بۈگۈن شىنجاڭنىڭ شىمالىي قىسمى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار قاتارلىق جايلاردا يامغۇر ياغىدۇ

日期:2024年03月21日
来源:天山网
【字体:

كەلگۈسى بىرنەچچە كۈندە، شىمالىي جۇڭگودىن جەنۇبىي جۇڭگوغىچە ھاۋا ئىللىش دولقۇنى كۆتۈرۈلىدۇ، نۇرغۇن جايلاردا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى يېڭىلايدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 20 سېلسىيە گىرادۇس سىزىقى شىمالىي جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا قىسمىغىچە سۈرۈلىدۇ. بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى، جەنۇبىي جۇڭگودىكى نۇرغۇن جايلاردا ئەڭ يۇقىرى تېمپىراتۇرا 30 سېلسىيە گىرادۇسقا يېقىنلىشىدۇ ياكى 30 سېلسىيە گىرادۇستىن ئاشىدۇ، ئىللىق ئىسسىق ئېقىم ئادەتتىكى يىللارنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن خېلىلا ئېشىپ كېتىدۇ. ھۆل-يېغىن جەھەتتە، بۈگۈن (3-ئاينىڭ 21-كۈنى) كۆپ قىسىم رايونلاردا قار-يامغۇر ئاز ياغىدۇ، ئەتە چاڭجياڭ-خۇەيخې دەرياسى، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا يامغۇر كۆپ ياغىدۇ.

ئوتتۇرا، شەرقىي قىسىم رايونلاردا تېمپېراتۇرا داۋاملىق ئىللىيدۇ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى، جەنۇبىي جۇڭگونىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا 30 سېلسىيە گىرادۇسقا يېقىنلىشىدۇ ياكى يېتىدۇ

تۈنۈگۈن ئەتىيازلىق كۈن-تۈن تەڭلىشىش مەۋسۇمى كىردى، يىل بويى ئەتىيازلىق كۈن-تۈن تەڭلىشىش كۈنى بىر يىل ئىچىدىكى تېمپېراتۇرا ئەڭ تېز ئۆرلەيدىغان مەۋسۇم بولۇپ، تېمپېراتۇرىمۇ ناھايىتى يېقىشلىق بولىدۇ، ئوتتۇرا، شەرقىي قىسىمدىكى نۇرغۇن جايلاردا تېمپېراتۇرا ئۆرلەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي قىسمى، سەنشى، خۇنەننىڭ جەنۇبىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا تېمپېراتۇرا ئومۇميۈزلۈك 6 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولدى.

كەلگۈسى بىرقانچە كۈندە، شىمالىي جۇڭگودىن جەنۇبىي جۇڭگوغىچە تېمپېراتۇرا داۋاملىق ئۆرلەپ، ئىللىش دولقۇنى كۆتۈرۈلىدۇ، نۇرغۇن جايلاردا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى يېڭىلايدۇ. غەربىي شىمال رايونىنىڭ شەرقىي قىسمى، شىمالىي جۇڭگو، خۇاڭخې دەرياسى، خۇەيخې دەرياسى، چاڭجياڭ دەرياسى، خۇەيخې دەرياسى قاتارلىق جايلاردا تېمپېراتۇرىنىڭ يۇقىرى نۇقتىسىنىڭئەتە-ئۆگۈن كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى يۇقىرى، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 20 سېلسىيە گىرادۇس سىزىقى شىمالىي جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا قىسمىغىچە يېتىپ بارىدۇ، خۇاڭخې دەرياسى، خۇەيخې دەرياسى، چاڭجياڭ دەرياسى، خۇەيخې دەرياسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 25 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولىدۇ. چاڭجياڭنىڭ جەنۇبى، جەنۇبىي جۇڭگودا تېمپېراتۇرىنىڭ يۇقىرى نۇقتىسى3-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە كۆرۈلىدۇ، نۇرغۇن جايلاردا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 30 سېلسىيە گىرادۇسقا يېقىنلىشىدۇ ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولىدۇ، ئىللىق، ئىسسىق ھاۋا ئادەتتىكى يىللارنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن خېلىلا يۇقىرى بولىدۇ.

ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ئۆرلەش دولقۇنىنى كۈتۈۋېلىش بىلەن بىللە، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىمۇ تەدرىجىي ئۆرلەيدۇ، 3-ئاينىڭ 24-كۈنىنىڭ ئالدى-كەينىدە جەنۇبتىكى نۇرغۇن جايلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى 15 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى، ھەتتا 20 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولۇپ، كىشىلەرنىڭ سوغۇق سېزىمى كۆرۈنەرلىك يېنىكلەيدۇ. بىراق شىمالغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپىراتۇرا پەرقى سىجىل بىرقەدەر چوڭ بولۇپ، قىسمەن رايونلاردا يەنە 15 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كېتىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، 3-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن باشلاپ يېڭى بىر نۆۋەتلىك سوغۇق ھاۋا ئېقىمى كۆرۈلۈپ، بوران چىقىپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، 3-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە، ئوتتۇرا، شەرقىي قىسىمدىكى كۆپ قىسىم رايونلاردا شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ تېمپېراتۇرا 4 سېلسىيە گىرادۇستىن 6 سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدىكەن، قىسمەن رايونلاردا تېمپېراتۇرا 8 سېلسىيە گىرادۇستىن 10 سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدىكەن، ئامما ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتقا دىققەت قىلىپ، تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىشى كېرەك.

  مەملىكەتنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا بۈگۈن (3-ئاينىڭ 21-كۈنى) قار، يامغۇرنىڭ مىقدارىئاز بولىدۇ، جەنۇبتا ئەتىدىن باشلاپ يامغۇرنىڭ مىقدارى كۆپىيىدۇ

تۈنۈگۈن، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىداقار، يامغۇرنىڭ مىقدارى ئاز بولدى، ھۆل يېغىن شىزاڭنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمى، يۈننەننىڭ غەربىي قىسمىۋە شىنجاڭنىڭ ئىلى، ئالتاي قاتارلىق جايلىرىدا كۆرۈلدى.

بۈگۈن كۆپ قىسىم رايونلاردا يەنىلا قار، يامغۇر مىقدارى ئاز بولىدۇ، ھۆل-يېغىن ئاساسلىقى شىنجاڭنىڭ شىمالىي قىسمى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، شىزاڭنىڭ شەرقىي قىسمى ۋە جەنۇبىي قىسمى، يۈننەننىڭ ئوتتۇرا، غەربىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا كۆرۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يۇقىرى بوشلۇق ئوقۇرىنىڭ شەرققە يۆتكىلىشىگە ئەگىشىپ، بۇنىڭغا سۇ پارىنىڭ يەتكۈزۈلۈشى قوشۇلۇپ، شىمالىي جۇڭگو، شەرقىي شىمالدا بىر مەيدان ھۆل-يېغىن كۆرۈلىدۇ.

ئەتە ئىچكى موڭغۇلنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمى، خېيلۇڭجياڭنىڭ غەربىي قىسمى ۋە جەنۇبىي قىسمى، جىلىننىڭ ئوتتۇرا شەرقىي قىسمى، شىنجاڭنىڭ شىمالىي قىسمى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمىدىكىتاغلىق رايونلار قاتارلىق جايلاردا داۋاملىق قار-يامغۇر ياغىدۇ، ئىللىق نەم ھاۋا ئېقىمىنىڭ شىمالغا سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، چاڭجياڭ دەرياسى، خۇەيخې دەرياسى، چاڭجياڭ دەرياسىجەنۇبىنىڭ شىمالىدىكىرايونلاردىمۇ ئازراق يامغۇر ياغىدۇ.

3-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن باشلاپ يېڭى بىر نۆۋەتلىك سوغۇق ھاۋا ئېقىمى باشلىنىدۇ، سوغۇق ھاۋا بىلەن ئىللىق ھاۋانىڭ گىرەلىشىشى بىلەن دۆلىتىمىزدە كەڭ دائىرىدە ھۆل-يېغىن ۋە كونۋېكسىيەلىك ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ. ئامما ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتقا دىققەت قىلىشى، سىرتقا چىققاندا كونۋېكسىيەلىك ھاۋارايىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى