مەنبە: ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
بېيجىڭ شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 2023-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 22دە قېلىن قار ياغىدىغانلىقى توغرىسىدا قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى چىقاردى.ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، پۈتۈن شەھەرنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى 2023-يىل 12-ئاينىڭ 13-كۈنى (چارشەنبە)دىن باشلاپ، ئوقۇغۇچىلار ئۆيدە ۋاقىتلىق ئوقۇش تەدبىرىنى قوللىنىشنى قارار قىلدى، دائىرىسى بېيجىڭ شەھىرىدىكى بارلىق ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلى، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، كونكرېت مەكتەپكە بېرىش، دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋاقتى پۈتۈن شەھەر بويىچە بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن ئايرىم ئۇقتۇرۇلىدۇ.
پايدىلانغان مەنبە: پايتەخت مائارىپى ۋېيبوسى