جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى

日期:2024年03月12日
来源:新疆日报网
【字体:

​(2024 - يىلى 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنىدا ماقۇللاندى)

جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنى 2024 - يىلى 3 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىن 10 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ رەھبىرىي يولداشلىرى يىغىنغا قاتنىشىپ، ئەزالار بىلەن بىللە دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭەشتى. يىغىن شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىنى پائال ئادا قىلىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى ئەمەلىي كېڭىشىپ مۇھاكىمە قىلىپ، تۈرلۈك قارالمىلارنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

يىغىن ۋاڭ خۇنىڭنىڭ سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتىنى قاراپ چىقىپ تەستىقلىدى، گاۋ يۈنلۇڭ بەرگەن تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلاتنى قاراپ چىقىپ تەستىقلىدى. ئەزالار 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىپ، لى چياڭ بەرگەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتتى ھەم مۇزاكىرە قىلدى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتتى ھەم مۇزاكىرە قىلدى، گوۋۇيۈەننىڭ تەشكىلىي قانۇنىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن لايىھەسى ھەمدە باشقا ئالاقىدار دوكلات قاتارلىقلارنى مۇزاكىرە قىلىپ، قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەم پىكىر - تەكلىپ بەردى.

يىغىن مۇنداق قارىدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىچكى - تاشقى قىيىنچىلىقلارنى قەتئىي يېڭىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇردى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تىنچ باسقۇچقا ئۆتتى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا يېڭى بۆسۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلىدا يەنە يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى، بىخەتەر تەرەققىياتنىڭ ئۇلى مۇستەھكەملەندى ۋە پۇختىلاندى، خەلق تۇرمۇشى كاپالىتى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك بولدى، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولدى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلەر تولۇق تاماملاندى، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىدە مۇقىملىق ساقلاندى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتا پۇختا قەدەم تاشلاندى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىشەنچى ۋە غەيرىتى زور دەرىجىدە ئاشتى. نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلدى، جەزمەن ھەسسىلەپ قەدىرلەش كېرەك.

ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، «ئىككىنى تىكلەش» جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، بارلىق ئېنىقسىزلىققا تاقابىل تۇرۇشىدىكى ئەڭ چوڭ ئېنىقلىق، ئەڭ چوڭ ئىشەنچ، ئەڭ چوڭ كاپالەت. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ بىر يىلدىن بۇيان پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىپ پائال تۆھپە قوشقانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى. كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بۇنىڭدىن چوڭقۇر ئىلھاملاندى ۋە ھەسسىلەپ روھلاندى، ئۇلار بىردەك سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەرنى چۆرىدەپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پائال تۈردە ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ، چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىن مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى، پەن - تېخنىكا ساھەسى، مۇھىت - بايلىق ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى، پەن - تېخنىكا ساھەسى، مۇھىت - بايلىق ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئەۋزەللىكى، رولىنى جارى قىلدۇرۇش، فۇنكسىيەسىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، سۆز ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيلىققا، ئىدىيەۋىلىككە، يېتەكچىلىككە، قاراتمىلىققا ئىگە، كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئەستايىدىل ئۆگىنىشى، ئىزچىللاشتۇرۇشى كېرەك. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق ۋەتەنپەرۋەر كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ۋەتەننى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش مۇساپىسىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىش كېرەك. دۆلەتنى پەن - مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىرادىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىگە ئېلىپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا كۈچ قوشۇپ، پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىش، يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولۇشقا يېڭى تۆھپە قوشۇپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

يىغىن مۇنداق قارىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئەسلىدە بار بولغان ئاساستا داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئالغا سىلجىتتى ۋە كېڭەيتتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيىدا تۈزۈپ چىقىلغان ئۇلۇغۋار پىلاننى قەدەممۇقەدەم گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش كېرەك. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىگە ئاڭلىق مۇلازىمەت قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، دۆلەتنىڭ زور ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجى، تەرەققىياتتىكى زور رېئال مەسىلىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، ياخشى تەدبىرلەرنى كەڭ دائىرىدە پىلانلاپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشى كېرەك.

يىغىن مۇنداق قارىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى غايەت زور سىياسىي جاسارەت بىلەن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تۈزۈلمە - مېخانىزمدا ساقلانغان نۇقسانلارنى قەتئىي تۈگىتىپ، نۇرغۇن ساھەدە تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش، سىستېما خاراكتېرلىك قايتا يارىتىش، ئومۇمىي گەۋدە خاراكتېرلىك قايتا بەرپا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش ۋە كۈچەيتىش كېرەك. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى دىققەتنى مۇھىم ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ۋە كېڭىشىپ، زور ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى چۆرىدەپ، دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىسلاھاتقا كۈچ قوشۇپ، بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملىشى كېرەك.

يىغىن مۇنداق قارىدى: 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باش تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ خاراكتېرى، ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىن چىقىش قىلىپ خىزمەتلەرنى پىلانلاش ۋە ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق - دوستلۇقنى كېڭەيتىپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خىزمەتنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، تەرتىپلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشتى.

يىغىن مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل، شۇنداقلا خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى. قىلچە تەۋرەنمەي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، بىرلىك سەپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشنى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ۋە پۈتۈن جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، نەزەرىيە ئۆگىنىش ۋە سىياسىي جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ھالدا سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشتىكى ئىقتىدار - قابىلىيەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ يېڭىچە سىياسىي پارتىيە تۈزۈمى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە سىرتىدىكى زىيالىيلار، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى زاتلار، يېڭى جەمئىيەت قاتلىمىدىكى زاتلار بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»، «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش»، «ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش»، يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي پارتىيەلەر مۇناسىۋىتى، مىللەتلەر مۇناسىۋىتى، دىنلار مۇناسىۋىتى، قاتلاملار مۇناسىۋىتى، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى قېرىنداشلار مۇناسىۋىتىنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. ئەزالارنىڭ ئۆز ساھەسىدىكى ئامما بىلەن ئالاقىلىشىش خىزمىتى ۋە ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتىكى «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش» پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە ھەمكارلىشىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش، چۈشەنچە بېرىپ گۇماننى تۈگىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. تاشقى دوستلۇق ئالاقىسىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلىپ، تونۇشتۇرۇپ، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭگو ساداسىنى ياخشى تارقىتىش كېرەك. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەشكە ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە ياخشى تەييارلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ياخشى تەشكىللەپ، ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

يىغىن مۇنداق تەكىتلىدى: سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە ئورگان كادىرلىرىنىڭ «ئىككى قوشۇن» قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىش كېرەك. كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «سىياسىي كېڭەشنى چۈشىنىش، كېڭىشىشنى بىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشقا ماھىر بولۇش، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، قائىدىگە ئەھمىيەت بېرىش، ئەخلاققا ئەھمىيەت بېرىش» توغرىسىدىكى مۇھىم تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆز ساپاسى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، راست گەپ قىلىپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى سۆزلەپ، ئەمەلىي تەدبىر تۈزۈپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىش روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلىشى كېرەك. ئورگان كادىرلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىشقا ئىنتىلىش، يۇقىرى پەللىگە ئىنتىلىش خىزمەت ئىستىلىنى تەشەببۇس قىلىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى تۈگىتىپ ۋە تۈزەپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلقنى رازى قىلىدىغان نەمۇنىلىك ئورگان قۇرۇش كېرەك.

يىغىن مۇنداق چاقىرىق قىلدى: خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىگە قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلار، ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلار ۋە كەڭ ئەزالار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، بىر مەقسەتتە بولۇپ، كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتايلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى)