توي زىياپىتىدىكى يېمەك- ئىچمەك ئىسراپچىلىقىنى توسۇش ئۈچۈن بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ۋە مەركىزىي كومىتېت مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش تارقاتتى

日期:2023年09月14日
来源:新疆日报
【字体:

  بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ۋە مەركىزىي كومىتېت مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى يېقىندا «توي زىياپىتىدىكى يېمەك- ئىچمەك ئىسراپچىلىقىنى توسۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بىرلىكتە تارقىتىپ، تارماقلارنىڭ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، جەمئىيەتلەرنى كۈچ چىقىرىشقا يېتەكلەپ، قىز- يىگىت ئۆيلىنىشنى تىزىملاتقاندا ئەسكەرتىش، توي زىياپىتىدە چىقىرىدىغان قورۇمىلارنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشتىن تاماق بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمەت شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىش، تاماقتىن كېيىن ئىئانە قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىشكىچە بولغان كەڭ ساھەلىك، تولۇق تەرتىپلىك، كۆپ قاتلاملىق تۈزۈم مېخانىزمنى پائال بەرپا قىلىدۇ.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: توي زىياپىتى مۇلازىمىتى تىجارەتچىلىرى يېمەك- ئىچمەك ئىسراپچىلىقىنى توسۇشقا ئالاقىدار مەزمۇنلارنى توي زىياپىتى مۇلازىىتى كېلىشىمى مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، ئىستېمالچىلارنى «يېمەكلىكنى ئىسراپ قىلماسلىق ھەرىكىتى»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە يېتەكلىشى كېرەك؛ توي زىياپىتىنىڭ تاماق تىزىملىكىنى ئەلالاشتۇرۇپ، قورۇما سانى ۋە مىقدارىنى مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇشى كېرەك؛ توي زىياپىتى مۇلازىمىتى تىجارەتچىلىرىنى كۆپ خىل تاماق بىلەن تەمىنلەش شەكىللىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە، ئىستېمالچىلارنى ئېشىپ قالغان تاماقلارنى ئېلىپ كېتىشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېتەكلەشكە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى، خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىلىرى تۈزۈم ئورنىتىشنى كۈچەيتىپ، توي زىياپىتى مۇلازىمىتى تىجارەتچىلىرىنى كۈندىلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە ئۇلارغا مەمۇرىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىشنى چىڭىتىپ، قىز- يىگىتلەرنى ئۆيلىنىشنى تىزىملاتقاندا ئاگاھلاندۇرۇش ۋە ئەسكەرتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىسراپچىلىق نومۇس، تېجەشلىك بولۇش شەرەپ دەيدىغان كەيپىياتنى پائال يارىتىپ، يېمەك- ئىچمەك ئىسراپچىلىقىنى توسۇشنىڭ پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىغا ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە مۇنۇلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئالاقىدار ساھە جەمئىيەتلىرى يېتەكلەش رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، ساھە تەلەپچانلىقىنى كۈچەيتىپ، توي زىياپىتى مۇلازىمىتى تىجارەتچىلىرىنى پۈتۈن جەرياننى ئۆلچەملەشتۈرۈپ، قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇشقا يېتەكلەپ، ھەم يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ھەم يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنىڭ ئورۇنسىز ئىسراپچىلىقىنى ئازايتىشى كېرەك؛ توي زىياپىتى مۇلازىمىتى تىجارەتچىلىرىنى بىر خىل شەكىلدىكى ئاممىۋى قاچا- قۇچىلارنى ئىشلىتىشكە ھەم ئاممىۋى قاچا- قۇچىلارنى ئىشلىتىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلىشى كېرەك.