ھەمبەھرە ۋېلىسىپىت ئېگىرىگە يىڭنە يوشۇرۇپ قويغۇچى قولغا ئېلىندى

日期:2023年12月12日
来源:新疆日报网
【字体:


مۇخبىرنىڭ گۇاڭجوۋ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى بەييۈن رايونلۇق شۆبە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2023- يىلى 12- ئاينىڭ 4- كۈنى سائەت 16لەردە، گۇاڭجوۋ بەييۈن ساقچىلىرى مەلۇم ھەمبەھرە ۋېلىسىپىت سۇپىسى خىزمەتچىسىنىڭ ۋېلىسىپىت ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ھەمبەھرە ۋېلىسىپىتنىڭ ئېگىرىگە يىڭنىسىمان نەرسە يوشۇرۇپ قويغانلىقى توغرىسىدىكى مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغان.

ساقچى تەرەپ مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن دەرھال تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرغان. 12- ئاينىڭ 5- كۈنى كەچتە، ساقچىلار دېلوغا چېتىشلىق جىنايەت گۇماندارى خۇاڭ x (ئەر، 32 ياش)نى قولغا ئالغان. خۇاڭ x نىڭ تاپشۇرۇشىچە، ئۇ ئىجارىگە ئالغان بىنانىڭ ئاستىغا باشقىلار ھەمبەھرە ۋېلىسىپىتنى قالايمىقان توختىتىپ قويۇپ، ئۇنىڭ كىرىپ- چىقىشىغا دەخلى يەتكۈزگەن، ئۇ ئاگاھلاندۇرۇش چاپلاپ قويغان بولسىمۇ پايدىسى بولمىغان، شۇنىڭ بىلەن 12- ئاينىڭ 3- كۈنى سەھەر سائەت 5لەردە، قىز دوستى سېتىۋالغان دانىخورەك تېشىش بىر قېتىملىق يىڭنىسىنى (پېچىتى بۇزۇلمىغان، ئىشلىتىلمىگەن) ھەمبەھرە ۋېلىسىپىتنىڭ ئېگىرىنىڭ قېپىنىڭ ئىچىگە بېكىتىپ قويغان. ھازىر خۇاڭ x قانۇن بويىچە مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇلغان.

(باش ئىستانسا مۇخبىرى ۋېي شىڭ، چىن چيەنمىڭ)

سىن كۆرۈنۈشى مەنبەسى: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى دوۋيىن نومۇرى

پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى