ئەنخۇي خېفېي: شەرق ئاق لەيلەكلىرى چاۋخۇ كۆلى سۇلۇق يېرىگە ئۇچۇپ كەلدى

日期:2023年12月11日
来源:新疆日报网
【字体:

2023-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ خېفېي شەھىرىدە، چاۋخۇ كۆلى لىنىيەسى بويىغا جايلاشقان لۇجياڭ ناھىيەسى شېڭچياۋ بازىرى شېندۇن كەنتىدە، توپ-توپ شەرق ئاق لەيلىكى بۇ يەردە ئارام ئېلىپ دانلىماقتا.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئەنخۇي خېفېي چاۋخۇ كۆلىدە ئون يىل بېلىق تۇتۇشنى چەكلەشنى يولغا قويۇپ، چاۋخۇ كۆلى لىنىيەسى بويىدىكى ئون چوڭ سۇلۇق يەردىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش سالمىقىنى زورايتىپ، بېلىق تۇتۇشتىن چېكىندۈرۈپ كۆلنى ئەسلىگە قايتۇرۇش ئارقىلىق سۇلۇق يەر ئېكولوگىيەسىنى خېلى زور ياخشىلىدى. ھەر يىلى قىش پەسلىدە، شەرق ئاق لەيلىكى قاتارلىق كۆپ مىقداردىكى ئاز ئۇچرايدىغان ئەتىۋارلىق پەسىل قۇشلىرى بۇ يەرگە ئۇچۇپ كېلىپ قىشلايدىغان بولدى. جاڭ داگاڭ فوتوسى (خەلق سۈرەت تورى)