جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى تەكلىپ كومىتېتىنىڭ سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنىنىڭ تەكلىپلەرنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى

日期:2024年03月12日
来源:新疆日报网
【字体:

​(2024 - يىلى 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنىدا ماقۇللاندى)

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنى مەزگىلىدە، كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلار شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەكلىپ بېرىش ئارقىلىق پائال چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەدە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى ۋە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى كۈتۈۋالدى.

3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى سائەت 20گىچە، جەمئىي 5898 پارچە تەكلىپ تاپشۇرۇۋېلىندى. «جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ تەكلىپ خىزمىتى نىزامى» ۋە تەكلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى تەپسىلىي قائىدىسىگە ئاساسەن، تەكشۈرۈش ئارقىلىق 5006 پارچىسى ئەنگە ئېلىندى، 160 پارچىسى بىرلەشتۈرۈلدى، 732 پارچىسى پىكىر ۋە تەۋسىيەگە ئۆزگەرتىلدى.

ئەنگە ئېلىنغان تەكلىپلەر ئىچىدە، ئەزالار تەكلىپى 4534 پارچە بولۇپ، %90.6نى ئىگىلىدى؛ ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە ساھە، ئەزالار گۇرۇپپىلىرى قاتارلىقلارنىڭ كوللېكتىپ تەكلىپى 472 پارچە بولۇپ، %9.4نى ئىگىلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش جەھەتتىكى تەكلىپ 1985 پارچە بولۇپ، %39.7نى ئىگىلىدى؛ سىياسىي قۇرۇلۇش جەھەتتىكى تەكلىپ 465 پارچە بولۇپ، %9.3نى ئىگىلىدى؛ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى جەھەتتىكى تەكلىپ 457 پارچە بولۇپ، %9.1نى ئىگىلىدى؛ جەمئىيەت قۇرۇلۇشى جەھەتتىكى تەكلىپ 1436 پارچە بولۇپ، %28.7نى ئىگىلىدى؛ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى جەھەتتىكى تەكلىپ 663 پارچە بولۇپ، %13.2نى ئىگىلىدى.

بۇ قېتىمقى يىغىندىكى تەكلىپلەر تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە: بىرىنچى، تەكلىپ بەرگۈچىلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ۋە خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى چىڭ كۆزلەپ تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بەردى. ئىككىنچى، تەكلىپ بەرگۈچىلەر سىياسىي كېڭەشنىڭ خاراكتېرى، ئورنى، ئۆز خىزمەت ساھەسى ۋە كەسپىي ئارتۇقچىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىپ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، جەمئىي 1860 نەپەر ئەزا تەكلىپ سۇندى، ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، تەكلىپلەرنىڭ سۈپىتى يەنىمۇ ئۆسكەن. ئۈچىنچى، تەكلىپ بېرىش ئارقىلىق خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق ئەۋزەللىكى، رولى جارى قىلدۇرۇلۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇش تەلىپى ئەمەلدە كۆرسىتىلىپ، ئەقىل - پاراسەت ۋە ئورتاق تونۇش مۇجەسسەملىنىپ، ئىشەنچ ۋە كۈچ يەتكۈزۈلۈپ، دۆلەت ئۈچۈن ۋەزىپىنى ئادا قىلىش، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشتىن ئىبارەت مەسئۇلىيەتچانلىق روھى نامايان قىلىندى. تۆتىنچى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىدا، تەكلىپلەرنىڭ توردا تاپشۇرۇلۇش نىسبىتىنى %100كە يەتكۈزۈش ئاساسىدا، بۇ قېتىمقى يىغىندا تەكلىپلەرنى بىر تەرەپ قىلىش پۈتۈن جەريانىدا قەغەزسىز توردا ئايلاندۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، تەكلىپ خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كاپالەت بىلەن تەمىنلەندى.

يىغىن يېپىلغاندىن كېيىن، تەكلىپلەر بېجىرگۈچى ئورۇنلارنىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ. بۇ قېتىمقى يىغىندا تەكلىپ قوبۇل قىلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تاپشۇرۇۋېلىنغان تەكلىپلەر ئادەتتىكى چاغلاردا تاپشۇرۇۋېلىنغان تەكلىپ سۈپىتىدە ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

يۇقىرىدىكى دوكلاتنى قاراپ چىقىشىڭلارنى سورايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى)