جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «مەملىكەت بويىچە كادىرلارنى تەربىيەلەش ـ يېتىشتۈرۈش يىرىك پىلانى (2023 ـ يىلىدىن 2027 ـ يىلىغىچە)»نى بېسىپ تارقاتتى

日期:2023年10月18日
来源:天山网
【字体:

سىكاننېرلاپ تولۇق مەزمۇننى كۆرۈڭ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغانيېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «مەملىكەت بويىچە كادىرلارنى تەربىيەلەش ـ يېتىشتۈرۈش يىرىك پىلانى (2023 ـ يىلىدىن 2027 ـ يىلىغىچە)»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «يىرىك پىلان»نى تۈزۈپ يولغا قويۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى پارتىيەنىڭ بۇرچى، ۋەزىپىسىنى كۆزدە تۇتۇپ چىقارغان مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش تېما، ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، قەتئىي بوشاشماي پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ روھنى تاۋلاش، ئاساسنى كۈچەيتىپ ئۇلنى پۇختىلاش كېرەك. سىياسىي جەھەتتە چېنىقىشنى كادىرلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ پۈتكۈل دەۋرىيلىكىگە سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كادىرلارنى توغرا بولغان ھوقۇق قارىشى، سىياسىي نەتىجە قارىشى، كەسىپ قارىشى تۇرغۇزۇشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، كادىرلارنىڭ سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، قاتلام ـ دەرىجىگە ئايرىپ، ساھەگە ئايرىپ، مەخسۇس تېمىغا ئايرىپ ۋەزىپىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، كادىرلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش قابىلىيىتى، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش قابىلىيىتى، خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. مۇكەممەل بولغان كادىرلارنى تەربىيەلەش ـ يېتىشتۈرۈش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، پارتىيە مەكتىپى(مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ كادىرلارنى تەربىيەلەش ـ يېتىشتۈرۈشتىكى ئاساسىي يوللۇق، ئاساسىي بازىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تەربىيەلەش ـ يېتىشتۈرۈش شەكلى ۋە ئۇسۇلىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ماركسىزملىق ئۆگىنىش ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، شەكىلۋازلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، مەكتەپ باشقۇرۇشنى تىرىشچانلىق ۋە ئىقتىسادچانلىق بىلەن قېلىپلاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش ئىستىلى، ئاددىي ـ ساددا بولۇش ئىستىلى، پاك بولۇش ئىستىلىنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك.