دۆلىتىمىزدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا ساياھەت تەشكىلاتىنىڭ «ئەڭ ياخشى ساياھەت كەنتى»دىن تۆتى يېڭىدىن كۆپەيدى

日期:2023年10月24日
来源:新疆日报网
【字体:

مۇخبىرىنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، 10-ئاينىڭ 19-كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا ساياھەت تەشكىلاتى ئومۇمىي يىغىنىنىڭ 25-نۆۋەتلىك يىغىنى ئۆزبېكىستان سەمەرقەندتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، 2023-يىللىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا ساياھەت تەشكىلاتىنىڭ «ئەڭ ياخشى ساياھەت كەنتى» تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان، دۆلىتىمىزنىڭ جياڭشى ئۆلكىسى خۇاڭلىڭ كەنتى، جېجياڭ ئۆلكىسى شياجياڭ كەنتى، گەنسۇ ئۆلكىسى زاگانا كەنتى ۋە شەنشى ئۆلكىسى جۇجياۋەن كەنتى تاللانغان.

ئىگىلىنىشىچە، 2021-يىلى تاللانغان جېجياڭنىڭ يۈسۈن كەنتى، ئەنخۇينىڭ شىدى كەنتى ۋە 2022-يىلى تاللانغان گۇاڭشىنىڭ داجەي كەنتى، چۇڭچىڭنىڭ جىڭجۇ كەنتىنى قوشقاندا، دۆلىتىمىزنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا ساياھەت تەشكىلاتىنىڭ «ئەڭ ياخشى ساياھەت كەنتى»گە تاللانغان كەنتئومۇمىي سانى سەككىزگە يېتىپ، دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرغان.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا ساياھەت تەشكىلاتىنىڭ «ئەڭ ياخشى ساياھەت كەنتى»نى باھالاش 2021-يىلى باشلانغان بولۇپ، ساياھەت ئارقىلىق يېزا-كەنتلەرنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشمەقسەت قىلىنغان.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى