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، بارلىق پايدىلىق شارائىتتىن پايدىلىنىپ، ئايدىڭلاشتۇرغان ھامان چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ غەيرىتىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك» دېگەن كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان سۆزىنى ئەسلەتتى.

ئىشتىنىنىڭ پۇچقىقى لاي بولۇپ كەتكەن، «90 - يىللاردا تۇغۇلغان» يېڭى دېھقان چېن شۈەييۈ باش شۇجىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

خۇنەنلىك بالا «جاپاغا چىداپ، سەۋرچان بولۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىشلەپ»، «باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان ئىش قىلىش»قا ئىرادە باغلىدى. توققۇز يىل ئىلگىرى، داشۆنى پۈتكۈزگەن چېن شۈەييۈ يۇرتىغا قايتىپ دېھقان بولۇشنى قارار قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، 2800 مودىن ئارتۇق شاللىقنى ھۆددىگە ئېلىپ، ناھايىتى خۇشال ئىشلىدى.

« بۇ ئىشنى داۋاملاشتۇرامسىز؟» دەپ سورىدى باش شۇجى.

«جەزمەن داۋاملاشتۇرىمەن، بىز ئىشلىگەنسېرى تېخىمۇ غەيرەتكە تولدۇق!» دەپ جاۋاب بەردى يىگىت كەسكىنلىك بىلەن.

مايسا تىكىش ماشىنىسى، مايسا كۆچۈرۈش ماشىنىسى، ئۆسۈملۈك ئاسراش تىزگىنەكلىك ئۇچقۇسى... «80 - يىللاردا تۇغۇلغان» ئاشلىق تېرىش چوڭ ئائىلىسىدىن دەي خۇڭ ئۆز ھويلىسىدا باش شۇجىغا ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئۈچۈن تەييارلىغان يېزا ئىگىلىك ماشىنا - سايمانلىرىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى.

ئىلگىرى بىر ئائىلە كىشىلىرى ئەڭ كۆپ بولغاندا 50 مو يەر تېرىيتتى. بۈگۈنكى كۈندە دەي خۇڭ 480 مودىن ئارتۇق شاللىقنى ھۆددىگە ئېلىپ، ئۇنىۋېرسال كىرىمىنى 600 مىڭ يۈەندىن ئاشۇردى. «ئۇ ئائىلىمىزنىڭ تۈۋرۈكى!» دېدى دەي خۇڭنىڭ ئاتا - ئانىسى پەخىرلەنگەن ھالدا باش شۇجىغا.

يېڭىچە كەسپىي دېھقانلار، يېڭىچە تىجارەت سۇبيېكتلىرى، يېڭى تېخنىكا ئىدىيەسى. بۇ تۇپراقتا، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتىن يېزا كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكىچە، يەنە يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقىچە، چوڭقۇر ئۆزگىرىش ۋە كۈچ ئۇلاش داۋاملىشىپ، تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىنى بارلىققا كەلتۈرمەكتە.

زىرائەت بىر يىلدا پىشىدۇ، دەرەخ ئون يىلدا يېتىلىدۇ، ئادەم يۈز يىلدا. خۇنەن تۇپرىقى دەل مايسا يېتىشتۈرۈش پەسلىنى كۈتۈۋالدى، ئۇ ئادەم تەربىيەلەيدىغان مۇنبەت تۇپراق.

«خېڭشەن تېغىنىڭ غەربىي تەرىپى بىلەن يۆلۇ تېغىنىڭ شەرقىي تەرىپى ئوتتۇرىسىدا چېڭنەن شۆيۈەنى قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، سىم - سىم يېغىۋاتقان باھار يامغۇرىدا، خۇنەن چاڭشاغا ئەمدىلا كەلگەن باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇنەن 1 - سىفەن شۆيۈەنى(چېڭنەن شۇيۈەن مەكتەپ رايونى)گە كىردى.

شامالنىڭ غۇيۇلدىغان ئاۋازى، يامغۇرنىڭ تامچىلىغان ئاۋازى، كىتاب ئوقۇغان ئاۋاز، سىنىپ، ياتاق، تەكرارلاش سىنىپى، بۇرۇنقى ۋاقىتلارنى ئەسلىگىنىمىزدە، قاينام - تاشقىنلىق يىللار كۆپ بولدى. بىر گۇرۇپپا ئادەم ھەيكىلى توپى ئەينى يىللاردىكى ياش ساۋاقداشلارنىڭ «زېھنىمىز ئۇرغۇپ تۇراتتى يېتىلىپ، ياش تەلەپكارلارغا خاس روھ، ئىجتىھات جۇش ئۇراتتى تەنگە سىغماي ئېتىلىپ» دەيدىغان قىياپىتىنى قايتا نامايان قىلدى.

يېقىنقى زاماندىن بۇيان، بۇ «مىڭ يىللىق بىلىم يۇرتى، يۈز يىللىق سىفەن مەكتىپى» «بىلىم تارقىتىپ، پۇقرالارنى قۇتقۇزۇش»تىن ئىبارەت مائارىپ ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، «قەلبىگە جاھاننىڭ غېمىنى پۈكۈش، باشقىلارنىڭ ئالدىدا مېڭىشقا جۈرئەت قىلىش، بىلىمنى دۆلەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىش، ھەممىنى قوبۇل قىلىش»تەك خۇنەن مەدەنىيىتى روھىنى جاسارەت بىلەن يېتىلدۈردى، ماۋ زېدۇڭ قاتارلىق زور بىر تۈركۈم ئىلغار ياشلار بۇ يەردە ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىسىنى تىكلەپ، دەۋر جىددىي ئېقىنىغا ئاتلىنىپ، بىرمەھەل يۇلتۇز بولۇپ چاقناپ، ھەيۋەتلىك مەنزىرە ھاسىل قىلدى.

تارىخقا نەزەر سېلىپ، باش شۇجى ئىنتايىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «دۆلىتىمىز نامرات، ئاجىز يىللاردا، ئەينى چاغدىكى بىر تۈركۈم ۋەتەنپەرۋەرلەر جۇڭگونى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن مائارىپنى يولغا قويۇش كېرەك، دەپ قارىغان». «مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ئاساسىي مەقسىتى − ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، ھەم ئوقۇغۇچىلارنى ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشقا ئىرادە باغلاشقا يېتەكلەشتىن ئىبارەت».

باھار يامغۇرىنىڭ ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسىتىشى بىلەن باھار مايسىلىرى ساغلام ئۆسۈپ يېتىلدى.

مەكتەپ زالىدا، قىزغىن ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار چۆرىدىشىپ كەلدى. ماتېماتىكا ۋە ئىستاتىستىكا شۆيۈەنىنىڭ 3 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى لى جيې ئالدىغا بېرىپ، جاراڭلىق ئاۋازى بىلەن باش شۇجىغا ئۆزىنىڭ ئوقۇش تەسىراتىنى دوكلات قىلدى.

لى جيې خۇنەننىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايوندىن كەلگەن. يۇرتىدا باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا، ئىلگىرى خۇنەن 1 - سىفەن شۆيۈەنىنى پۈتكۈزگەن مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىدىن تەلىم ئالغان بولۇپ، «چوڭ بولغاندا مۇئەللىمىمگە ئوخشاش ئادەم بولىمەن» دەپ ئىرادە باغلىغان.

20 ياش مەزگىلى دەل كىشىلىك ھاياتنىڭ باھارى. باش شۇجىنىڭ ئالدىدا، لى جيې ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا قەتئىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «چوقۇم ياشلىق باھارىمنى قەدىرلەپ، گۈزەل دەۋرنى قەدىرلەپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى بۈيۈك ئۇستازلاردىن بولىمەن».

10 نەچچە يىلدىن بۇيان، يېزا - كەنتلەردىكى ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇغان 20 مىڭدىن ئارتۇق سىفەن ئوقۇغۇچىسى بۇ جايدىن يولغا چىقىپ، تاغلارنىڭ ئىچكىرىسىگە، كەنت - كەنتلەرگە بېرىپ، ئوقۇتۇش مۇنبىرىدە ئىجتىھات بىلەن ئىشلەپ، ئادەم تەربىيەلەپ دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزدى.

دۆلەتنى قۇتقۇزۇش، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا، يىللار ئۇچقاندەك ئۆتۈپ، دۆلىتىمىز زېمىنىدا زور ئۆزگىرىشلەر بولغان بولسىمۇ، ياشلىق باھار تومۇرداش بولۇپ كەلدى. ئۇرغۇغان ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىرادىسى باشتىن - ئاخىر بۇ مەكتەپنىڭ مەكتەپ ناخشىسىغا ئوخشاش مەردانىلىككە تولدى: «ئوقۇغۇچىلار تىرىشىپ ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ چىقىشى كېرەك!»

ھېلىمۇ ئېسىمىزدە، تۆت يىل ئىلگىرى، «ئىككىنچى 100 يىل»لىق يېڭى مۇساپە باشلىنىش ئالدىدا ئىدى، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىلانلىنىۋاتاتتى.

دەل يەنە شۇ چاڭشادا، سىم - سىم يامغۇر يېغىۋاتاتتى، باش شۇجى يۆلۇ بىلىم يۇرتىدا ئوقۇغۇچىلارغا مۇنداق دېدى: «<چۇ بەگلىكى ئىختىساسلىقلار چىقىدىغان جاي، بۇ يەردە ئىختىساسلىقلار توپلانغان>. يېڭى دەۋر قەھرىمانلار ئارقا - ئارقىدىن مەيدانغا كېلىدىغان دەۋر.» «ساۋاقداشلار چوقۇم دەۋرنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماي، گۈزەل ياشلىق باھارىڭلارنى قەدىرلىشىڭلار كېرەك».

بۇ يىل «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل، خەلق جۇمھۇرىيىتى دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 75 يىللىقىنى كۈتۈۋالىدۇ.

ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرغان چېھىرلەرگە قاراپ، باش شۇجى ئىلھاملاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ھازىر، دۇنيا يەنە 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ، دۆلىتىمىز جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ، زامانىمىزدىكى ياش ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن بۇ بىر ياخشى پۇرسەت».

باھار نۇرىدا، قەدىمىي مەدەنىيلىكنىڭ داۋاملىشىشى ۋە زامانىۋى مەدەنىيلىكنىڭ يېڭىلىنىشى چوڭقۇر ھەم ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان كۈچنى نامايان قىلدى.

خۇنەن چاڭدې، ۋۇلىڭ قەدىمىي ئايمىقى. مىڭ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى، تاۋ يۈەنمىڭنىڭ قەلىمىدە، نۇرغۇن كىشى تەلپۈنىدىغان «گۈزەل ماكان» تەسۋىرلەنگەن.

بۈگۈنكى كۈندىكى چاڭدېخې كوچىسىدا، دۇكانلار قەد كۆتۈرگەن بولۇپ، ساياھەتچىلەر كۆپ ئىدى، تارىخىي ئەسلىمىلەر بىلەن قاينام - تاشقىنلىققا تولغان تۇرمۇش ئۇچرىشىپ، يۇغۇرۇلۇپ، شەھەرنىڭ مەدەنىيەت تومۇرى ۋە زامانىۋى تۇرمۇش ئورتاق گۈللىنىپ، ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ، بايلىق مول، خەلق باياشات بولۇشتەك گۈزەل ئارزۇ رېئاللىققا ئايلاندى.

باھار يامغۇرىدىن كېيىن ھاۋا ئېچىلىپ، قۇياش ئادەتتىن تاشقىرى ئىللىق نۇر چاچتى. گىرانت تاش ياتقۇزۇلغان يولنى بويلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن دەريا بويى كوچىسىغا كىرىپ، يۈەنياڭ زوۋما بىناسىدا شۇ جاينىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۈنەر - سەنئەت كۆرگەزمىسىنى كۆردى.

«رەڭگارەڭ يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتلەر چاقناپ تۇرغان جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى ئورتاق شەكىللەندۈرگەن، شۇنداقلا ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغان.» باش شۇجى ئادىمىيەت ئىقتىسادشۇناسلىقىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى يەنە بىر قېتىم ئىزاھلىدى.

قولدا سىزىلغان بىر پارچە غايەت زور سىياھ رەسىم ئالدىدا تۇرۇپ، ياغاچ ئويما غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسى پەن نېڭخۇي باش شۇجىغا ئۆزىنىڭ پىلانىنى ئېيتىپ بەردى − 10 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، شېن سۇڭۋېن قەلىمىدىكى «خۇنەن سەپىرى خاتىرىسى»نى ئون مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بىر خۇڭچۇن يىنچېن ياغىچى ئۈستىدە ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ياغاچ ئويمىچىلىق ھۈنەر - سەنئىتى ئارقىلىق گۈزەل غەربىي خۇنەننىڭ تاغ - دەريالىرى، ئادىمىيىتىنى نامايان قىلىمەن.

پەن نېڭخۇينىڭ قارىشىچە، «ياغاچ ئويمىچىلىق پەقەت ھۈنەر - سەنئەتلا ئەمەس، ئەسەرنى روھقا ئىگە قىلىشتا، جەزمەن ئۇنىڭغا چۆكۈش، جەزمەن تارىخىي مەدەنىيەتكە سىڭىشىش كېرەك ئىكەن».

بىرەر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتقاندا، بوشاشماي كۈرەش قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ پۇختا ئىشلەش، بىردەملىك قىزغىنلىقنى قوغلاشماسلىق كېرەك، شۇندىلا چوقۇم نەتىجە قازانغىلى بولىدۇ. بۇ، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلغۇچىلارنىڭ مەنىۋى ئالاھىدىلىكى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئەمگەكچى، كۈرەش قىلغۇچىنىڭ تەسۋىرى.

دەل باش شۇجى دائىم تىلغا ئالىدىغان «مىخ قېقىش روھى» «ئون يىلدا بىر خەنجەر تاۋلاپ چىقىش» «بىر ئۆمۈر بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش» دېگەن بۇ سۆزلەر خىزمەتلەرنى تۇتۇشتىكى ئىرادە، چىدامچانلىق ۋە ئۇسۇلدۇر.

باش شۇجى نەق مەيداندا لىشۇي كېمىچىلىرى ناخشىسى نومۇرىنى كۆردى.

«كېمە ھەيدەيمىز! ھەي، ھەي، ھەي، ھوي، ھوي، ھوي...»

سەھنىدە، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلغۇچىلار ياڭراق، ناھايىتى ھەيۋەتلىك خور ئېيتىپ، لىشۇي دەرياسىدىكى كېمىچىلەرنىڭ ئەمگەك مەنزىرىسىنى تولۇق نامايان قىلىپ، كىشىلەرنى ناھايىتى ھاياجانغا سالدى.

سەھنە ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى كونا سۈرەتلەر كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالاتتى −

ئىككى قىرغاقتا تاغلار ئېگىز، قىيالار تىك ئىدى، ساھىللار خەتەرلىك بولۇپ، سۇ تېز ئاقماقتا ئىدى. قىرغاقتىكى كېمىچىلەر ئارغامچىلارنى مۈرىسىگە ئارتىپ، تاشلارنى دەسسەپ، قەدەمنى بىردەك ئېلىپ، قەتئىيلىك بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتاتتى...

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چاڭشا، 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى)