مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا تۈرتكە بولۇپ، يەرشارىۋى ھەمكارلىق ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەش

日期:2024年03月16日
来源:天山网
【字体:

− يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى پەيتىدە

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

«ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرى زىچ باغلانغان بۈگۈنكى كۈندە، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكنىڭ سىغدۇرۇشچان بولۇپ ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، ئالماشتۇرۇپ ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشى ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىگە تۈرتكە بولۇش، دۇنيا مەدەنىيلىكى گۈلزارلىقىنى گۈللەندۈرۈشتە تەڭداشسىز رول ئوينايدۇ. بۇ يەردە مەن يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى خالايمەن».

2023 - يىلى 3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن دۇنيادىكى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ يۇقىرى قاتلاملىقلار سۆھبەت يىغىنىدا، تۇنجى قېتىم دۇنياغا يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى، ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەمكارلىق ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەش نەزەردە تۇتۇلدى... يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر يىلدىن بۇيان، جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، مەدەنىيەت جەھەتتىكى يۇغۇرۇلۇش، خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇش يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ ياراتتى، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇش، يەرشارىۋى ئورتاق خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتىنى تەقدىم قىلدى، مەنىۋى كۈچنى ئۇرغۇتتى.

ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئەمەلىيەت يولىنى بېيىتىش

«مېنىڭ يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىكى مەقسىتىم دەل خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى تەڭپۇڭسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۈكسىلىشىگە ئورتاق تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت.» شۇ جاي ۋاقتى 2023 - يىلى 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ سان فىرانسىسكودا ئامېرىكىدىكى دوستانە تەشكىلاتلار بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشقاندا ھەم نۇتۇق سۆزلىگەندە، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىكى ئاساسىي مەقسەتنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

ئىنسانلار ئوخشاش بىر يەرشارى كەنتىدە ياشايدۇ، ئوخشاش بىر چوڭ كېمىگە ئولتۇرىدۇ. تۈرلۈك يەرشارىۋى خىرىسلارنىڭ كۈچلۈك بېسىمى ئالدىدا، ھەرقايسى دۆلەتلەر تارىخ، مەدەنىيەت ھەمدە جۇغراپىيەلىك ئورۇن ۋە تۈزۈم جەھەتتىكى پەرقتىن ھالقىپ، ئىنسانلار ئولتۇراقلىشالايدىغان بۇ بىردىنبىر سەييارىنى بىرلىكتە ياخشى ئاسرىشى، ياخشى قۇرۇشى كېرەك.

2013 - يىلى 3 - ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قانداق بىر دۇنيا قۇرۇش، بۇ دۇنيانى قانداق قۇرۇش توغرىسىدا جۇڭگو لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، رەئىس شى جىنپىڭ 2021 - يىلى 9 - ئايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا تۇنجى قېتىم يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ سىجىل، مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان خەلقئارا خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، رەئىس شى جىنپىڭ 2022 - يىلى 4 - ئايدا بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى يىللىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يۈكسىلىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، رەئىس شى جىنپىڭ 2023 - يىلى 3 - ئايدا يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى... شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى ئۆزئارا ماسلىشىپ، بىر - بىرىنى تولۇقلاپ، تەرەققىيات، خەۋپسىزلىك، مەدەنىيلىكتىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتىن ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى پۇختا تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

− دۇنيا مەدەنىيلىكىنىڭ كۆپ خىللىقىغا ھۆرمەت قىلىشنى ئورتاق تەشەببۇس قىلىش؛

− پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى ئورتاق تەشەببۇس قىلىش؛

− مەدەنىيلىككە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىشنى ئورتاق تەشەببۇس قىلىش؛

− خەلقئارا ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشنى ئورتاق تەشەببۇس قىلىش.

رەئىس شى جىنپىڭ تۆت «ئورتاق تەشەببۇس» ئارقىلىق يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنىنى يىغىنچاقلاپ، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يۈكسىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يولنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

مەدەنىيلىك سۇغا ئوخشايدۇ، ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ.

تارىختا، جۇڭخۇا مىللىتى ئۆزىگە ئىشىنىپ ھەم كەڭ قورساق بولۇپ، رايون سىرتىدىكى مىللەتلەر بىلەن ئارىلىشىش ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرغان، ئىلگىرى تۈمەن چاقىرىملىق سەپەردە كولدۇرما ئاۋازىنى ئىزچىل ياڭرىتىشتەك ھەيۋەتلىك يىپەك يولى كۈيىنى پۈتكەن شۇنداقلا يەنە ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن كىشىلەر چاڭئەندە جەم بولۇشتەك گۈللەنگەن تاڭ سۇلالىسى كەيپىياتىنى ياراتقان.

ئىنسانىيەت يەنە بىر قېتىم تارىخنىڭ تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرغاندا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى تۇپرىقىدا يىلتىز تارتقان يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى دەۋرنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن مەيدانغا كەلدى.

يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى ھەم مەدەنىيلىكنىڭ كۆپ خىللىقىدىن ئىبارەت ئوبيېكتىپ رېئاللىققا تولۇق ھۆرمەت قىلدى ھەم يەنە ھەر خىل مەدەنىيلىك ئارىسىدىكى ئەڭ چوڭ ئورتاقلىق ئۈستىدە تىرىشىپ ئىزدەندى؛ ھەم مەدەنىيلىككە ۋارىسلىق قىلىشقا ئەھمىيەت بەردى ھەم يەنە ئۆتمۈشكە قاراپ كەلگۈسىنى بىلىپ، كۈچنى بىرىكتۈرۈپ يەرشارىۋى مەدەنىيلىك سۆھبىتى ھەمكارلىق تورىنى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، خەلقئارا ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى، ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈردى.

مىسىرنىڭ سابىق زۇڭلىسى شەرەف مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى ۋە ئۈچ چوڭ يەرشارىۋى تەشەببۇس دۇنيانى مۇھىم ئاممىۋى مەھسۇلات بىلەن تەمىنلىدى. بۇ تەشەببۇسلار تىنچلىق ۋە تەرەققىياتقا ئىنتىلىدىغان كىشىلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ئاشۇ پەيتتە، ئورتاق گۈللىنىشكە تۇتىشىدىغان يول بارلىققا كەلدى.

ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكلەر ئارا ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا جۇڭگو كۈچىنى قوشۇش

«نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى بىلەن بار - يوقنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ شانلىق نەتىجىلىرىنى يارىتىپ، ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش تارىخىدا شانلىق سەھىپە پۈتتى».

2023 - يىلى 5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى كەچ، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن شەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرىدىكى داتاڭ فۇرۇڭ باغچىسىدا جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت باشلىقلىرى ۋە جورىلىرى ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ۋە قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى. چوڭقۇر تارىخىي مەنبە، ئۇزاق مەدەنىيلىككە ۋارىسلىق قىلىش، ئورتاق ئۇلۇغ ئارزۇ جۇڭگونى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن ئىتتىپاقلاشتۇردى.

«ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى ۋە يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىغا يۈكسەك باھا بېرىدۇ ھەم ئۇنى پائال ئەمەلدە كۆرسىتىشنى خالايدۇ»... جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىدا ئېلان قىلىنغان «شىئەن خىتابنامىسى» جۇڭگو ئىدىيەسىنىڭ كەڭ تەسىر كۈچىنى ئەكس ئەتتۈردى.

يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر يىلدىن بۇيان، جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشى، ئۆزئارا ئىشىنىشىگە تۈرتكە بولۇشقا پائال كۈچەپ، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا مەدەنىيلىكى گۈلزارلىقىنى بېيىتتى.

قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىش −

جۇڭگو گۇاڭجوۋدا، گۇچىندا ئورۇنلانغان «ئېقىن سۇ» ناملىق لەرزان مۇزىكا ياڭراپ تۇراتتى، رەئىس شى جىنپىڭ فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن بىرەسمىي ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، «ئېگىز تاغ، ئېقىن سۇلار سىرداش ئىزدەش»تەك چىقىشىپ ئۆتۈش يولى ئۈستىدە ئورتاق توختالدى؛

ئامېرىكا سان فىرانسىسكودا، ئامېرىكىدىكى دوستانە تەشكىلاتلارغا، رەئىس شى جىنپىڭ كەلگۈسى بەش يىلدا ئامېرىكىلىق 50 مىڭ ياش - ئۆسمۈرنى جۇڭگوغا كېلىپ ئالماشتۇرۇش، ئۆگىنىشكە تەكلىپ قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى جاكارلىدى؛

ۋىيېتنام خانويدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - ۋىيېتنام ئىككى دۆلەتتىكى ياشلار ۋە دوستانە زاتلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، جۇڭگو - ۋىيېتنام دوستلۇقىنىڭ ئاساسى خەلقتە، كەلگۈسى ياشلاردا، دەپ تەكىتلىدى...

ئىككى تەرەپلىكتىن كۆپ تەرەپلىككىچە، رايوندىن پۈتۈن يەرشارىغىچە، رەئىس شى جىنپىڭ ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە ئىشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ دوستانە ھەمكارلىقىنىڭ خەلق رايى ئاساسىنى پۇختىلىدى.

چېڭدۇ دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، ئاسىيا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئىتتىپاقى يىغىنى... بىر يىلدىن بۇيان، جۇڭگو تەرەپ پۈتۈن كۈچ بىلەن ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىك ئۈچۈن باراۋەر سۆھبەتلىشىش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، «يۇمشاق تۇتاشتۇرۇش» «قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇش» سىمفونىيەسىنى ياڭرىتىپ، تىنچلىق، تەرەققىيات، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىكتىن ئىبارەت پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىگە ئۇيغۇنلىشىپ، خاتا چۈشەنچە، ئارازلىقنى تۈگىتىش، خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش بىرىكمە كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

مەدەنىيلىكنىڭ كۆپ خىللىقىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان قەلبنى نامايان قىلىش −

دۇنيادا 200دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايون، 2500دىن ئارتۇق مىللەت، كۆپ خىل دىن بار. ئوخشاش بولمىغان تارىخ ۋە دۆلەت ئەھۋالى، ئوخشاش بولمىغان مىللەت ۋە ئۆرپ - ئادەت ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، دۇنيانى تېخىمۇ مول رەڭدارلىققا ئىگە قىلدى.

ئايرىم كۈچلەرنىڭ «مەدەنىيلىك توقۇنۇشى نەزەرىيەسى» «مەدەنىيلىك ئەۋزەللىكى نەزەرىيەسى» قاتارلىق سەپسەتىلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىشىغا قارىتا، جۇڭگو مەدەنىيلىكنىڭ كۆپ خىللىقىغا ھۆرمەت قىلىشنى تەكىتلەپ، باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، سۆھبەتلىشىش، سىغدۇرۇشچان بولۇشتىن ئىبارەت مەدەنىيلىك قارىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئارازلىقتىن ھالقىپ ئۆتۈشىگە، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئارقىلىق مەدەنىيلىك جەھەتتىكى توقۇنۇشتىن ھالقىپ ئۆتۈشىگە، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى سىغدۇرۇشچان بولۇش ئارقىلىق مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئەۋزەللىك تۇيغۇسىدىن ھالقىپ ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولدى.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 23 - قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشقاندا، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «كۆپ خىل مەدەنىيلىكنىڭ ئىناق راۋاجلىنىشى رايون دۆلەتلىرىدىكى خەلقلەرنىڭ گۈزەل ئارزۇسى»؛

جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيلىك جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك»؛

كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 15 - قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتناشقاندا، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەممىنى سىغدۇرالايدىغان كەڭ قورساقلىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكنىڭ تىنچ بىللە تۇرۇشى، ئىناق بىللە ئۆتۈشىنى تەشەببۇس قىلىشى كېرەك»...

رۇسىيەلىك مەشھۇر شەرقشۇناس زاخاروف مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو مەدەنىيەت زومىگەرلىكى قىلمايدۇ، بەلكى مەدەنىيلىك جەھەتتە ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى باشقىلارغا مەجبۇرىي تاڭمايدۇ، ئۆزىنىڭ ئىدىيەسىنى بارلىق كىشىلەرنىڭ دوگمىسىغا ئايلاندۇرۇش ئۈستىدە ئىزدەنمەيدۇ.

«جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەشەببۇس ھەمكارلىقىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكلەردە ھەممە ئېقىملار بەس - بەستە سايراش، بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالماشتۇرۇش توسۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى مەشئىلىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشىنى قارشى ئالىدۇ.» رەئىس شى جىنپىڭ 2023 - يىللىق كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا - سانائەت مۇنبىرىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، جۇڭگونىڭ چوڭ دۆلەتكە خاس كەڭ قورساقلىقىنى نامايان قىلدى.

مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، مەدەنىيلىكنى يۇغۇرۇش نۇرىنى يورۇتۇش −

«جۇڭگو دۆلەت نەشر نۇسخىسى سارىيى بىباھا گۆھەر.» 2023 - يىلى ئالتۇن كۈز، يەنشەن تېغى ئېتىكىدىكى جۇڭگو دۆلەت نەشر نۇسخىسى سارىيى مەركىزىي باش سارىيىنى ئايلىنىپ، لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى تۇڭلۇن تەرىپلەپ، جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى قوغداشقا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىدىن ھاياجانلاندى.

مەدەنىيلىك − بىر دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ مەنىۋى تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇشتا، ھەم مەشئەلنى ئەۋلادمۇئەۋلاد يەتكۈزۈپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد قوغداشقا ئېھتىياجلىق، شۇنداقلا دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، دادىل يېڭىلىق يارىتىشقا ئېھتىياجلىق.

بۈگۈنكى جۇڭگو يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىپ، تىرىشىپ سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى گۈللەندۈرۈش كۈرىشى ۋە ئەمەلىيىتىدە يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلماقتا. بۇ بىر يىلدا، جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىنىڭ دەۋر قىممىتىنى پائال قېزىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە ئىجادىي خاراكتېرلىك ئايلىنىشى، يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرلىك تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

قىزىل دېڭىز ساھىلىدە، جۇڭگو - سەئۇدى ئەرەبىستانى بىرلەشمە ئارخېئولوگىيە ئەترىتى مىڭ يىللىق ئۇيقۇدىكى تارىخىي خارابىلىكنى «ئويغىتىپ»، دېڭىز يىپەك يولى ئىلمىي تەتقىقاتىنى ئارخېئولوگىيەلىك ئەمەلىي ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىدى؛ مىسىردىكى لۇكسۇر مونتۇ ئىبادەتخانىسىدا، جۇڭگو - مىسىر بىرلەشمە ئارخېئولوگىيە ئەترىتى ئىبادەتخانىنىڭ ئەمەلىي كۆرۈنۈشى ۋە قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا قايتا نامايان قىلدى...

«يېڭى تارىخ يارىتىش تارىخقا ئەڭ ياخشى ۋارىسلىق قىلغانلىق؛ ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى ھالىتىنى يارىتىش ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىگە بولغان ئەڭ چوڭ ھۆرمەت.» باش شۇجى شى جىنپىڭ مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنىدا دەۋر كۈچلۈك ساداسىنى ياڭراتتى.

قول تۇتۇشۇپ دۇنيانىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت گۈزەل ئەتىگە بىرلىكتە ئاتلىنىش

«ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ياراتقان ھەر خىل مەدەنىيلىك كۆزنى قاماشتۇرىدىغان پارلاق نۇر چېچىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرى ئۈچۈن مول ئاساس توپلاپ، روشەن ئالاھىدىلىك بېغىشلىدى ھەم زامان، ماكاندىن ھالقىپ، دۆلەت چېگراسىدىن ھالقىپ، ئورتاق ھالدا ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ زامانىۋىلىشىش مۇساپىسى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.» رەئىس شى جىنپىڭ شۇنداق دەپ چوڭقۇر كۆرسەتتى.

يېگانە گۈل ئاچسا پورەك، بەرمەس باھاردىن دېرەك، تولار زېمىن باھار پەيزىگە، بارچە گۈللەر ئاچسا پورەك.

2023 - يىلى 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، جۇڭخۇا 5000 يىللىق مەدەنىيلىك تارىخىنىڭ ئەمەلىي ئىسپاتى − لياڭجۇ خارابىسىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان بىر مەيدان مۇنبەر خاڭجوۋدا ئۆتكۈزۈلۈپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى. رەئىس شى جىنپىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك «لياڭجۇ مۇنبىرى»گە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى. تەبرىك خەتتىكى «ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكلەرنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشى، ئۆزئارا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا تۈرتكە بولۇش»تىن ئىبارەت سەمىمىي ئۈمىد نەق مەيداندىكى جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ئەزىز مېھمانلارنى ھاياجانغا سالدى.

كۆزەتكۈچىلەر شۇنىڭغا دىققەت قىلدىكى، 2023 - يىلى 12 - ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ 2 -، 3 -، 4 - چىسلا ئۇدا ئۈچ كۈن ئىچىدە، ئايرىم - ئايرىم ھالدا 2023 - يىللىق «جۇڭگونى چۈشىنىش» خەلقئارا يىغىنى (گۇاڭجوۋ)، تۇنجى نۆۋەتلىك «لياڭجۇ مۇنبىرى»، «2023 - يىللىق سۇڭدۇ خەلقئارا مۇنبىرى»گە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

«جۇڭگونى چۈشىنىشنىڭ ئاچقۇچى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى چۈشىنىشتە»؛ «جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، تىنچ تەرەققىي قىلىدىغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىدىغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان دۇنياۋى زامانىۋىلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ»؛ «ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، بىر ياقىدىن باش چىقىرىش، ئىناق بىللە ئۆتۈش ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىياتىنىڭ توغرا يولى»؛ «ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بىرلىكتە تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرۇپ چىقىش»... ھەربىر پارچە تەبرىك خەت جۇڭگونىڭ دۇنيا بىلەن قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشتەك سەمىمىي ئارزۇسىنى تارقاتتى.

2023 - يىلى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 126 تىرىليون يۈەندىن ئاشتى، كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشتىكى بىر تۈركۈم زور نەتىجىلەر خەلقئارا ئىلغار سەۋىيەگە يەتتى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، كىۋانت تېخنىكىسى قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى ساھەلەردە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرى مۇستەھكەملەندى، كېڭەيتىلدى... يېڭى مۇساپىدە، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا گۈللەپ ياشنىغان مەنزىرە بارلىققا كېلىپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى، شۇنداقلا كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۈچلۈك ئىشەنچ بېغىشلىدى، كۈچلۈك ئۆرنەك بىلەن تەمىنلىدى.

«بىزنىڭ ئىنتىلىدىغىنىمىز جۇڭگو ئۆزىنىلا ئويلاپ، باشقىلار بىلەن كارى بولمايدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش بولماستىن، بەلكى ئارزۇ قىلىدىغىنىمىز كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت» دېدى رەئىس شى جىنپىڭ.

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىن ئۈچ چوڭ يەرشارىۋى تەشەببۇسنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشقىچە، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشتىن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشقىچە، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى ھالىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش پۈتۈن يەرشارىدىكى باشقا مەدەنىيلىكلەر بىلەن ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، مۇقەررەر ھالدا دۇنيا مەدەنىيلىكى گۈلزارلىقىنى زور دەرىجىدە بېيىتىدۇ؛ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو دۇنيا بىلەن قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا مېڭىپ، مۇقەررەر ھالدا ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

«زامانىۋىلاشتۇرۇش غەربلەشتۈرۈش دېگەنلىك ئەمەس.» 2024 - يىلى 1 - ئاي، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى توغرىسىدىكى بىر مەيدان مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنىدا، نىگېرىيە ئابۇجا داشۆسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى نائالا چىن قەلبىدىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى ھەمكارلىشىش كۈچى ھاسىل قىلىشتا ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىشتا ئورتاق مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئىسپاتلىدى، بۇ، مۇقەررەر ھالدا ئىنسانىيەتنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىگە تۈرتكە بولۇش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ.

لاتۋىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى فرېيبېرگا مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار مۇھىم تەشەببۇسلار ئومۇمىي ۋەزىيەتكە ئۇيغۇنلىشىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ھەمكارلىق ھەمراھلىرىنىڭ تەڭ نەپ ئېلىش ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، كىشىلەرنى كۆپ تەرەپچىللىك مېخانىزمى ئاستىدا تىنچلىق، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئورتاق گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى مەقسەت قىلغان؛ پاكىستان كېڭەش پالاتاسى دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ رەئىسى، پاكىستان جۇڭگو ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇشاھىد مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ سىجىل تۈرتكىسىدە، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قول تۇتۇشۇپ، جەزمەن تېخىمۇ گۈزەل، تىنچ، گۈللەنگەن دۇنيا قۇرۇپ چىقالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز؛ ئىسپانىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى زاپاتېرو مۇنداق قارىدى: ئەگەر بارلىق مەدەنىيلىككە ھۆرمەت قىلساق، چۈشىنىش ۋە تىنچلىقنى بەلگە قىلغان ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنى ئورتاق بەرپا قىلالايمىز.

«بىز خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشى، مەدەنىيەت جەھەتتىكى يۇغۇرۇلۇشى، خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشىدا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، دۇنيا مەدەنىيلىك گۈلزارلىقىنى رەڭگارەڭ گۈللەر بىلەن تولدۇرۇش، ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىشنى خالايمىز.» بۇ، شانلىق مەدەنىيلىككە ئىگە چوڭ دۆلەتنىڭ تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىقى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى، دۇنيانىڭ بۈيۈك ئىناقلىقىنى كۆزلەشكە قەتئىي ئىرادە باغلىغان تەنتەنىلىك ۋەدىسى.

(مۇخبىرلار سۈن يى، ۋېن شىن، چېڭ شىن، ما جويەن، يۈەن شۇەي)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى)