دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش

日期:2023年10月12日
来源:新疆日报网
【字体:

بۇ يىل 6-ئايغىچە، ئۇسسۇللۇق تىياتىر «يىپەك يولىدىكى باھار يامغۇرى» 40 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندا 3899 مەيدان قويۇلدى. سۈرەتتە:گەنسۇ ئۆلكىلىك ناخشا ـ ئۇسسۇل تىياتىر ئورنىنىڭ ئارتىسلىرى «يىپەك يولىدىكى باھار يامغۇرى»نى ئورۇنلىماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىۋاڭ فېيفوتوسى

ئىنگلىز تىل - يېزىقى نۇسخىسىدىكى كىتاب «ئۈچ گەۋدە» ناملىق ئۈچ سىمفونىيە. (سۈرەتنى جۇڭگو مائارىپ كىتابلىرى ئىمپورت-ئىكسپورت چەكلىك شىركىتى تەمىنلىگەن)

تېلېۋىزىيە تىياتىرى «تاغلىق رايون بىلەن دېڭىز بويى رايونىغا بولغان مۇھەببەت»نىڭ مەملىكەت سىرتى نۇسخىسىنىڭ ئېلانى. (سۈرەتنى «تاغلىق رايون بىلەن دېڭىز بويى رايونىغا بولغان مۇھەببەت» تىياتىر گۇرۇپپىسى تەمىنلىگەن)

دۆلەت سوۋغىسى «سىخەي شېڭپىڭ» مىس لوڭقىسى.خۇ زەنلېيفوتوسى

دۆلەت ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى تۇنجى نۆۋەتلىك «ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش بىلەن سەنئەت ئىجادىي تەپەككۇرى مۇسابىقىسى»دىكى ئالاھىدە مۇكاپاتلىق ئەسەر ____ سۇجوۋ كەشتىچىلىكى «ئالەمدىكى يۇلتۇزلۇق ئاسمان» يۈرۈشلۈك ئەسەرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ كەشتە ئەسىرى خەلقئارادىكى ئاستىرونوملارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. سۈرەتنىچېن يىڭخۇاتەمىنلىگەن

جۇڭگو چامباشچىلىقىنى ياخشى كۆرۈپ ئۆگەنگۈچىلەر كانادا ساسكاچۋەن ئۆلكىسىنىڭ جانا كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت بايرىمى «جۇڭگو سارىيى»دا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە شىر ئۇسسۇلى ئوينىماقتا. جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇخبىرىيۈ رۇيدۇڭفوتوسى

جياڭسۇ نەنتۇڭ داشۆدىكىچەت ئەللىك ئوقۇتقۇچى جوۋ جيا (سولدا) جياڭسۇ نەنتۇڭ لىڭگۇڭ ئىلمىي جەمئىيىتىدە جىڭجۈ تىياتىرىنىھېس قىلماقتا.شۈ سۇڭجۈنفوتوسى

بېيجىڭ شىيۈەن باغچىسىدىكى جۇڭگو سارىيى.ياڭ ۋېيفوتوسى (سانلىق مەلۇمات مەنبەسى: مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى)

لۇبەن ھۈنەرخانىسى قۇرۇلۇشى . ساراي سىرتىدىكى مەنزىرىنى ھېس قىلىش. «خەلق تورى» مۇخبىرىجاڭ گۇيگۇيفوتوسى

غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋارىسى ياڭ ليۇ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت ماھارەت سەنئىتى دۇجۇپياۋنى ئورۇنلاپ، قىسقا سىن سۇپىسىدا مەملىكەت سىرتىدىكى ئابۇنىچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. سۇ بىن، رەن چيەنچيەنفوتوسى، خەۋىرى

باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «كۈچەپ خەلقئارا تارقىتىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتكۈل مىللەتنىڭ مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى كاپالەت، قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ، پايدىلىق مەدەنىيەت شارائىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك».

مەدەنىيلىك كۆپ خىل بولغاچقا ئالماشتۇرۇلىدۇ، ئالماشتۇرۇلغاچقا ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىنىدۇ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىنغاچقا تەرەققىي قىلىدۇ. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىچۈ، كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرى، تور ئەدەبىياتى قاتارلىقلار تېزدىن «دېڭىزغا چىقىپ»، «مەستانە»لىرى ئىزچىل كۆپەيدى، يىپەك يولى خەلقئارا سەنئەت بايرىمى، «باھار بايرىمى شادلىقى»، «سىخەي تۇڭچۇن»، جۇڭگو مەدەنىيەت يىلى (بايرىمى) قاتارلىق مۇھىم، زور مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنىڭ تۈرى موللىشىپ، شەكلى كۆپ خىللىشىپ، ئىشەنچلىك، سۆيۈملۈك، ھۆرمەتكە سازاۋەر جۇڭگو ئوبرازىنى نامايان قىلدى. كەڭ مەدەنىيەت، ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرى جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ مەنىۋى بەلگىسى ۋە مەدەنىيەت جەۋھىرىنى تاۋلاپ چىقىپ ۋە نامايان قىلىپ، جۇڭگو سۆز سىستېمىسى ۋە جۇڭگو بايان سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭگو ساداسىنى ياخشى تارقىتىپ، مەدەنىيلىكلەر ئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ دۇنياغا تېخىمۇ ياخشى يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولدى.

(«خەلق گېزىتى» مۇخبىرى جېڭ خەيئوۋ)

(«خەلق گېزىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى)