يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ئاياللار شان ـ شەرىپىنى پۈتەيلى

日期:2023年10月24日
来源:新疆日报网
【字体:

− جۇڭگو ئاياللىرى مەملىكەتلىك 13 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

[خەلق گېزىتى باش ماقالىسى]

بۈگۈن، جۇڭگو ئاياللىرى مەملىكەتلىك 13 ـ قۇرۇلتىيى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى. بۇ، يۈز مىليونلىغان جۇڭگو ئاياللىرىنى يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى ئۇلۇغ ئەمەلىيەتكە پائال ئاتلىنىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىش ۋە يېتەكلەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!

ئاياللار ئىشلىرى باشتىن ـ ئاخىر پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ كەلدى. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتى پۈتۈن ۋەزىيىتىنى چىقىش قىلىپ، ئاياللار خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ۋە ئۇنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ ئاياللار خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئاياللار تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاياللار بىرلەشمىسى ئىسلاھاتىغا دائىر ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئاياللارنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئاياللار ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى. دۆلىتىمىزدىكى كەڭ ئاياللار دەۋر بىلەن تەڭ تەرەققىي قىلىپ، ۋەتەن بىلەن بىرلىكتە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىغا پائال ئاتلىنىپ، ئاياللار ئەرلەردىن قېلىشمايدىغان ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ۋە تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، جاسارەت بىلەن بىرىنچى بولۇشقا تىرىشىپ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، مۇھىم رول ئويناپ، يېڭى دەۋر ئاياللىرىنىڭ سالاپىتىنى نامايان قىلدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، كەڭ ئاياللار ئىنسانىيەتنىڭ ماددىي مەدەنىيلىكى ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىكىنى ياراتقۇچىلاردىن بولۇشقا مۇناسىپ، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى، يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم كۈچ بولۇشقا مۇناسىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىدا يېرىم دۇنيالىق رولىنى زىممىسىگە ئېلىشقا مۇناسىپ.

ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتى پارتىيەنىڭ ئاياللار ئاممىسى بىلەن ئالاقە باغلىشىدىكى كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە، پارتىيەنىڭ ئاياللار خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىدىكى كۈچلۈك ياردەمچى، ئاياللار ئاممىسى ئىشىنىدىغان ئىللىق ئائىلە. يېڭى دەۋردىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاياللار، بالىلار ۋە ئاياللار بىرلەشمىسى خىزمىتىنى چۆرىدەپ بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئېلان قىلىپ، پارتىيەمىزنىڭ ئاياللار، بالىلار ئىشلىرى تەرەققىياتىغا بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ئاياللار ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئاياللار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ قوللانما ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو ئاياللىرى مەملىكەتلىك 12 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاياللار، بالىلار ۋە ئاياللار بىرلەشمىسى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېتەكلەش، مۇلازىمەت قىلىش، ئالاقىلىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، كەڭ ئاياللارنى پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، ئاياللار بىرلەشمىسى خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، دۆلىتىمىز ئاياللار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاممىۋى ئاساسىنى پۇختىلاش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشتى.

پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈپ چىقىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئالغا سىلجىتىشتا ئاياللار مۇھىم كۈچ» «پارتىيە ۋە دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئاياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل ـ قىزلىرىنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ.» يېڭى مۇساپىدە، زامانىمىزدىكى جۇڭگو ئاياللار ھەرىكىتىنىڭ دەۋر باش تېمىسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئۇلۇغ ئىشلارنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن، مەدەنىي كەيپىياتنىڭ تەشەببۇسچىلىرىدىن، دادىللىق بىلەن ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچىلاردىن بولۇپ، ئاياللارنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوزغاپ، ئاياللارنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئاياللارنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتىنى توپلىغاندا، كەڭ ئاياللار چوقۇم جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشالايدۇ. پارتىيەنىڭ ئاياللار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش دۆلىتىمىز نوپۇسىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدىغان ئاياللارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ۋە ئۇيۇشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قۇدرەتلىك كۈچ بىلەن تەمىنلەشكە مۇناسىۋەتلىك. كەڭ ئاياللارنى پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، ياخشى كۆۋرۈك، ۋاسىتە ۋە كۈچلۈك ياردەمچى بولۇش خىزمەت ئورۇن بېكىتمىسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، كەڭ ئاياللار بىلەن ئالاقىلىشىش ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىشنى خىزمەتنىڭ جان تومۇرى قىلىپ، كەڭ ئاياللارنىڭ تارىخىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە باش قەھرىمانلىق روھىنى ئۇرغۇتۇپ، ئاياللار ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغاندا، ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى چوقۇم پارتىيە ئىشلىرى ئۈچۈن ئاياللارنىڭ كۈچىنى ئەڭ كەڭ دائىرىدە ئىتتىپاقلاشتۇرالايدۇ ۋە مۇجەسسەملىيەلەيدۇ.

«جۇڭگو ئارزۇسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئارزۇسى، شۇنداقلا جۇڭگودىكى بارلىق ئاياللارنىڭ ئارزۇسى.» يېڭى مۇساپىدە، ھەربىر ئايال دەۋرنىڭ خاتىرىلىگۈچىسى، ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچى. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاياللارنىڭ يېرىم دۇنيالىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بىر مەقسەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى شەكىللەندۈرۈپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە ئاياللارنىڭ شان ـ شەرىپىنى پۈتەيلى، يېڭى مۆجىزىلەرنى يارىتايلى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)