مەملىكەت بويىچە 12315 ئىستېمال ئەرز ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش سۇپىسى تورغا چىقتى

日期:2023年10月23日
来源:新疆日报网
【字体:

بۇ ئۇچۇرلارنى تېز سۈرئەتتە تەكشۈرۈپ ئىگىلىگىلى بولىدۇ

بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېقىندا «بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئەرز ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش ۋاقىتلىق قائىدىسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، مەملىكەت بويىچە 12315 ئىستېمال ئەرز ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش سۇپىسىنى تورغا چىقىرىپ، مەملىكەت بويىچە بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ئىستېمال ئەرزىنى ئاشكارىلىشىنى ئورۇنلاشتۇردى.

ئۇچۇرنىڭ ئۆزئارا ماس كەلمەسلىكى ئىزچىل ئاھالىلەر ئىستېمالىنى كېڭەيتىشنى چەكلەپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەنىدى، ئىستېمالچىلار مال سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن سودىگەرلەرنىڭ ئىلگىرى ئەرز قىلىنغانلىق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، سودىگەرلەرنىڭ ئىستېمال ماجىرالىرىنى ھەل قىلىش ئەھۋالىنى چۈشىنىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، شۇڭا، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى ئىستېمالچىلار ئەرز قىلغان ئالاقىدار ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاشكارىلاپ، ئىستېمالچىلارنى ئېنىق ئىستېمال قىلدۇرۇپ، تىجارەتچىلەرنىڭ سەمىمىي، قانۇنغا رىئايە قىلغان ئاساستا تىجارەت قىلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ. ئاشكارىلاش سۇپىسىنىڭ تور ئادرېسى tsgs.12315.cn، كىچىك پىروگرامما، ئاممىۋى نومۇر نامى «12315 ئەرز ئېلان قىلىش»(12315投诉公示) بولۇپ، ئامما ئالاھىدە بەلگىلەنگەن سودىگەرلەرنىڭ ئەرز قىلىنىش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرەلەيدۇ، ئەرز قىلىنىش قىزىق نۇقتىسىنى ئىگىلىيەلەيدۇ، شۇ جايدىكى ئەڭ يېڭى ئەرزلەرنى كۆرەلەيدۇ.

پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى