شېنجوۋ 17- نومۇرلۇق ئالەم كېمىسى ئەتە سائەت 11دىن 14 مىنۇت ئۆتكەندە قويۇپ بېرىلىدۇ

日期:2023年10月25日
来源:新疆日报网
【字体:

جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ۋەزىپە باش قوماندانلىق ئىشتابى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 11دىن 14 مىنۇت ئۆتكەندە شېنجوۋ 17-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنى قويۇپ بېرىشنى قارار قىلغان، ئۇچۇش گۇرۇپپىسى ئالەم ئۇچقۇچىسى تاڭ خۇڭبو، تاڭ شېڭجيې ۋە جياڭ شىنلىندىن تەركىب تاپقان بولۇپ، تاڭ خۇڭبو كوماندا باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.

شېنجوۋ 16-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى شېنجوۋ 17-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى بىلەن ئوربىتىدا ئالمىشىش ۋەزىپىسىنى تاماملىغاندىن كېيىن، مۇشۇ ئاينىڭ 31-كۈنى دۇڭفېڭ قونۇش مەيدانىغا قايتىپ كېلىدۇ.

پايدىلانغان مەنبە: خەلق گېزىتى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى