​كەڭ كۆلەمدە ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولدى

日期:2024年03月14日
来源:天山网
【字体:

گوۋۇيۈەن «ھەرىكەت لايىھەسى»نى بېسىپ تارقىتىپ​

كەڭ كۆلەمدە ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسىيېقىندا، گوۋۇيۈەن «كەڭ كۆلەمدە ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ھەرىكەت لايىھەسى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ھەرىكەت لايىھەسى» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى. «ھەرىكەت لايىھەسى»دە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە مەركىزىي كومىتېت مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتى 4 - يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ۋە تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، بازارنى ئاساس قىلىش، ھۆكۈمەت يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىلغارلىرىغا ئىلھام بېرىپ، قالاقلىرىنى شاللاپ، ئۆلچەم ئارقىلىق يېتەكلەپ، تەرتىپلىك يۈكسەلدۈرۈپ، ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش، ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش، يىغىۋېلىپ تەكرار پايدىلىنىش، ئۆلچەمنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت تۆت چوڭ ھەرىكەتنى يولغا قويۇپ، ئىلغار ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش، قوللىنىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ نىسبىتىنى سىجىل ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك، چىداملىق ئىستېمال بۇيۇملىرىنى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا تېخىمۇ كۆپ كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، بايلىقتىن تەكرار پايدىلىنىش زەنجىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىش سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

«ھەرىكەت لايىھەسى»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2027 - يىلىغا بارغاندا، سانائەت، يېزا ئىگىلىكى، قۇرۇلۇش، قاتناش، مائارىپ، مەدەنىيەت - ساياھەت، داۋالاش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئۈسكۈنىلەرگە مەبلەغ سېلىش كۆلىمى 2023 - يىلىدىكىدىن %25تىن كۆپرەك ئاشۇرۇلىدۇ؛ نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئاساسلىق ئېنېرگىيە ئىشلىتىدىغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئېنېرگىيە ئۈنۈمى ئاساسىي جەھەتتىن ئېنېرگىيە تېجەش سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈلۈپ، مۇھىت قوغداش ئۈنۈمى A دەرىجىلىك سەۋىيەگە يەتكەن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ نىسبىتى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلىدۇ، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىدا رەقەملەشكەن تەتقىق قىلىپ ئېچىش، لايىھەلەش قوراللىرىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى، ئاچقۇچلۇق ئىش تەرتىپىنىڭ رەقەملىك كونترول قىلىنىش نىسبىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %90، %75تىن ئاشۇرۇلىدۇ؛ بىراك قىلىنغان ئاپتوموبىللارنى يىغىۋېلىش مىقدارى 2023 - يىلىدىكىدىن تەخمىنەن بىر ھەسسە ئاشۇرۇلىدۇ، نىمكەش ئاپتوموبىل سودا مىقدارى 2023 - يىلىدىكىدىن %45 ئاشۇرۇلىدۇ، كېرەكسىز، كونا ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى يىغىۋېلىش مىقدارى 2023 - يىلىدىكىدىن %30 ئاشۇرۇلىدۇ، ھاسىلىي ماتېرىياللارنىڭ بايلىق تەمىناتىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى يەنىمۇ ئاشۇرۇلىدۇ.

«ھەرىكەت لايىھەسى»دە بەش جەھەتتىكى 20 تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپە ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بىرىنچى، ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش ھەرىكىتى يولغا قويۇلىدۇ. نۇقتىلىق ساھەلەردە ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش، ئۆزگەرتىش ئالغا سىلجىتىلىدۇ، قۇرۇلۇش ۋە شەھەر مەمۇرىيىتى ئۇل ئەسلىھەلىرى ساھەسىدە ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش تېزلىتىلىدۇ، قاتناش - تىرانسپورت ئۈسكۈنىلىرى ۋە كونا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى يېڭىلاشقا مەدەت بېرىلىدۇ، مائارىپ، مەدەنىيەت - ساياھەت، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلىدۇ. ئىككىنچى، ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ھەرىكىتى يولغا قويۇلىدۇ. ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى - مەھسۇلاتلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش قانات يايدۇرۇلىدۇ، ئۆي بېزەكچىلىكى ئىستېمال بۇيۇملىرىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇنىدۇ. ئۈچىنچى، يىغىۋېلىپ تەكرار پايدىلىنىش ھەرىكىتى يولغا قويۇلىدۇ. كېرەكسىز، كونا مەھسۇلات - ئۈسكۈنىلەرنى يىغىۋېلىش تورى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، نىمكەش تاۋار ئوبوروت سودىسىغا مەدەت بېرىلىدۇ، قايتا ياساش ۋە پەلەمپەيسىمان پايدىلىنىش تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىپ، بايلىقتىن يۇقىرى سەۋىيەدە قايتا پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولۇنىدۇ. تۆتىنچى، ئۆلچەمنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى يولغا قويۇلىدۇ. ئېنېرگىيە سەرپىياتى، بۇلغىما قويۇپ بېرىش، تېخنىكا ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش تېزلىتىلىپ، مەھسۇلات تېخنىكا ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش كۈچەيتىلىدۇ، بايلىقتىن تەكرار پايدىلىنىش ئۆلچىمى بىلەن تەمىنلەش كۈچەيتىلىدۇ، نۇقتىلىق ساھەلەردە دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا ئۆلچەمنى جىپسىلاشتۇرۇش كۈچەيتىلىدۇ. بەشىنچى، سىياسەت كاپالىتى كۈچەيتىلىدۇ. مالىيە سىياسىتى ئارقىلىق قوللاش سالمىقى زورايتىلىپ، باج ئارقىلىق قوللاش سىياسىتى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق قوللاش ئەلالاشتۇرۇلۇپ، مۇھىم ئامىل كاپالىتى كۈچەيتىلىدۇ، يېڭىلىق يارىتىش تىرىكى كۈچەيتىلىدۇ.

«ھەرىكەت لايىھەسى»دە مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسەتنى يېشىپ چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كەڭ كۆلەمدە ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان ياخشى جەمئىيەت كەيپىياتى يارىتىشى كېرەك.