بۇ يىل كۈزلۈك ئاشلىق ھوسۇلىنىڭ ئېشىشى مۇقىملىشىپ قالدى

日期:2023年10月23日
来源:新疆日报网
【字体:

يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ 10- ئاينىڭ 23- كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل يازلىق ئاشلىق، چىلگە شالدىن مول ھوسۇل ئېلىنغان. يازلىق ئاشلىق ھوسۇلى ئالدىنقى يىلدىكىدىن 2 مىليارد 550 مىليون جىڭ كېمەيگەن بولسىمۇ، يەنىلا تارىختىكى 2- يۇقىرى ئورۇندا تۇرغان؛ چىلگە شالنىڭ ھوسۇلى ئۇدا تۆت يىل ئاشقان.

كۈزلۈك ئاشلىق ھوسۇلىنىڭ ئېشىشى مۇقىملىشىپ قالغان. كۈزلۈك ئاشلىق كۆلىمى مۇقىملىق ئاساسىدا كېڭەيگەن، قىسمەن جايلار ئاپەتكە ئۇچرىغاندىن باشقا، كۆپ قىسىم رايونلاردا يورۇقلۇق، تېمپېراتۇرا، سۇنىڭ ماسلىشىشى بىرقەدەر ياخشى بولۇپ، ئومۇمىي جەھەتتىن ھوسۇلنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن.

پۈتۈن بىر يىلدا ئاشلىقتىن يەنە مول ھوسۇل ئېلىنىدىكەن، ھوسۇلدا يەنە تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىپ، ئۇدا توققۇز يىل 1 تىرىليون 300 مىليارد جىڭدىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىشتەك سەۋىيەنىڭ ساقلاپ قېلىنىشى مۇمكىنكەن.

پايدىلانغان مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى