ۋاقىت بېكىتىلدى! ماي باھاسى يەنە ئۆزگىرىدۇ!

日期:2023年10月23日
来源:新疆日报网
【字体:

10- ئاينىڭ 24- كۈنى سائەت 24تە، دۆلەت ئىچىدىكى تەييار ماي باھاسىنى تەڭشەش كۆزنىكى ئۆز قەرەلىدە ئېچىلىدۇ، بۇ قېتىمقى ماي باھاسىنى تەڭشەشتە ئۇدا ئىككى قېتىم تۆۋەنلىشى مۇمكىن.

خەلقئارا نېفىت باھاسىنىڭ داۋالغۇپ ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرىدە، 10- ئاينىڭ 17- كۈنىگىچە بولغان بەش خىزمەت كۈنىدە، پايدىلىنىدىغان خام نېفىت تۈرىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 88.6 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئۆزگىرىش نىسبىتى %0.15- بولغان، مۆلچەرلىنىشىچە، دۆلەت ئىچىدىكى بېنزىن، دىزېلنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى ھەر توننىسىنىڭ 190 يۈەن بولۇپ، سۇندۇرغاندا ھەر لېتىرىنىڭ باھاسى 0.16 يۈەن ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدىكەن.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، دۆلەت ئىچىدە تەييار ماينىڭ باھاسى 20 قېتىم تەڭشەلدى، بۇنىڭ ئىچىدە، 10 قېتىم ئۆستۈرۈلدى، 7 قېتىم چۈشۈرۈلدى، 3 قېتىم تەڭشەلمىدى، بېنزىن، دىزېلنىڭ باھاسى ھەر لىتىرىنىڭ جەمئىي 0.71 يۈەندىن 0.81 يۈەنگىچە ئۆستى.

پايدىلانغان مەنبە: «شىنجاڭ 949 قاتناش رادىيوسى» ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى