ئىشەنچنى چىڭىتىپ، يول ئېچىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىقتىسادنىڭ قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەيلى ۋە كۈچەيتەيلى

日期:2023年12月14日
来源:天山网
【字体:

خەلق گېزىتى باش ماقالىسى

يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يەلكەن چىقىرىپ قايتا ئاتلىنىش. 12 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىن 12 - كۈنىگىچە، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلىنىپ، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ، بىزنىڭ قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىز، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشىمىزدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

بۇ يىل پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش باشلانغان يىل، ئۈچ يىل داۋاملاشقان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تىنچ باسقۇچقا ئۆتكەندىن كېيىن، ئىقتىساد ئەسلىگە كېلىپ تەرەققىي قىلغان بىر يىل. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، تاشقى بېسىمغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىچكى قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئىشەنچنى ئۇرغۇتۇش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشكە كۈچىدى، دۆلىتىمىز ئىقتىسادى دولقۇنسىمان تەرەققىي قىلدى، ئوڭۇشسىزلىق ئىچىدە ئالغا ئىلگىرىلىدى، پۈتۈن يىلدا ئالدىنقى مەزگىلدە تۆۋەن بولۇش، ئوتتۇرا مەزگىلدە يۇقىرى بولۇش، كېيىنكى مەزگىلدە مۇقىم بولۇش ۋەزىيىتى نامايان بولدى، ئومۇمىي جەھەتتىن قايتا ئۆرلەپ ياخشىلاندى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتا پۇختا قەدەم تاشلاندى.

ھازىر، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى يەنىلا ئاچقۇچلۇق باسقۇچتا تۇرۇۋاتىدۇ، ئىقتىسادنىڭ قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىشىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇشتا بەزى قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارنى يېڭىشكە توغرا كېلىدۇ. بىز كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، بۇ مەسىلىلەرگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشىمىز ۋە ئۇنى ھەل قىلىشىمىز كېرەك. دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمە ئەۋزەللىكىگە، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار ئېھتىياجى ئەۋزەللىكىگە، كەسىپ سىستېمىسى يۈرۈشلەشكەن، مۇكەممەل تەمىنلەش ئەۋزەللىكىگە، زور مىقداردىكى يۇقىرى ساپالىق ئەمگەكچىلەر ۋە كارخانىچىلار بار بولۇشتەك ئىختىساسلىقلار ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا كۈچلۈك ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە، ئېلاستىكلىققا، يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە. ئومۇملاشتۇرۇپ قارىغاندا، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىش، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشتەك ئاساسىي يۈزلىنىشى ئۆزگەرمىدى، دۇچ كېلىۋاتقىنىمىز ئالغا ئىلگىرىلەش داۋامىدىكى مەسىلىلەر، تەرەققىيات داۋامىدىكى باش قېتىنچىلىقى بولۇپ، ئىشەنچىمىز ۋە غەيرىتىمىزنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېڭى دەۋردە ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق: جەزمەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇشنى يېڭى دەۋردىكى چىڭ قائىدە قىلىشىمىز، جەزمەن تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئۈنۈملۈك ئېھتىياجنى كۈچەپ كېڭەيتىشكە ماس كۈچەشتە چىڭ تۇرۇشىمىز، جەزمەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە تايىنىپ تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشىمىز، جەزمەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىدا چىڭ تۇرۇشىمىز، جەزمەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي دەپ بىلىشىمىز كېرەك. ئىلگىرىلەش يولىدا، بىز پەقەت پارتىيە بايرىقى ئاستىغا «بىر پارچە قاتتىق پولات» بولۇپ ئۇيۇشۇپ، دىققەتنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشتىن ئىبارەت بۇ مەركىزىي خىزمەت ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر مەقسەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقارساقلا، چوقۇم جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانىنى قەدەممۇقەدەم گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرالايمىز.

كېلەر يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل. كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش بىلەن تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ھەقىقىي تۈردە ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، جەمئىيەت كۆزلىمىسىنى ياخشىلاپ، ئىقتىسادنىڭ قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ۋە مىقدارىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىلگىرىلەش ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاۋۋال ئورنىتىپ ئاندىن بىكار قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇشقا پايدىلىق سىياسەتلەرنى كۆپرەك چىقىرىپ، ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش جەھەتتە پائال ئىلگىرىلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ماكرولۇق سىياسەتنى تەتۈر دەۋرىيلىك ۋە دەۋرىيلىك ھالقىپ تەڭشەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە پۇختا پۇل سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇش كېرەك. ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنىڭ سالمىقىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇپ، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، مەبلەغ ئۈنۈمى ۋە سىياسەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. پۇختا پۇل سىياسىتى جانلىق، مۇۋاپىق بولۇپ، دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك بولۇپ، يۆتكىلىشچانلىقىنىڭ مۇۋاپىق، تولۇق بولۇشىنى ساقلىشى كېرەك. ماكرولۇق سىياسەت يۆنىلىشىنىڭ بىردەكلىكىنى كۈچەيتىپ، مالىيە، پۇل، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كەسىپ، رايون، پەن - تېخنىكا، مۇھىت قوغداش قاتارلىق سىياسەتلەرنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچەشكە، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىقتىساد تەشۋىقاتى ۋە ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات ئىشەنچىنى ئۇرغۇتۇپ، جەمئىيەت كۆزلىمىسىنى ياخشىلاپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسى پارلاق دېگەن نۇقتىئىنەزەرنى ياڭرىتىش كېرەك.

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى باش ۋەزىپە. كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى چۆرىدەپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاچقۇچنى ئىگىلەش كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئېلاستىكلىقى ۋە بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىچكى ئېھتىياجنى كۈچەپ كېڭەيتىپ، يوشۇرۇن ئىقتىدارغا ئىگە ئىستېمالنى قوزغىتىپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىپ، ئىستېمال بىلەن سېلىنما بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ياخشى ئايلىنىشنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر زور تەدبىرلەرنى پىلانلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشكە سىجىل كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، تاشقى سودىنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈشنى تېزلىتىپ، تاشقى سودا ۋە تاشقى مەبلەغ ئاساسىي ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ سىجىل، ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، ئۆي - زېمىن، يەرلىكنىڭ قەرزى، ئوتتۇرا، كىچىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى قاتارلىقلاردىكى خەۋپ - خەتەرنى تۈگىتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، سىستېما خاراكتېرلىك خەۋپ - خەتەر يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك. يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى قەتئىي بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي گەۋدە فۇنكسىيەلىك ئورنى بويىچە، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا پائال سىڭىشىش ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى پائال، پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئېنېرگىيە بايلىقىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەقىقىي تۈردە خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، قۇربىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەش، چامىنىڭ يېتىشىچە ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى تولۇق، دەل جايىدا، پۇختا ساقلاپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت تورىنى زىچ، پۇختا توقۇپ، نوپۇسنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. كەم - كوتسىز ھالدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، ئاخىرقى ئۈنۈمىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش مەقسىتىگە ئۇيغۇن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تېز ھەرىكەتكە كېلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، ۋاقىت، ئۆلچەم، ئۈنۈمنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىگىلەش كېرەك. راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈزىتىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، «بىر ئاچقۇچ بىلەن بىر قۇلۇپنى ئېچىش» كېرەك. ئىش قىلىشتا دادىل بولۇپ، ئىش قىلىشقا ماھىر بولۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، توغرا بولغان ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يېقىن بولۇش بىلەن پاك بولۇش بىرلىككە كەلگەن يېڭىچە ھۆكۈمەت - سودىگەرلەر مۇناسىۋىتىنى توغرا ئىگىلەپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنى يەڭگىل جابدۇنۇپ يولغا چىقىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتىكى ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش ھەم ئۇنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

ئىتتىپاقلىق − كۈچ، ئىشەنچ ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك. كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىگە دائىر مۇھىم سىياسەت - فاڭجېن بېكىتىلدى، ۋەزىپە مۈشكۈل، ئەھمىيىتى زور. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، يول ئېچىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا دائىر تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى ئەمەلىي ھەرىكەت ۋە نەتىجە بىلەن، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشايلى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى)