شىنجاڭ سانجى ئوبلاستىدا يېڭىدىن بىر ئايرودۇرۇم كۆپەيتىلىدۇ ←

日期:2023年09月18日
来源:新疆日报
【字体:

    يېقىندا شەرقىي جۇڭغار ۋۇسەيۋەن ھەممىباب ئايرودۇرۇمىنىڭ مۇمكىنچىلىك تەتقىقات دوكلاتى ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ قۇرۇلۇشنى تەستىقلاش جاۋابىغا رەسمىي ئېرىشتى، بۇ، شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى ۋۇسەيۋەن ھەممىباب ئايرودۇرۇمى قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ پات ئارىدا يېڭى باسقۇچقا كىرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

    شەرقىي جۇڭغار ۋۇسەيۋەن ھەممىباب ئايرودۇرۇمى شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ۋۇسەيۋەن ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت بازىسىنىڭ جەنۇبىغا سېلىنىدىغان بولۇپ، بازا بىلەن بولغان تۈز ئارىلىقى تەخمىنەن 19 كىلومېتىر، تاشيول بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 22 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئايرودۇرۇمنىڭ خاراكتېرى A1 دەرىجىلىك بولۇپ، ئاساسلىقى شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ۋە ئەتراپتىكى قوشنا رايونلارنىڭ ئۇچۇش مەشىقى، قىسقا مۇساپىلىك توشۇش، بوشلۇق ساياھىتى، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەشغۇلاتى، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش، ئايروپىلاننى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش قاتارلىق كەسىپلەرگە مۇلازىمەت قىلىدۇ ھەمدە قۇرۇلۇۋاتقان گۇچۇڭ جامبۇلاق ئايرودۇرۇمى بىلەن «تارماق-تۇتاشقان» رايون ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت تورىنى بەرپا قىلىدۇ.


شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ۋۇسەيۋەن ھەممىباب ئايرودۇرۇمىنىڭ ئۈنۈم خەرىتىسى.

     بۇ ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشىنىڭ 2030-يىلى تاماملىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە، ئايرودۇرۇمنىڭ يىللىق ئۇچۇش-قونۇش مىقدارى 12 مىڭ 400 ئايروپىلان قېتىمغا، يىللىق يولۇچى توشۇش مىقدارى 16 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە. ئايرودۇرۇمنىڭ ئومۇمىي تەكشىلىكتىكى ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلۇش مەزمۇنى مۇنداق: 1700 مېتىر × 30 مېتىرلىق ئۇچۇش-قونۇش يولى، بىر تىك ئالاقە يولى، 10(8B2 تۈز) ئايروپىلان ئورنى بار ئايروپىلان سۇپىسى، 2000 كىۋادرات مېتىرلىق ئاۋىياتسىيە-ئاۋىياتسىيە باشقۇرۇش ئۇنىۋېرسال بىناسى ۋە بىر مۇنار سۇپىسى ۋە سۇ چىقىرىش، ئوت ئۆچۈرۈش، توك بىلەن تەمىنلەش، خەۋەرلىشىش، ماي بىلەن تەمىنلەش، پار بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ئەسلىھەلەر.


 سانجى شەھىرى تىيانشان بېيلۇ ئۈزۈم ھارىقى ئۆرپ-ئادەت كوچىسىنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسى(ماتېرىيال سۈرەت). 

مەنبە: سانجى گېزىتى 

      شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى تەۋەسىگە جايلاشقان بولۇپ، شەرقىي جۇڭغار ۋۇسەيۋەن ھەممىباب ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ يولغا قويۇلۇشى شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ ئۇنىۋېرسال قاتناش-تىرانسپورت سىستېمىسى ۋە ھەممىباب ئايرودۇرۇم ئورۇنلاشتۇرمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، شۇ جاينىڭ تاشقى قاتناش شارائىتىنى ياخشىلاش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش كاپالىتى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.