14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 3 - قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزدى

日期:2024年03月12日
来源:新疆日报网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 3 - قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزدى.

ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى جاۋ لېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىكى 181 كىشى، قاتناشقىنى 177 كىشى، قاتنىشالمىغىنى تۆت كىشى، قاتناشقانلار سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

3 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى گوۋۇيۈەننىڭ تەشكىلىي قانۇنىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن لايىھەسىنىڭ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن نۇسخىسىنى ئەستايىدىل قاراپ چىقتى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار كومىتېتى ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىگە ئاساسەن، ئۆزگەرتىلگەن لايىھەنىڭ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن نۇسخىسىنى قاراپ چىقىپ، ئۆزگەرتىلگەن لايىھەنىڭ ئاۋازغا قويۇش نۇسخىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى شىن چۇنيىڭ بەرگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار كومىتېتىنىڭ گوۋۇيۈەننىڭ تەشكىلىي قانۇنىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن لايىھەسىنىڭ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن نۇسخىسىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق يۇقىرىقى دوكلات ۋە ئۆزگەرتىلگەن لايىھەنىڭ ئاۋازغا قويۇش نۇسخىسى ماقۇللىنىپ، ئۆزگەرتىلگەن لايىھەنىڭ ئاۋازغا قويۇش نۇسخىسىنى يىغىن ئومۇمىي يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇشقا سۇنۇش قارار قىلىندى.

3 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ۋە 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئەستايىدىل قاراپ چىقتى. ۋەكىللەر مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر يىللىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. قاراپ چىقىش جەريانىدا، ۋەكىللەر دوكلات ۋە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى توغرىسىدا بەزى پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى ۋەكىللەرنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ، دوكلاتقا ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى. ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىش پىكرى ۋە دوكلاتقا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالىغا ئاساسەن، دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى تەستىقلاش تەكلىپىنى بەردى ھەم دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى ۋاكالىتەن تەييارلىدى. يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

3 - ئاينىڭ 9 - كۈنى پۈتۈن كۈن ۋە 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئەستايىدىل قاراپ چىقتى. ۋەكىللەر ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر يىللىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. قاراپ چىقىش جەريانىدا، ۋەكىللەر يەنە بەزى پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋەكىللەرنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىگە ئاساسەن، دوكلاتقا ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى. ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىش پىكرى ۋە دوكلاتقا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى تەستىقلاش تەكلىپىنى بەردى ھەم ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى ئىككى قارار لايىھەسىنى ۋاكالىتەن تەييارلىدى. يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، بۇ ئىككى قارار لايىھەسىنى ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

يىغىندا يىغىننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ليۇ جۈنچېن بەرگەن 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ لايىھەلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. ليۇ جۈنچېن مۇنداق دېدى: 3 - ئاينىڭ 8 - كۈنى سائەت 12گىچە، يىغىن كاتىبات باشقارمىسى جەمئىي 298 پارچە تەكلىپ لايىھەسى تاپشۇرۇۋالدى، بۇنىڭ ئىچىدە، ۋەكىللەر ئۆمىكى ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ لايىھەسى 26 پارچە، 30دىن ئارتۇق ۋەكىل بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ لايىھەسى 272 پارچە. بۇ تەكلىپ لايىھەلىرى ئىچىدە، قانۇن چىقىرىشقا ئالاقىدار تەكلىپ لايىھەسى 294 پارچە بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 292 پارچە قانۇن تەكلىپ لايىھەسى، ئىككى پارچىسى قارار قىلىنىدىغان ئالاقىدار ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ نازارەت قىلىشقا ئالاقىدار تەكلىپ لايىھەسى تۆت پارچە. مەزمۇنى ئاساسلىقى مۇنۇلارغا مەركەزلەشكەن: خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش تۈزۈم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇش؛ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز راۋاجلاندۇرۇش؛ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش ۋە قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش؛ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش؛ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش؛ دۆلەتنى پەن - مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى ۋە ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش؛ يېشىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش. يىغىن كاتىبات باشقارمىسى ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ لايىھەلىرىنى بىرمۇبىر ئەستايىدىل تەھلىل ۋە تەتقىق قىلىپ، بۇ قېتىمقى يىغىندا قاراپ چىقىش زۆرۈر بولغان تەكلىپ لايىھەسى يوق، دەپ قارىدى. يىغىن كاتىبات باشقارمىسى ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ لايىھەلىرىنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا تاپشۇرۇش تەكلىپىنى بەردى. ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلار يۇقىرىقى تەكلىپ لايىھەلىرىنى قاراپ چىققاندىن كېيىن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى سۇنىدۇ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قاراپ چىقىپ ماقۇللىغاندىن كېيىن، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىدا بېسىپ تارقىتىدۇ. يىغىن كاتىبات باشقارمىسى ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ لايىھەلىرىنى قاراپ چىقىش ۋە ئالاقىدار خىزمەتلەر توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك تەكلىپ بەردى: قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قانۇن چىقىرىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش؛ پارتىيەنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەستىقلىغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن چىقىرىش يىرىك پىلانىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن مۇھىم قانۇن چىقىرىش ۋەزىپىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇش؛ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ۋەكىللەرنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتىگە قاتنىشىش كەڭلىك ۋە چوڭقۇرلۇق دەرىجىسىنى كېڭەيتىش؛ دۆلەت ئەھۋالى ۋە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇن سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ۋە قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنىڭ قانۇنىيىتى توغرىسىدىكى تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش.

يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ لايىھەلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلات ماقۇللاندى.

ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرىدىن لى خۇڭجۇڭ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، شياۋ جيې، جېڭ جيەنباڭ، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، خې ۋېي، ۋۇ ۋېيخۇا، تيې نىڭ، پېڭ چىڭخۇا، جاڭ چىڭۋېي، لوساڭ جياڭسۈن، شۆھرەت زاكىر، ليۇ چى يىغىنغا قاتناشتى.