دېھقانلار كالېندارى بويىچە 2-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئەجدىھا بېشىنى كۆتۈرىدۇ

日期:2024年03月14日
来源:天山网
【字体:

3-ئاينىڭ 11-كۈنى، دېھقانلار كالېندارى بويىچە 2-ئاينىڭ 2-كۈنى

خەلق ئارىسىدا «ئەجدىھاباش كۆتۈرىدىغان»كۈن دەپمۇ ئاتىلىدۇ

بۇ مەزگىلدە ئوت-چۆپلەر قويۇق ئۆسۈپ، قۇشلار پەرۋاز قىلىپ، بارچە شەيئىي ھاياتىي كۈچكە تولىدۇ

باھار، كەلدى!

2-ئاينىڭ 2-كۈنى، چاچ ياساتسا

بىر يىل روھلۇق يۈرىدۇ

كىشىلەر بۇ كۈندە چاچ ياسىتىپ

ھەممىنى «باش»تىن باشلاشنى، يىل بويى ئامەتلىك بولۇشنىئارزۇ قىلىدۇ

يېڭى قىياپەتتە

باھاردىكى ياخشى كۈنلەرنىكۈتۈۋېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ

2-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئەجدىھا بېشنى كۆتۈرىدۇ

يامغۇركۆپ ياغسا، ئامبارلار شۇنچە لىق تولىدۇ

يەر ئاغدۇرۇش، يەر تۈزلەش، ئوغۇتلاش...

دېھقانلار ئېتىزلىقتا ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ

يېڭى بىر يىللىق دېھقانچىلىق ئىشلىرىباشلىنىپ

كىشىلەر بىر يىلنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى، ياخشى ھوسۇلغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ

2-ئاينىڭ 2-كۈنىدە

خەلق ئارىسىدىكى يېمەك-ئىچمەكتە كۆپىنچە ھاللاردا «ئەجدىھا» ئىسمىقوللىنىلىدۇ

كىشىلەر كەلگۈسىدىن كۈتكەن ئارزۇلىرىنى بۇ ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ

جۇۋاۋا يېيىشنى«ئەجدىھا قۇلىقىنى يېيىش» دەيدۇ

مىفەن يېيىشنى«ئەجدىھا تۇخۇمى يېيىش» دەيدۇ

چۆچۈرە يېيىشنى «ئەجدىھا كۆزىنى يېيىش» دەيدۇ

چۆپ يېيىشنى«ئەجدىھا ساقىلىنى يېيىش» دەيدۇ

قوتۇرماچ قىلسىمۇ ئەجدىھا قاسرىقى شەكلىدە ياسايدىغان بولۇپ، «ئەجدىھا قاسرىقى پوشكىلى» دەيدۇ

«كەنتلەردە سوپىسوپىياڭ سايراپ

ئېتىزلارداقارلىغاچلار ئېگىز-پەس ئۇچىدۇ

2-ئاينىڭ 2-كۈنى يەنە «باھار سەيلىسى بايرىمى» بولۇپ

ئەتىيازلىق ساياھەتنىڭ دەل پەيتى ھېسابلىنىدۇ

كىشىلەر دالىدا باھاردىن ھۇزۇرلىنىپ باھار سەيلىسى قىلىپ، يۈگۈرۈشۈپ ئوينىشىدۇ

كۈلكە سادالىرى تەبىئەت قوينىدا ياڭراپ، ھەممە خۇشاللىققا تولىدۇ

بۇ يىل دېھقانلار كالېندارى بويىچە جياچېن ئەجدىھا يىلى

ئەجدىھا يىلىدا «ئەجدىھا باش كۆتۈرسە»، ياخشىلىقتىن دېرەك بېرىدۇ

ھەممىمىزنىڭ كۆتۈرەڭگۈ كەيپىياتتا

    ئىللىق باھار پەيتلىرىنى قەدىرلەپ، گۈزەل ئارزۇلىرىمىزنىڭ  يەردە  قالماسلىقىغا تىلەكداشمىز

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى