ئىشەنچ ۋە غەيرەتنى ئاشۇرۇپ، كۈچەپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولايلى

日期:2023年12月15日
来源:新疆日报网
【字体:

− مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتا پۇختا قەدەم تاشلاندى»، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى 12 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنىدىن 12 ـ كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، يىغىندا 2023 ـ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلىنىپ، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، 2024 ـ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلەندى.

بۇ يىل پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش باشلانغان يىل، ئۈچ يىل داۋاملاشقان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تىنچ باسقۇچقا ئۆتكەندىن كېيىن، ئىقتىساد ئەسلىگە كېلىپ تەرەققىي قىلغان بىر يىل. خەلقئارا سىياسىي، ئىقتىسادىي مۇھىتتىكى پايدىسىز ئامىللار كۆپىيىۋاتقان، دۆلەت ئىچىدىكى دەۋرىيلىك ۋە قۇرۇلمىلىق زىددىيەت گىرەلەشكەن چىگىش، مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ قىيىنچىلىققا قارشى ئىلگىرىلەپ، تاشقى بېسىمغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىچكى قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ماكرولۇق تەڭشەش ـ تىزگىنلەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئىشەنچنى ئۇرغۇتۇش، خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشكە كۈچىدى، دۆلىتىمىز ئىقتىسادى قايتا ئۆرلەپ ياخشىلاندى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى. بىر يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا مۇھىم ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىندى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى، بىخەتەر تەرەققىياتنىڭ ئۇلى مۇستەھكەملەندى، پۇختىلاندى، خەلق تۇرمۇشى كاپالىتى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك بولدى، جۇڭگو ئىقتىسادىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ پاراخوت دولقۇن يېرىپ سىجىل ئالغا ئىلگىرىلىدى.

دۇنيادا 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقان، خەلقئارا مۇھىتتا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە، جۇڭگو ئىقتىسادى بېسىمغا بەرداشلىق بەردى، كۆلەمنى مۇقىملاشتۇردى، سۈپەتنى ئۆستۈردى. بۇ يىللىق ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى ۋە ئىقتىساد خىزمىتى نەتىجىلىرى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ۋەزىيەت توغرىسىدىكى ھۆكۈمى ۋە ئالاقىدار تەدبىرلىرىنىڭ توغرا، ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى تولۇق دەلىللىدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان ۋەزىيەتتە ئىقتىساد خىزمىتىنى تىزگىنلەشتە يۈكسەك ئەقىل ـ پاراسەت ۋە پىشقان ئىقتىدارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. ھازىر، دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمە ئەۋزەللىكىگە، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار ئېھتىياجى ئەۋزەللىكىگە، كەسىپ سىستېمىسى يۈرۈشلەشكەن، مۇكەممەل تەمىنلەش ئەۋزەللىكىگە، زور مىقداردىكى يۇقىرى ساپالىق ئەمگەكچىلەر ۋە كارخانىچىلار بار بولۇشتەك ئىختىساسلىقلار ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا كۈچلۈك ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە، ئېلاستىكلىققا، يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە. ئومۇملاشتۇرۇپ قارىغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يۈزلەنگەن پايدىلىق شارائىت پايدىسىز ئامىللاردىن كۈچلۈك، ئىقتىسادنىڭ قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىش، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشتەك ئاساسىي يۈزلىنىشى ئۆزگەرمىدى. بىز پەقەت ئىشەنچنى چىڭىتىپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، داۋاملىق داۋان ئېشىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغۋار نىشانىغا قاراپ باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلىسەكلا، چوقۇم دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىي قىلىش، ئىلگىرىلەش تەقدىرىنى ئۆز قولىمىزدا مەھكەم تۇتۇپ تۇرالايمىز.

نەتىجە تەستە قولغا كەلدى، تەجرىبە تېخىمۇ قىممەتلىك. مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «جەزمەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇشنى يېڭى دەۋردىكى چىڭ قائىدە قىلىش كېرەك» «جەزمەن تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئۈنۈملۈك ئېھتىياجنى كۈچەپ كېڭەيتىشكە ماس كۈچەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك» «جەزمەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە تايىنىپ تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك» «جەزمەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك» «جەزمەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي دەپ بىلىش كېرەك». بۇ «بەش جەزمەن» يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىزنىڭ ئۈنۈملۈك ھالدا دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېڭى دەۋردە ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشىمىزنىڭ چوڭقۇرلىشىشى. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىجادىي ئىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش تۈرلۈك زور خەۋپ ـ خەتەر، خىرىسلارنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. ئىلگىرىلەش يولىدا، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ۋە مىقدارىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار ۋە كۈچلۈك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، چوڭقۇر قاتلاملىق ئىسلاھات ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىك ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى كاپالەتلەندۈرۈپ، دىققەتنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشتىن ئىبارەت بۇ مەركىزىي خىزمەتكە ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرگەندىلا، ئاندىن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانىنى قەدەممۇقەدەم گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.

بۈگۈنكى دۇنيادا ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتتى، دۆلىتىمىز تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت بىلەن خەۋپ ـ خەتەر، خىرىس تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان، ئېنىقسىز، مۆلچەرلىگۈسىز ئامىللار كۆپىيىۋاتقان مەزگىلگە كىردى، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشى يەنىلا ئاچقۇچلۇق باسقۇچتا تۇرۇۋاتىدۇ. كېلەر يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، «14 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل بولۇپ، ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى زور. ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيەت توغرىسىدىكى ئىلمىي ھۆكۈمىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ سىياسەت يۆنىلىشىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنىڭ جايىدا، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىشەنچ ۋە غەيرەتنى ئاشۇرۇپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىش روھىي ھالىتىنى باشتىن ـ ئاخىر ساقلاپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ ۋە ئۇنى ھەل قىلىپ، تىرىشىپ ئۆز خىزمىتىمىزدىكى ئېنىقلىق ئارقىلىق ۋەزىيەت ئۆزگىرىشىدىكى ئېنىقسىزلىققا تاقابىل تۇرۇشىمىز، يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجە ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىگە دائىر مۇھىم سىياسەت ـ فاڭجېن بېكىتىلدى، ئىقتىسادنىڭ قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ۋە مىقدارىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا سىجىل تۈرتكە بولۇشتا، بۇرچ زىممىمىزدە، مەسئۇلىيىتىمىز زور. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، يول ئېچىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا دائىر تۈرلۈك نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى ئەمەلىي ھەرىكەت ۋە نەتىجە بىلەن، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشايلى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)