ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك توكدان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى تېخىمۇ ئۇزۇن مېڭىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ

日期:2024年03月12日
来源:新疆日报网
【字体:

جۇڭگو توكلۇق ئاپتوموبىل 100 كىشىلىك جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن كېڭەش باشلىقى جاڭ يۇڭۋېي يېقىندا تاراتقۇلارغا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2024- يىلى، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش- سېتىش كۆلىمى 13 مىليونغا يېتىشى، كەسىپ تەرەققىياتىدا مۇھىم ئابىدە بارلىققا كېلىشى مۇمكىن. بۇ مەزگىلدە، جۇڭگو بازىرى، تېخنىكىسى، سۇپىسى قاتارلىق ئامىللار مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن يەر شارى ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىش يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. لېكىن كەسىپ تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن خىرىسقا سەل قاراشقا بولمايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم بىر نۇقتا داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈلىدىغان ئاپتوموبىل ئېنېرگىيەسىنى بىرلەشتۈرۈش تېخنىكىسى قانداق قىلغاندا ئاندىن يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ يۈرۈش ئۈنۈمىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرەلەيدۇ، دېگەندىن ئىبارەت.

ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، بازاردىكى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارغا، ئاساسلىقى مۇقىم توكلىغۇچتا توك قاچىلىنىدۇ، لېكىن مۇقىم توكلىغۇچنىڭ سانى ماي قاچىلاش پونكىتىغا قارىغاندا خېلىلا ئاز، ئۇنىڭ ئۈستىگە توك قاچىلاش ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزۇن، بۇ، ئېنىقكى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ قويدى. گەرچە دۆلىتىمىز توك قاچىلاش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى جەھەتتە نۇرغۇن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل يۈرۈش جەريانىدا ياكى بەزى چەت- ياقا رايونلاردا يۈرگەندە، ئەگەر ئاپتوموبىللارنىڭ توكى تۈگەپ كېتىشتەك جىددىي ئەھۋالغا يولۇققاندا، ئىشلەتكىلى بولىدىغان توك قاچىلاش ئەسلىھەلىرى كەمچىل بولىدۇ، بۇ، كىشىلەرنى توكلۇق ئاپتوموبىل بىلەن يىراققا سەپەرگە چىقىشتىن ئەنسىرىتىپ قويىدۇ. ئېنېرگىيە ساقلاشقا قولايلىق، ئاچقان ھامان توك بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاپتوموبىلغا ئورنىتىلغان توك قاچىلاش ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق ئاپتوموبىلنىڭ يۈرۈش ۋاقتىنى ئۇزارتىش ئىزچىل كىشىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا بولۇپ كەلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك ئاپتوموبىل كۆچمە توكدانى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ داۋاملىق يۈرۈش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا يەنە بىر خىل پىكىر يولى ئېلىپ كەلدى.

ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك ئاپتوموبىل كۆچمە توكدانى توك ساقلاش، بېسىم ئۆرلىتىش، توك قاچىلاش- توك قويۇپ بېرىش بىر گەۋدە قىلىنغان باتارېيە ئۈسكۈنىسى بولۇپ، خىمىيەلىك ئېنېرگىيە شەكلىدە سىرتقى توك مەنبەسىدىن كىرگەن ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى ساقلايدۇ، ئاپتوموبىلغا توك قاچىلاشقا توغرا كەلگەندە خىمىيەلىك ئېنېرگىيەنى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرۇپ چىقىرىدۇ، يەنى كىشىلەرگە تونۇشلۇق بولغان توك قاچىلاش- توك قويۇپ بېرىش جەريانى. كۆپ ئۇچرايدىغان لىتىي ئىيونلۇق باتارېيەنى مىسالغا ئالساق، ئۇنىڭ ئاساسلىق قۇرۇلمىسى مۇسبەت قۇتۇپ، ئايرىغۇچى پەردە، مەنپىي قۇتۇپ، ئورگانىك ئېلېكتىرولىتلىق سۇيۇقلۇق دەپ ئايرىلىدۇ. مۇسبەت قۇتۇپ لىتىي مانگانىك كىسلاتا ياكى لىتىي كوبالىت كىسلاتا قاتارلىق ماتېرىياللارنى كۆرسىتىدۇ؛ ئايرىغۇچى پەردە بىر خىل يۇقىرى مولېكۇلالىق نېپىز پەردە بولۇپ، لىتىي ئىيونى ئەركىن ئۆتەلەيدۇ، ئېلېكتىرون ئۆتەلمەيدۇ؛ مەنپىي قۇتۇپ ئاساسلىقى گىرافىت ھەمدە گىرافىتلىق كاربون؛ ئورگانىك ئېلېكتىرولىتلىق سۇيۇقلۇق ئاساسلىقى لىتىي گېكسافتوروفوسفات بولغان كاربونات كىسلاتا ئېستېرى تۈرىدىكى ئېرىتكۈچىلەرنى ئېرىتىدۇ.

لىتىي ئىيونلۇق باتارېيەنىڭ ئىنكاسىنى مۇسبەت قۇتۇپتىكى لىتىي ئىيونىنىڭ ئايرىلىپ چىقىپ گرافىتقا كىرىشى دەپ قاراشقا بولىدۇ، ھالبۇكى توك چىقارغاندا لىتىي ئىيونى گرافىتنىڭ مەنپىي قۇتۇپىدىن چىقىپ مۇسبەت قۇتۇپقا قايتىپ كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئوخشاش ئېلېكتىر پوتېنسىياللىق توك بېسىمى شارائىتىدا توك قاچىلىغىلى بولمىغاچقا، توكدان بېسىم ئۆرلىتىش سىستېمىسى ئارقىلىق توك چىقىرىش توك بېسىمىنى ئاپتوموبىل ئېھتىياجلىق بولغان توك بېسىمىغا يەتكۈزۈپ، بۇ ئارقىلىق كۆپ قېتىملىق ئايلانما توك ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.

پەن تەتقىقات خادىملىرىنى بىر خىل ئاپتوموبىل توكدانىنى لايىھەلەشتە قىيناپ قويۇۋاتقىنى باتارېيە باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە تەتۈر ئۆزگەرتكۈچنى قوشۇش. باتارېيە باشقۇرۇش سىستېمىسى رېئال ۋاقىتلىق سىستېما بولۇپ، توكلۇق ئاپتوموبىلغا ئورنىتىلغان باتارېيە گۇرۇپپىسىنىڭ بىخەتەر ئايلىنىشىغا كېرەكلىك بىر قانچە ئىقتىدارنى، مەسىلەن، تېمپېراتۇرا ۋە توك بېسىمى سەۋىيەسىنى كونترول قىلىش، قوغداش ۋە نازارەت قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ. تەتۈر ئۆزگەرتكۈچ تۇراقلىق توكنى مۇقىم چاستوتىلىق، مۇقىم بېسىملىق ياكى چاستوتىسى تىزگىنلەنگەن، بېسىمى تەڭشەلگەن ئۆزگىرىشچان توكقا ئايلاندۇرۇپ، ئاپتوموبىلنىڭ باشقا ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنىڭ نورمال ئايلىنىشىنى قاندۇرىدۇ.

يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئاپتوموبىل توكدانى توغرىسىدا بىر قاتار تەتقىقات خىزمەتلىرى قانات يايدۇرۇلدى. 2021- يىلى ئەنگلىيەدىكى Zip Charge دەپ ئاتىلىدىغان يېڭىدىن قۇرۇلغان بىر كارخانا ئىشلەپچىقارغان ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك توكداننىڭ چوڭ- كىچىكلىكى چامادانچىلىك بولۇپ، ئىچكى قىسمىغا بىر دانە لىتىي ئىيونلۇق باتارېيە قويۇلغان، ئېغىرلىقى 22.7 كىلوگىرام، ساپ سىغىمى 4 كىلوۋات سائەت، توك قاچىلاش قۇۋۋىتى 7.2 كىلوۋات، يېرىم سائەت توك قاچىلىغاندىن كېيىن ئەڭ چوڭ يۈرۈش ئارىلىقىنى 30 كىلومېتىر ئۇزارتقىلى بولىدۇ. ئارقىدىن دۆلىتىمىزنىڭ يۈەنجىڭ پەن- تېخنىكا شىركىتى پۈتۈن يەر شارى بويىچە تۇنجى يېشىل توك قاچىلاش ماشىنا ئادىمىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، ئۇنىڭ سىغىمى 70 كىلوۋات، توك قاچىلاش قۇۋۋىتى 42 كىلوۋات بولۇپ، ئىككى سائەت توك قاچىلىسا بىر يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل 600 كىلومېتىر يول يۈرەلەيدۇ. دۆلىتىمىز تيېچيۇ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە شىركىتى ئوتتۇرىغا چىقارغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل توكدانى خەت باسقۇ چوڭلۇقىدا بولۇپ، ئېغىرلىقى 22 كىلوگىرام ئەتراپىدا، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 5 كىلوۋات، ئىككى سائەت توك قاچىلىغاندا ئەڭ چوڭ يۈرۈش ئارىلىقىنى 70 كىلومېتىردىن 100 كىلومېتىرغىچە ئۇزارتقىلى بولىدۇ.

نۆۋەتتە، ئاپتوموبىل توكدانى گەرچە نۇرغۇن ئەۋزەللىككە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بەزى مەسىلىلەر ساقلانماقتا، مەسىلەن، توكداننىڭ كۆپىنچىسىنىڭ پۈتۈش باھاسى قىممەت بولۇپ، ئادەتتىكى ئاپتوموبىل ئىگىلىرىنىڭ سېتىۋالالماسلىقى مۇمكىن، ئاپتوموبىل يولغا چىققان كۈندىكى تېمپېراتۇرا ۋە نەملىك مۇھىتى، ھەمدە توشۇش جەريانىدىكى سوقۇلۇپ كېتىشلەر ماس بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. مۇھىت قوغداش ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىش ئارقا كۆرۈنۈشىدە، ئاپتوموبىلغا ئىشلىتىلىدىغان توكداننىڭ بازارغا يۈزلىنىشى، تېخىمۇ تېجەشلىك، قولايلىق بولۇشى، جەمئىيەتكە تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ بىخەتەر مۇلازىمەت قىلىشىغا ئىنتىزارمىز.

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى