20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ئاپپارات ئىشتاتى كومىتېتىنىڭ 1 - يىغىنىدا قىلىنغان سۆز

日期:2023年12月16日
来源:天山网
【字体:

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ئاپپارات ئىشتاتى كومىتېتىنىڭ 1 - يىغىنىدا قىلىنغان سۆز

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى12 - ئاينىڭ 16 - كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 24 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ئاپپارات ئىشتاتى كومىتېتىنىڭ 1 - يىغىنىدا قىلىنغان سۆز» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: ئاپپارات ئىشتاتى مۇھىم سىياسىي بايلىق، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش بايلىقى، ئاپپارات ئىشتاتى خىزمىتى پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە دۆلەت ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم خىزمەت بولۇپ، پارتىيەمىز باشتىن - ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەركىزىي كومىتېت ئاپپارات ئىشتاتى كومىتېتىنىڭ فۇنكسىيەنى ئادا قىلىشى جايىدا بولدى، خىزمىتى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك بولدى، ئاپپارات ئىشتاتى خىزمىتىنىڭ نوپۇزلۇقلۇقى، ئىلمىيلىكى، كەسكىنلىكى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. خىزمەت داۋامىدا قىممەتلىك تەجرىبىلەر توپلىنىپ، قانۇنىيەتلىك تونۇش شەكىللەندى، بۇ بولسىمۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاپپارات ئىشتاتى خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە جەزمەن چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا جەزمەن چىڭ تۇرۇش، خەلقنى مەركەز قىلغان خىزمەت يۆنىلىشىدە جەزمەن چىڭ تۇرۇش، ئەلالاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش پىرىنسىپىدا جەزمەن چىڭ تۇرۇش، ئاپپارات ئىسلاھاتىنى مۇھىم نۇقتا قىلىشتا جەزمەن چىڭ تۇرۇش، «ئورۇقلاش» بىلەن «چېنىقىش»نى بىرلەشتۈرۈشتە جەزمەن چىڭ تۇرۇش، مەركەز ۋە يەرلىك ئىككى تەرەپنىڭ ئاكتىپلىقىنى جارى قىلدۇرۇشتا جەزمەن چىڭ تۇرۇش، ئاپپارات ئىشتاتىنى قانۇندا بەلگىلەشنى ئالغا سىلجىتىشتا جەزمەن چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇ تەجرىبىلەردە ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش ھەم ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۇنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: مەركىزىي كومىتېت ئاپپارات ئىشتاتى كومىتېتى پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش بايلىقىنى تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇشتەك مۇھىم مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان. خىزمەت داۋامىدا مۇنداق ئۈچ نۇقتىنى ياخشى ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، بىرىنچى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاپپارات ئىشتاتى خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، ئىككىنچى، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشنى يېڭى دەۋردىكى ئاپپارات ئىشتاتى خىزمىتىنىڭ باش تېمىسى، ئاساسىي لىنىيەسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ئۈچىنچى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ئۇيغۇنلاشقان ئاپپارات فۇنكسىيە سىستېمىسى ۋە تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇشنى يېڭى دەۋردىكى ئاپپارات ئىشتاتى خىزمىتىنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش. ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئاپپارات ئىشتاتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە تۆۋەندىكى بىرقانچە مەسىلىگە دىققەت قىلىش كېرەك: بىرىنچى، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش بىلەن ئومۇمىي جەھەتتىن پىلانلاشنى كۈچەيتىش؛ ئىككىنچى، دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەسى ۋە نۇقتىلىق خىزمەتلىرىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش؛ ئۈچىنچى، ئاپپارات ئىشتاتى خىزمىتىنىڭ روشەن ئاساسىي قاتلام يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇش؛ تۆتىنچى، ئىلمىي قېلىپلاشتۇرۇش، قاتتىق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 - ئومۇمىي يىغىنىدا پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، ئاپپارات ئىسلاھاتىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇشتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇختا، تەرتىپلىك، ياخشى تۇتۇش كېرەك. مەركەز قاتلىمىدىكى ئاپپارات ئىسلاھاتىنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ياخشى يولغا قويۇپ، مەركەز قاتلىمىدىكى ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى بەلگىلەنگەن ۋاقىت چېكى ئىچىدە يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يەرلىك ئاپپارات ئىسلاھاتىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش ھەم ئۇنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. يەرلىك ئاپپارات ئىسلاھاتىنى مەركەز قاتلىمىدىكى ئىسلاھات بىلەن بىرتۇتاش پىلانلاپ جىپسىلاشتۇرۇپ، قاتلاممۇقاتلام پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئاپپارات ئىسلاھاتىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە جەزمەن پولاتتەك ئىنتىزام ئارقىلىق كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى ئىنتىزام تەلىپىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى چىڭىتىش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەر دەرىجىلىك ئاپپارات ئىشتاتى كومىتېتى ئىشخانىلىرى سىياسىي ئورگان قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئاپپارات ئىشتاتى كومىتېتىنىڭ ياخشى مەسلىھەتچىسى ۋە ياردەمچىسى بولۇشى كېرەك. رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە كۈچلۈك، كەسىپكە پىشقان، ئىستىلى ياخشى يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ئاپپارات ئىشتاتى كادىرلار قوشۇنىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ئاپپارات ئىشتاتى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى، ھەر دەرىجىلىك تەشكىلات تارماقلىرى تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئاپپارات ئىشتاتىنى باشقۇرۇشتىكى سىياسىي ئەۋزەللىكى، تەشكىلىي ئەۋزەللىكى، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.