ئاياللار يېڭى دەۋردە گۈلدەك خۇش پۇراق چاچتى

日期:2023年10月24日
来源:新疆日报网
【字体:

− يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاياللار ئىشلىرى تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلغانلىقى ۋە تۈرتكە بولغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى خۇاڭ يۆ، دۇڭ بوتىڭ، ۋاڭ مىڭيۈ

خۇش پۇراق گۈللەر قۇياش نۇرىدا پورەكلەپ ئېچىلدى؛ ئاياللار دەۋر سالاپىتىنى نامايان قىلدى.

پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتى پۈتۈن ۋەزىيىتىنى چىقىش قىلىپ، ئاياللارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، غەمخورلۇق قىلىپ، ئاياللار خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى پىلانلاپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، يۈز مىليونلىغان ئايالنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە كۆتۈرەڭگۈ قىياپەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە، كۈرەش قىلىپ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

«ئاياللار ئىشلىرى باشتىن ـ ئاخىر پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ كەلدى»

2021 ـ يىلى 2 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى، بېيجىڭ خەلق سارىيى. مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خۇلاسىلەش ـ تەقدىرلەش يىغىنى بۇ جايدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.

مۇكاپات ئېلىش سەھنىسىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېڭىشىپ تۇرۇپ، چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان جاڭ گۇيمېيغا تەنتەنىلىك ھالدا مېدال تارقىتىپ بەردى.

«سالامەتلىكىڭىزنى ئاسراڭ!» دېدى باش شۇجى كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا.

يۈننەن لىجياڭدىكى خۇاپىڭ قىزلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مۇدىرى جاڭ گۇيمېي ئاغرىق ئازابىغا قارىماي، ئۆتكەن ئون نەچچە يىلدا، تاغلىق رايوندىكى 2000دىن ئارتۇق قىزنىڭ ئوقۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بەردى. باش شۇجى ئۇنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئالقىشلاپ مۇنداق دېدى: «مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشكە ئۆزىنى بېغىشلىدى، تاغلىق رايوندىكى قىزلارنىڭ ئۈمىد چىرىغىنى ياندۇردى».

تۆت ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن، ئۇ مەلھەم دورا چاپلانغان بىر جۈپ قولى بىلەن پارتىيە ئىچىدىكى ئەڭ ئالىي شەرەپكە ۋەكىللىك قىلىدىغان «1 ـ ئىيۇل ئوردېنى»نى «كۆتۈردى».

دۆلەت نامى بىلەن قەھرىمانلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈلدى. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە، ئايال نەمۇنىچىلارنىڭ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان نۇرى چاقناپ تۇردى؛ جۇمھۇرىيەتنىڭ تارىخ سەھىپىسىدە «يېرىم دۇنيا»نىڭ قالتىس تۆھپىسى پۈتۈلدى!

«پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى يېتەكلەپ بوشاشماي كۈرەش قىلغان شانلىق مۇساپىسىدە، ھەربىر غەلىبىگە كەڭ ئاياللار پائال قاتناشتى ۋە قالتىس تۆھپە قوشتى.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرى چوڭقۇر مەنىلىك ئىدى.

100 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنىڭ ھەرقايسى تارىخىي مەزگىللىرىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن ـ ئاخىر ئاياللارنىڭ ئازادلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئەر ـ ئاياللار باراۋەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۆزىنىڭ كۈرەش بايرىقىغا يېزىشتا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن ـ ئاخىر كەڭ ئاياللارنى پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم كۈچ قىلىپ، باشتىن ـ ئاخىر ئاياللار خىزمىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئاياللار تەرەققىيات يولىنى ئېچىپ، كەڭ ئاياللارنى ۋەتەن بىلەن تەقدىرداش بولۇش، خەلق بىلەن بىرلىكتە كۈرەش قىلىشنىڭ قالتىس سەھىپىسىنى پۈتۈشكە يېتەكلىدى.

«ئاياللار يېرىم دۇنيا. بۇ نېمىدېگەن مەردانە ئېيتىلغان سۆز ھە!» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەلبىدە ئاياللار ئەرلەردىن قېلىشمايدۇ، ئاياللارنىڭ كۈچ ـ قۇدرىتى چەكسىز.

1990 ـ يىلى 3 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، ئەينى چاغدىكى نىڭدې ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شى جىنپىڭ شەرقىي فۇجيەن گېزىتىدە «ئاياللار جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان ئۇلۇغ كۈچ −<8>خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن» دېگەن ناملىق ماقالە ئېلان قىلدى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەنىدى: «تارىخ ۋە رېئاللىق بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى: نوپۇسنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىغان كەڭ ئاياللار پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان ئۇلۇغ كۈچ. بىزنىڭ ھەربىر تۈرلۈك ئىشىمىزنىڭ غەلىبىسى ئاياللارنىڭ جاپالىق ئەمگىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.» ھەربىر جۈملە سۆزگە ئايال قېرىنداشلارغا بولغان مەدھىيە ۋە ئىلھام مۇجەسسەملەنگەنىدى.

«بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! سىلەر بۈگۈن ناھايىتى روھلۇق بولۇپ كېتىپسىلەر».

2013 ـ يىلى 3 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، ئايال ۋەكىللەرنى سەمىمىي يوقلاپ، كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: «ئايال ۋەكىللەر ئاياللار ئىچىدىكى ئەڭ قالتىسلار، سىلەرنىڭ باشلامچىلىق رولۇڭلارنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن».

3 ـ ئايدىكى ئىللىق باھاردا، ئاياللار ئۆزلىرىگە تەۋە بايرامنى كۈتۈۋالىدۇ. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ھەر يىلى مۇشۇ ۋاقىتتا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بايراملىق سەمىمىي تىلىكى قەرەلىدە يېتىپ كېلىدۇ.

ئاياللار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىجادىي، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك، ئۇزاق مەزگىللىك بىر قاتار مۇھىم تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقاردى:

«ئەر ـ ئاياللار باراۋەرلىكى قاتارلىق تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاياللار، بالىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش» پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيى، 19 ـ قۇرۇلتىيى، 20 ـ قۇرۇلتىيى دوكلاتىغا كىرگۈزۈلدى؛

«ئائىلە، ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاياللار، بالىلارنىڭ ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش» پارتىيەنىڭ 3 ـ تارىخىي قارارىغا كىرگۈزۈلدى؛

پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا «ئەر ـ ئاياللار باراۋەرلىكى، ئاياللارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تۈزۈم ـ مېخانىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش» ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛

2013 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسى بىلەن كوللېكتىپ سۆھبەتلەشكەندە، يېڭى دەۋردىكى ئاياللار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى −

«پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى، شۇنداقلا ھازىرقى زامان جۇڭگو ئاياللار ھەرىكىتىنىڭ دەۋر باش تېمىسى».

يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، ئاياللار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى دەۋر ئىچكى خاس مەزمۇنى يۈكلەندى، 100 مىليونلىغان ئايال تېخىمۇ مۇھىم بۇرچنى زىممىسىگە ئالدى.

2018 ـ يىلى 11 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى سائەت 23 تىن 57 مىنۇت ئۆتكەندە، 41 ـ نومۇرلۇق بېيدوۋ يول باشلاش سۈنئىي ھەمراھىنىڭ ئوڭۇشلۇق ھالدا بوشلۇققا كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، قوماندانلىق زالىدا گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. خىزمەتداشلىرى بەس ـ بەستە باشمالتىقىنى چىقىرىپ جاڭ رۇنخۇڭنى ئالقىشلىدى.

بۇ قېتىمقى سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش جاراڭلىق بۇيرۇقىنى دەل 36 ياشلىق جاڭ رۇنخۇڭ چۈشۈرگەنىدى. بۇ، جۇڭگو ئالەم قاتنىشى تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئايال كىشىنىڭ «01» قومانداندانلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشى ئىدى.

شۇ يىلى باھار بايرىمى ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ سىچۇەندە تۇرۇشلۇق قىسىمنىڭ مەلۇم بازىسىغا بېرىپ، ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەرنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، قوشۇندىكى جاڭ رۇنخۇڭ باش شۇجىغا ئۆزىنىڭ ئىرادىسىنى دوكلات قىلدى:

«دوكلات رەئىس، مېنىڭ يەنە بىر نىشانىم بار، ئۇ بولسىمۇ دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى ئايال <01> قوماندان بولۇش».

«<01> قومانداننىڭ مۇشۇنداق مۇھىم پەن تەتقىقات ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئېلىشىمۇ دۆلىتىمىز ئاياللار ئىشلىرىدىكى بىر بەلگە، مەنمۇ سىزنىڭ نىشانىڭىزنى بالدۇرراق ئەمەلگە ئاشۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى باش شۇجى خۇشال ھالدا جاڭ رۇنخۇڭغا ئىلھام بېرىپ.

ئايال قەھرىمانلار كۈرەش قىلىپ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى، يېڭى دەۋردىكى ئاياللار ئىشلىرى تەرەققىياتىدا يېپيېڭى كەيپىيات نامايان بولدى.

«بىز بوشاشماي تىرىشىپ، ئاياللار ئىشلىرى تەرەققىياتى ئۈچۈن كەڭ يول ئېچىشىمىز كېرەك»

2007 ـ يىلى 4 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى، يولداش شى جىنپىڭ شاڭخەي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولۇپ بىر ئاي بولمايلا، ئالايىتەن شاڭخەي شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسىگە كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

«يىغىن زالىغا كىرىپلا، ئۇ ئالدى بىلەن ھەربىرىمىز بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.» ئەينى يىللاردىكى كۆرۈنۈشنى ئەسلىگىنىدە، ئەينى چاغدىكى شاڭخەي شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ لىلى ھېلىھەم ھاياجانلىق ھېسسىياتىنى باسالمايدۇ.

«ئاياللار يېرىم دۇنيا، ئەگەر بۇ يېرىم دۇنيانىڭ ئىشى ياخشى ئىشلەنسە، ئۇ پۈتۈن ۋەزىيەتكە تەسىر كۆرسىتىدۇ، بىر پۈتۈنلۈككە تەسىر كۆرسىتىدۇ.» يولداش شى جىنپىڭنىڭ تاپىلىشى يىغىنغا قاتناشقان جاڭ لىلى قاتارلىق يولداشلارغا مەسئۇلىيىتىنىڭ ئېغىرلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى.

غەمخورلۇق قىلىش ئىزچىل داۋاملاشتى، مېھىر ـ مۇھەببەت چوڭقۇر، ئۇزاققىچە داۋاملاشتى.

پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «پارتىيەنىڭ ئاياللار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش دۆلىتىمىز نوپۇسىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدىغان كەڭ ئاياللارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، ئۇيۇشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى تەرەققىياتىنى قۇدرەتلىك كۈچ بىلەن تەمىنلەشكە مۇناسىۋەتلىك، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى سىنىپىي ئاساسى ۋە ئاممىۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەشكە مۇناسىۋەتلىك».

ئاياللارنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش ـ سەھىيە مۇلازىمىتىگە كاپالەتلىك قىلىشتىن، ئاياللارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقىچە؛ ئاياللارغا يۈزلەنگەن كەسپىي مائارىپ ۋە ئۆمۈرلۈك مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن، ئاياللار ساھەسىدە خەلقئارا تەرەققىيات ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشقىچە؛ «جۇڭگو ئاياللار تەرەققىيات پىروگراممىسى (2021 ـ يىلىدىن 2030 ـ يىلىغىچە)»نى تۈزۈشتىن، ئاياللارنىڭ ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكىچە... يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاياللارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىغا باشتىن ـ ئاخىر ئەھمىيەت بېرىپ، كەڭ ئاياللارنى ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، كىشىلىك ھايات قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلىدى.

«ئائىلە مۇلازىمەت ئىشلىرىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق» − 2013 ـ يىلى 11 ـ ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جىنەن شەھەرلىك سىرتتىن كەلگەن ئىشلىگۈچىلەر ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان بۇ سۆز ئائىلە مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان جو چاڭلىنىڭ ئىرادىسىنى چىڭىتتى: «باش شۇجىنىڭ ئىلھامى قەلبىمنى بىردىنلا ئىللىتتى!»

غەمخورلۇق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندى، ئارزۇ ـ ئۈمىد نەتىجە يارىتىش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتتى.

بۈگۈنكى كۈندە، جو چاڭلى قۇرغان «خۇش چىراي ھەدە» ئائىلە مۇلازىمەتچىلىك شىركىتى جىنەندىن پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلىنىپ، ئائىلە مۇلازىمىتى قوشۇنى تەرەققىي قىلىپ 70 نەچچە مىڭ كىشىگە يەتتى. جو چاڭلى ۋە ئۇنىڭ ئاچا ـ سىڭىللىرىمۇ جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش جەريانىدا تەقدىرىنى ئۆزگەرتتى، قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇردى.

«جۇڭگو خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىش مۇساپىسىدە، ھەربىر ئايالنىڭ كىشىلىك ھاياتىنى جۇلالاندۇرۇش ۋە ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش پۇرسىتى بار.» ئاياللارنىڭ قەلب ساداسىغا قۇلاق سالدى، ئاياللارنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چوڭقۇر مۇھەببەتكە تولغان تاپشۇرۇقى ئاياللارغا ئالغا ئىلگىرىلەپ ئارزۇغا ئىنتىلىش ئىشەنچى ۋە كۈچى بېغىشلىدى.

ئايال كادىرلارنى يېتىشتۈرۈشكە باش شۇجى شى جىنپىڭ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى.

«ئۇ قېتىمقى يىغىن ناھايىتى ياخشى ئېچىلدى، يولداش شى جىنپىڭنىڭ غەمخورلۇقى بىزنىڭ كىشىلىك ھايات يولىدا ياخشى مېڭىشىمىزدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولدى.» 30 يىل ئۆتۈپ كەتتى، پېنسىيەگە چىققان ئايال كادىر جۇ خۇا باشتىن ـ ئاخىر ئەسلىمىسىنى قەلبىگە پۈكۈپ كەلدى.

1993 ـ يىلى، فۇجوۋ شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسى ئايال كادىرلار سەمىمىي سۆزلىشىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئەينى چاغدىكى فۇجوۋ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شى جىنپىڭنى قاتنىشىپ يېتەكچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. يولداش شى جىنپىڭ يىغىندا مۇنداق بىلدۈردى: ئاياللارنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىشى جەمئىيەت مەدەنىيلىكى، ئاياللار ئازادلىقى ۋە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ئەۋزەللىكىنىڭ بەلگىسى. ئايال كادىرلارنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىش ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى تېزلىتىشنىڭ ئېھتىياجى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ تەشكىلات خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى.

يىغىنغا قاتناشقان 20 نەچچە ئايال كادىر زور ئىلھام ئالدى، ئۇلار ئۆز تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ئارقا ـ ئارقىدىن مۇھىم خىزمەت ئورنىغا چىقىپ، تايانچلىق رولىنى جارى قىلدۇردى.

«ئاياللارنىڭ ئورنى بىر جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى ـ تۆۋەنلىكىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم بەلگىلەرنىڭ بىرى. ئايال كادىرلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چۈشىنىپ، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇلارنى ئاسراش كېرەك. ئايال كادىرلارنىڭ ئۆزىنى ھۆرمەتلەش، ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش روھىنى تۇرغۇزۇپ، خىزمەتلەرنى دادىل قانات يايدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى بىلەن كوللېكتىپ سۆھبەتلەشكەندە مۇنداق تەكىتلىدى: «ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئايال ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىشىگە كەڭ سەھنە ھازىرلاپ بېرىش كېرەك»؛ پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدا مۇنداق تەكىتلىدى: «ئايال كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش، تاللاپ ئۆستۈرۈش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئايال كادىرلارنىڭ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك»... پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاياللارنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئەمەلىيىتىگە ئاتلىنىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئاياللار كۈچىنى قوشۇشقا رىغبەتلەندۈردى ۋە مەدەت بەردى.

«ھەدە، سىزمۇ كەپسىز».

2016 ـ يىلى دېھقانلار كالېندارى بويىچە باھار بايرىمى ھارپىسىدا، جىڭگاڭشەندە تەكشۈرۈشتە بولۇۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ باجياۋلوۋدىكى شېندې كۈتۈپخانىسىغا كېلىپ، ئىشىكتىن كىرىپلا گۇڭ چۈەنجېننى تونۇۋالدى.

ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى، 4 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى ھەم ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر بىلەن كۆرۈشكەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئالايىتەن يىغىنغا قاتناشقۇچىلارغا مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ پېشقەدەم ئۇستاز پېشقەدەم جياڭجۈن گەن زۇچاڭنىڭ رەپىقىسى گۇڭ چۈەنجېن بولىدۇ، ئۇ بۇ يىل 90 ياشتىن ئاشتى، ئۇنى كۆرۈپ قەلبىم ھاياجانغا چۆمدى.

«مەن باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغدىلا، جياڭجۈننىڭ دېھقان بولغانلىقى توغرىسىدىكى بىر دەرس تېكىستى بار ئىدى، بىز چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولغانىدۇق.» باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: يېرىم ئەسىر ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، گۇڭ ئۇستاز يەنىلا بۇ خىل روھنى ئەۋج ئالدۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ، بۇ خىل جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش روھىغا بىز بىر ئەۋلاد كىشىلەر ۋارىسلىق قىلىپلا قالماي، كېيىنكى ئەۋلادلارمۇ ئەۋج ئالدۇرۇشى كېرەك.

ئائىلە ئەڭ كىچىك دۆلەت، دۆلەت مىليونلىغان ئائىلىدىن تەركىب تاپىدۇ.

«ئاياللار جەمئىيەتتە تېخىمۇ زور رول ئوينىشى، ئائىلىدە تېخىمۇ ئاچقۇچلۇق رول ئوينىشى كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاياللارنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئائىلە گۈزەل ئەخلاقىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ياخشى ئائىلە ئىستىلى تۇرغۇزۇش جەھەتتىكى ئۆزگىچە رولىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، كىچىك ئائىلىنىڭ ئېجىللىقى ئارقىلىق چوڭ جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىنى ئورتاق بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولدى.

دەۋر دولقۇنى ئۆركەشلەپ ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە، ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى قانداق قىلغاندا داۋاملىق تۈردە 100 مىليونلىغان ئايالنىڭ «غەمگۈزارى» بولالايدۇ؟ قانداق قىلغاندا ئاياللار خىزمىتىنى دائىم ئىشلەپ، دائىم يېڭىلاپ، ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ؟

2015 ـ يىلى 7 ـ ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق مەركەز پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئاياللار بىرلەشمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى. بىر يىلدىن كېيىن «مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ ئىسلاھات لايىھەسى» بېسىپ تارقىتىلدى، بىر قاتار مۇھىم تەدبىرلەر ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتىنىڭ سىياسىيلىقى، ئىلغارلىقى، ئاممىۋىلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، «غەمگۈزار»نى ئاياللار ئېھتىياجلىق بولغاندا ئوتتۇرىغا چىقىپ سۆزلەپ، ئالدىغا ئۆتۈپ ھوقۇقىنى قوغداپ، تۆۋەنگە چۆكۈپ مۇلازىمەت قىلىپ، ئاياللار ئۈچۈن كۆپرەك ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

«ئاياللار چوڭ لېكسىيەسى» تور ۋە تور سىرتىدا 1 مىليارد 500 مىليون ئادەم قېتىمدىن كۆپرەكنى قاپلىدى، 4000دىن ئارتۇق مەملىكەتلىك 8 ـ مارت قىزىل بايراقدارى قاتارلىق زور بىر تۈركۈم ئىلغار تىپلار ئۈلگىنىڭ كۈچىنى يەتكۈزدى؛

1 مىليون 80 مىڭ ئاياللار گۇرۇپپىسى، 900 مىڭ «ئاياللار ئائىلىسى» «ئاياللار مىكرو ئائىلىسى» شەھەر ـ يېزا مەھەللىلىرىگە تارقالدى؛ 7 مىليونغا يېقىن ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىسى ئىجرائىيە كومىتېتى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە ھەرىكەتكە كەلدى، كەڭ ئاياللارغا مۇلازىمەت قىلدى؛

ئورگان كادىرلىرى قەرەللىك ھالدا ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ قوشماقلىشىپ، ئاياللار ئاممىسىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بەردى؛ توردىكى ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاياللار ئۈچۈن 24 سائەت توردىن ئايرىلمايدىغان «تور ئائىلىسى» بەرپا قىلىپ بەردى؛

...

«بىز بوشاشماي تىرىشىپ، ئاياللار ئىشلىرى تەرەققىياتى ئۈچۈن كەڭ يول ئېچىشىمىز كېرەك» − يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدە ئۈزلۈكسىز گۈزەل رېئاللىققا ئايلانماقتا.

«ھەربىر ئايال دەۋرنىڭ خاتىرىلىگۈچىسى، ئارزۇغا ئىنتىلىدىغان كۈرەش قىلغۇچى»

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى تۇيۇقسىز يۈزبەردى. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىدىكى «2000 ـ يىللاردا تۇغۇلغان» ئايال سېسترا ليۇ جيايى «بوران ـ چاپقۇن» ئىچىدىكى ۋۇخەنگە باشچىلاپ كىرىپ كەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مۇداپىئە كىيىمى كىيگەن ئىكەنمەن، مەن بالا ئەمەس».

بۇ سۆز جۇڭگونى تەسىرلەندۈردى، دۇنيانى تەسىرلەندۈردى. 2020 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ بېيجىڭ دۇنيا ئاياللار قۇرۇلتىيىنىڭ 25 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا دۇنياغا بۇ ئايال سېسترانىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى −

«دەل مۇشۇنداق مىليونلىغان جۇڭگو ئاياللىرى ئاق خالاتنى دوبۇلغا قىلىپ، قارشى يۆنىلىشتە ئىلگىرىلەپ، جاسارىتى ۋە جاپالىق ئەمگىكى بىلەن دوختۇرلارنىڭ مېھرىبان قەلبىنى ئىزاھلىدى، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش ۋە ئۆزىنى بېغىشلاش ئارقىلىق يۇرتنىڭ تىنچ ـ ئامانلىقىنى قولغا كەلتۈردى».

دۆلىتىمىزدىكى چوڭ ئىشلارغا جۇڭگو ئاياللىرى تولۇق قاتنىشىپ كەلدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ جىددىي پەيتىدە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ قايناق بىرىنچى سېپىدە، پەن تەتقىقاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئالدىنقى سەپ بازىسىدا... كەڭ ئاياللار شەخسىيەتسىز، قورقماس بولۇپ، خالىس تۆھپە قوشۇپ، ئاياللارنىڭ سەلتەنەتلىك سەھىپىسىنى پۈتتى.

ئۇلۇغ ئىشلارنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بولۇپ، دۆلەت ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن نۇر چاچتى، چاقنىدى −

2021 ـ يىلى 7 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى، شىزاڭنىڭ لىنجى شەھىرى گالا كەنتىدىكى خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت مەركىزىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ «90 ـ يىللاردا تۇغۇلغان» ئايال كەنت كادىرى خۇاڭ خەيفېننى ئۇچراتتى.

چاۋشەنلىك بۇ قىزنىڭ داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئاق ياقىلىقلار خىزمىتىدىن ۋاز كېچىپ، قارلىق ئېگىزلىككە بېرىپ ماكانلاشقانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇنى رىغبەتلەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «دېڭىز بويىدىن ئېگىزلىككە كېلىپسىز، بۇ جاي ئادەمگە ئېھتىياجلىق، سىز بۇ يەردە ياخشى ئىشلەڭ».

سەمىمىي تاپشۇرۇق خۇددى باھار شامىلىدەك قەلبنى ئىللىتتى. خۇاڭ خەيفېن ئۆز تاللىشىغا پۇشايمان قىلماي، ياشلىق باھارىنى پارتىيە ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايغا بېغىشلاش قارارىغا كەلدى.

2020 ـ يىلى 9 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى، ئالىملار سۆھبەت يىغىنىدا، ئۇزاق مەزگىل قەدىمكى ئىرسىيەت ئىلمى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان «80 ـ يىللاردا تۇغۇلغان» ئايال ئالىم فۇ چياۋمېي باش شۇجىغا سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «بەزىلەر دائىم <تەتقىقاتىڭنىڭ نېمە پايدىسى بار> دەپ سورايدۇ. مەنمۇ ئىلگىرى تەجرىبىخانىنى ساقلاپ قېلىش ناھايىتى تەس بولۇپ قالغان چاغلاردا، قىزىق نۇقتىلىق تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانسام بولارمۇ، دەپ ئويلىغانىدىم...»

باش شۇجى ئاڭلىغاندىن كېيىن چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق دېدى: «ئاقمايدىغان كەسىپكە قانداق قارايسىز؟ ئادەتتىكى ئۇقۇم بويىچە، ئاقمايدىغان نەرسىلەرنىڭ پايدىسى يوق، دەپ قارىلىدۇ. بۇ خىل تونۇش بەلكىم بىر ساھەدىكى ئىشلارنى كېچىكتۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن. پەن تەتقىقات ئىشلىرىنى باھالاشتا يىراق كەلگۈسى نەزەر، دۇنياۋى نەزەر، ئىلمىي نەزەر بولۇشى كېرەك».

باش شۇجىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، فۇ چياۋمېي رازىمەنلىك بىلەن «سوغۇق ئورۇندۇق»تا ئولتۇرۇپ، كوللېكتىپنى يېتەكلەپ قەدىمىي گېن گۇرۇپپىسى تەتقىقاتى ساھەسىدە داۋاملىق قېتىرقىنىپ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللاندى.

«كىچىك مەن»نى پارتىيە ۋە دۆلەت «ئومۇملۇق»ىغا سىڭدۈرۈپ، كەڭ ئاياللار ئۆزىگە تايىنىپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەقىل ـ پاراسەت ۋە كۈچ قوشتى.

مەدەنىي كەيپىياتنىڭ تەشەببۇسچىلىرىدىن بولۇپ، ئەنئەنىنى داۋاملاشتۇردى، گۈزەل ئەخلاقنى ئەۋج ئالدۇردى −

2021 ـ يىلى 6 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بېيجىڭ خەلق سارىيىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تۇنجى قېتىم «1 ـ ئىيۇل ئوردېنى»نى تارقاتتى.

«ۋاڭ لەنخۇا، سىز يەنە كەپسىزدە، شەرەپ بىلەن يەنە كەلدىڭىز.» ئالدىنقى يىلى نىڭشياغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا ئۇچراتقان بۇ موماينىڭ سەھنىگە چىققانلىقىنى كۆرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ سەمىمىي سالاملاشتى.

70 نەچچە ياشلىق ۋاڭ لەنخۇا نىڭشيانىڭ ۋۇجۇڭ شەھىرى جىنخۇايۈەن مەھەللىسىدىكى پىدائىلار باشلامچىسى بولۇپ، مەھەللىدىكىلەر ئۇنى «تىرىك لېي فېڭ» دەپ ئاتىشىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، دائىم باش شۇجىنىڭ «سوتسىيالىزم ئىشلەش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن» دېگەن سۆزىنى ئېسىمگە ئالىمەن.

پەقەت يەتتىلا ئادىمى بار بولغان «ۋاڭ لەنخۇا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش گۇرۇپپىسى»دىن 95 مىڭ كىشىدىن ئاشىدىغان پىدائىيلار قوشۇنىغىچە، ياشىنىپ قالغان ۋاڭ لەنخۇا بىر توپ قىزغىن مومايلارنى باشلاپ، بارغانسېرى كېڭىيىۋاتقان «مېھىر ـ مۇھەببەت يولى»غا قاراپ ماڭدى.

«كەترەن گۈلى خۇش پۇراق چاچىدۇ»، ھەرىكەتكە كېلىش سۆزلەشتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.

سەھەردە، گۇيجوۋ ئۆلكىسىنىڭ چيەنشى شەھىرى خۇاۋۇ كەنتىدە ئالدىراشلىققا تولغان مەنزىرە بارلىققا كەلدى. غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۈنەرخانىسىدا، كەشتىچى ئاياللار يىڭنىنى ئەپچىللىك بىلەن ئۆتكۈزۈپ، زاكاز قىلىنغان بىر تۈركۈم مياۋزۇ كەشتىسى چۈشۈرۈلگەن كىيىم ـ كېچەكلەرنى تىكىۋاتاتتى.

2021 ـ يىلى 2 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇاۋۇ كەنتىگە كەلدى. غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسى پېڭ يى باش شۇجىغا ئۆزىنىڭ يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەپ، مياۋزۇ كەشتىچىلىك ھۈنىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كەچۈرمىشىنى سۆزلەپ بەردى. باش شۇجى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مياۋزۇ كەشتىچىلىكى ھەم ئەنئەنىۋى، ھەم مودا، سىلەر بىر يىپ بىر يىپتىن كەشتىلەپ چىقىپسىلەر، نېمىدېگەن قالتىس!»

باش شۇجىنىڭ «مياۋزۇ كەشتىچىلىكىنى چوقۇم كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك» دېگەن ئىلھاملاندۇرۇشىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، پېڭ يى شۇ جايدىكى ئاياللارنىڭ مياۋزۇ كەشتىچىلىكى ھۈنىرىنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن سەھنە ھازىرلاپ بېرىپلا قالماي، يەنە مياۋزۇ كەشتىچىلىكىنى يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، قەدىمىي مياۋزۇ كەشتىچىلىكىنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

لىزۇ مىللىتىنىڭ تاۋار ـ دۇردۇنى، شۇڭ توقۇمىچىلىقى، جيايا زاڭزۇ گىلىمى... يەرلىكتە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، باش شۇجى نۇرغۇن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ئايال ۋارىسلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. سەمىمىي ئۈمىد كەڭ ئاياللارنى ئۆزىگە ئىشىنىش قىياپىتى ئارقىلىق جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

ئارزۇغا ئىنتىلىشكە جۈرئەت قىلالايدىغان كۈرەش قىلغۇچىلاردىن بولۇپ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشتى، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى −

2019 ـ يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ئاياللار ۋالىبول مۇسابىقىسى 9 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنىدىن 29 ـ كۈنىگىچە ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى كۈچلۈك رەقىبلەردىن قورقماي، جاسارەت بىلەن ئېلىشىشقا جۈرئەت قىلىپ، 11 قېتىم ئۇدا غەلىبە قىلىشتەك كىشىنى پەخىرلەندۈرىدىغان نەتىجە بىلەن چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈپ، چېمپىيونلۇقنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ساقلاپ قالدى.

يېڭى جۇڭگو دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەمدىلا چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى ئەزالىرىنى دۆلەت بايرىمىلىق كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتنىشىشقا مەخسۇس تەكلىپ قىلدى ھەم يىغىندىن بۇرۇن ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى. باش شۇجى تەرىپلەپ مۇنداق دېدى: «سىلەر مۇسابىقە مەيدانىدا ۋەتەننى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىدىغان، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىدىغان، مەڭگۈ مەغلۇبىيەتكە تەن بەرمەيدىغان روھىي قىياپىتىڭلارنى نامايان قىلدىڭلار».

2023 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى، خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى يەنە بىر قېتىم ياخشى نەتىجە ياراتتى، ئالتە مەيدان مۇسابىقىدە تولۇق غەلىبە قىلىپ، ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 9 ـ قېتىم ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.

سەمىمىي سۆز، سەمىمىي تاپشۇرۇق ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىدىكى قىزلارنى مۇسابىقە مەيدانىدا ماھارىتىنى تولۇق نامايان قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى، يۈز مىليونلىغان ئايالنى كۆتۈرەڭگۈ قىياپەتتە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئەڭ گۈزەل قىياپەتتە ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش، گۈللىنىش سەپىرىگە ئاتلىنىشقا ئىلھاملاندۇردى.

2012 ـ يىلى، ليۇ ياڭ ئالەم بوشلۇقىغا ئۇچۇش مۇساپىسىگە ئاتلاندى، جۇڭگو ئاياللىرى تۇنجى قېتىم بىپايان ئالەمنى كەزدى.

«سىز دېگەن ئايال قەھرىمان، شۇنداقلا يېرىم دۇنيالىق رولىغا ئىگە ئاياللارنىڭ ۋەكىلى، ھازىر يەنە جۇڭگو ئاياللىرىنىڭ <ئوبراز ئەلچىسى> بولدىڭىز!» 2013 ـ يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ليۇ ياڭنى سەمىمىي ماختىدى.

«بىز بەختىمىزگە دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ ياخشى دەۋرىگە ئۇلاشتۇق، بىز چوقۇم ۋەتەننىڭ شان ـ شەرىپىنى ئالەم بوشلۇقىغا كەڭ يازىمىز!» دېدى ليۇ ياڭ قەتئىيلىك بىلەن.

ئون يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، ليۇ ياڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن تەييارلىق مەشىقىگە كىرىشىپ كەتتى. 2022 ـ يىلى ئۇ شېنجوۋ 14 ـ نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىگە ئولتۇرۇپ يەنە بىر قېتىم كۆككە چىقتى.

بىپايان دېڭىزدا بېلىقلار ئەركىن ئۈزىدۇ، ئېگىز ئاسماندا قۇشلار ئەركىن پەرۋاز قىلىدۇ.

«يېڭى مۇساپىدە، ھەر بىر ئايال دەۋرنىڭ خاتىرىلىگۈچىسى، ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچى. ئاياللارنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئاياللارنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتىنى توپلاپ، ئاياللارنى ھۆرمەتلەپ ۋە ئۇلارغا كۆيۈنۈپ، كەڭ ئاياللارنى يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلەش كېرەك».

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، كەڭ ئاياللار ئۇلۇغ دەۋر يۈكلىگەن گۈزەل ئارزۇنى قەلبكە پۈكۈپ، ئەرلەردىن قېلىشمايدىغان جاسارىتى ۋە ئەمەلىي ئىشلەش روھى ئارقىلىق، يېڭى مۇساپىدىكى كەڭ زېمىندا تۆھپە قوشۇپ، نەتىجە يارىتىدۇ، داۋاملىق شان ـ شەرەپ پۈتىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)