​دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىنى كۆزلەپ يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك

日期:2023年09月17日
来源:新疆日报
【字体:

شى جىنپىڭ شەرقىي شىمال داشۆسىدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ مۇنداق تەكىتلىدى

​دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىنى كۆزلەپ يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك

جاۋاب خەت

شەرقىي شىمال داشۆسىدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار:

ياخشىمۇسىلەر! خېتىڭلارنى تاپشۇرۇۋېلىپ مەزمۇنىدىن خەۋەردار بولدۇم. شەرقىي شىمال داشۆسى قۇرۇلغاندىن بۇيان، باشتىن - ئاخىر ئادەم تەربىيەلەپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشنى بۇرچ قىلىپ، روشەن مەكتەپ باشقۇرۇش ئالاھىدىلىكىنى شەكىللەندۈرۈپ، زور تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، دۆلەت ئۈچۈن، مىللەت ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. شەرقىي شىمال داشۆسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى پەيتىدە، پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار، خىزمەتچى خادىملار، كەڭ مەكتەپداشلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ۋە سەمىمىي سالام يوللايمەن!

يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، شەرقىي شىمال داشۆسىنىڭ پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك شەرەپلىك ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، داۋاملىق تۈردە ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىنى كۆزلەپ يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، ئەۋزەل پەنلەرنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلتۈرۈپ، شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ

2023 - يىلى 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى شەرقىي شىمال داشۆسىدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، شەرقىي شىمال داشۆسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى پەيتىدە، پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار، خىزمەتچى خادىملار، كەڭ مەكتەپداشلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى ۋە سەمىمىي سالام يوللىدى.

شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېدى: شەرقىي شىمال داشۆسى قۇرۇلغاندىن بۇيان، باشتىن - ئاخىر ئادەم تەربىيەلەپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشنى بۇرچ قىلىپ، روشەن مەكتەپ باشقۇرۇش ئالاھىدىلىكىنى شەكىللەندۈرۈپ، زور تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، دۆلەت ئۈچۈن، مىللەت ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، شەرقىي شىمال داشۆسىنىڭ پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك شەرەپلىك ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، داۋاملىق تۈردە ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىنى كۆزلەپ يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، ئەۋزەل پەنلەرنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلتۈرۈپ، شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شەرقىي شىمال داشۆسى 1923 - يىلى قۇرۇلغان. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، بۇ مەكتەپ ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە پائال رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى ۋە شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. يېقىندا، شەرقىي شىمال داشۆسىدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، مەكتەپنىڭ 100 يىللىق مەكتەپ باشقۇرۇش ئەمەلىيىتىنى دوكلات قىلدى، يېڭى دەۋردە شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش تەمىنلىگەن مۇھىم پۇرسەتنى تۇتۇپ، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش، يۇرتىغا جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن پائال كۈچ قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.