شىنخۇا ئاگېنتلىقى «جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ چوڭ ئايلىنىشىنى كۆزىتىش» ناملىق چوڭ ھەجىملىك تەپسىلىي خەۋەر تارقاتتى

日期:2023年09月18日
来源:新疆日报
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى 9 - ئاينىڭ 17 - كۈنى «جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ چوڭ ئايلىنىشىنى كۆزىتىش» ناملىق چوڭ ھەجىملىك تەپسىلىي خەۋەر تارقاتتى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: كۈزلۈك كۈن - تۈن تەڭلىشىش ۋاقتى يېقىنلىشىپ قالدى، 2023 - يىلى 3 - پەسىللىك جۇڭگو ئىقتىسادى خۇلاسىلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ.

يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى باغلاشتا، 3 - پەسىل پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشانىنى تاماملاشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىل. دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەر ئەسلىگە كېلىپ ياخشىلىنىش ھالىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، 8 - ئايدا كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.5 ئېشىپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.8 پىرسەنت پوئېنت تېزلەشكەن، ئىستېمال پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيگەن، مۇلازىمەت كەسپى تېز ئەسلىگە كېلىپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى داۋاملىق يېتىلگەن... ئىقتىسادنىڭ قايتا ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان ماكرولۇق سىياسەتنىڭ ئۈنۈمى سىجىل كۆرۈنەرلىك بولۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ چوڭ ئايلىنىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلگەن.

ئىقتىسادتا ئاكتىپ سىگنال نامايان قىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۇچ كېلىدىغان خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەك: ھازىر دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، خەلقئارا سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋەزىيەت مۇرەككەپ، كەسكىن بولۇۋاتىدۇ، خەلقئارا ئىقتىسادىي ئايلىنىش ئەندىزىسى چوڭقۇر تەڭشىلىۋاتىدۇ، دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىساد يەنىلا نۇرغۇن قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، جۇڭگو ئىقتىسادى قانداق قىلغاندا تەرەققىياتتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى سىجىل مەھكەم ئىگىلىيەلەيدۇ؟

باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: «دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ئىشەنچلىكلىكىنى ئاشۇرۇپ، خەلقئارادىكى ئايلىنىشنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك» دەپ كۆرسىتىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلدى.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: چوڭ دۆلەت ئىقتىسادى كۈچلۈك ھەم ئېلاستىكلىققا ئىگە خەلق ئىگىلىكى ئايلىنىش سىستېمىسىغا موھتاج.

ئىقتىسادنىڭ چوڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇپ، مەۋقەنى دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ بازارغا قويۇپ، ئۆز تەرەققىياتىنىڭ ئېنىقلىقى ئارقىلىق تاشقى مۇھىتنىڭ ئېنىقسىزلىقىغا تاقابىل تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش داۋامىدا يېڭى رىقابەت ئەۋزەللىكىنى يارىتىپ، ئىقتىساد قان تومۇرىنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇش داۋامىدا، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات قەدىمى قەتئىي ئالغا ئىلگىرىلىدى.

ماقالە تۆت قىسىمغا بۆلۈنگەن: چوڭ ئايلىنىشنى تېز بەرپا قىلىش: ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلاشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر؛ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى كۈچەيتىش: كۈچلۈك دۆلەت ئىچى بازىرى ئارقىلىق رىقابەت ئەۋزەللىكىنى قولغا كەلتۈرۈش؛ ئىشەنچلىكلىكنى ئۆستۈرۈش: كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاش؛ قوش ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇش: يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش داۋامىدا تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىشى بولغاچقا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىش ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭگو ئىقتىسادىدىن ئىبارەت غايەت زور پاراخوت چوقۇم تېخىمۇ پارلاق ئۇلۇغۋار ئىستىقبالنى كۈتۈۋالىدۇ.