شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن باش شۇجى بىر تاختا چوڭ شاھمات ئورۇنلاشتۇردى

日期:2023年09月13日
来源:新疆日报
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى لىن خۇي، خۇاڭ يۆ

پويىز بىپايان شەرقىي شىمال تۇپرىقىغا كىرىشى بىلەن، كۆز ئالدىمىزدا تۇتاش كەتكەن مۇنبەت ئېتىزلار نامايان بولدى، بۇ جاي سېرىق - يېشىل رەڭ گىرەلىشىپ كەتكەن، ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى. نېمىدېگەن مۇنبەت تۇپراق - ھە!

بۇ مۇنبەت تۇپراق شانلىق شەرەپكە ئىگە. سان - ساناقسىز پولات - تۆمۈر، كۆمۈر، نېفىت، ئاشلىق، ياغاچ ماتېرىياللار شەرقىي شىمالدىن پۈتۈن مەملىكەتكە ئۈزلۈكسىز توشۇلدى؛

بۇ مۇنبەت تۇپراق يەنە بىرمەھەل كېمىنى سۇنىڭ ئېقىشىغا قارشى ھەيدەشتەك جاپا - مۇشەققەتنى باشتىن كەچۈرگەن. كەسىپ تىپىنى ئۆزگەرتىش ئاستا بولۇش، مۇھىم ئامىل تەننەرخى بىرقەدەر يۇقىرى بولۇش، بازار ھاياتىي كۈچى يېتەرلىك بولماسلىق...

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىم خېيلۇڭجياڭغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولۇشىدا بىر مۇھىم ۋەزىپىسى بار، ئۇ بولسىمۇ يېڭى دەۋردە شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىش.

«بۇ يىل شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى. بۇ مۇھىم تۈگۈندە، يېڭى دەۋردە شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، نەتىجىلەرنى خۇلاسىلەپ، ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش پىكىر يولى ۋە تەدبىرلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئىنتايىن زۆرۈر.» باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىندا گەپنى ئوچۇق قىلدى.

بۇ يىغىنغا شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكە ھەم ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى مەسئۇل يولداشلار، شۇنداقلا مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئالاقىدار كارخانىلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتناشتى. شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈش توغرىسىدىكى ئالدىنقى قېتىملىق سۆھبەت يىغىنى بەش يىل ئىلگىرى ئېچىلغانىدى. ئوخشاش بولمىغان يېرى، بۇ قېتىم يىغىننىڭ تېمىسىغا «ئومۇميۈزلۈك» دېگەن سۆز قوشۇلدى، شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش زور ئىش، زور جاسارەت، چوقۇم زور تەدبىر قوللىنىلىدۇ، زور نەتىجىلەر ھاسىل قىلىنىدۇ.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكە ھەم ئىچكى موڭغۇلغا ئىلگىرى - كېيىن ئون قېتىم كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تومۇر تۇتۇپ يۆنىلىش بەلگىلىدى. بۇنى ھەقىقەتەن بىلىش چوڭقۇرلاشقان، چوڭقۇر مۇھەببەتكە تولغان، تەدبىر دەل ۋاقتىدا بولغان دېيىشكە بولىدۇ.

پۈتۈن ۋەزىيەتنى كۆزلىمىگەنلەر كونكرېت ساھەدىكى ئىشنىمۇ ياخشى قىلالمايدۇ. ھەرقانداق بىر جاي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئورنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك.

2018 - يىلىدىكى ئاشۇ قېتىملىق سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شەرقىي شىمال ئۈچۈن تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بېكىتىپ بەردى: شەرقىي شىمال رايونى دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم سانائەت ۋە يېزا ئىگىلىك بازىسى، دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى، كەسىپ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك.

بەش چوڭ بىخەتەرلىكنىڭ ۋەزنى ئېغىر. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش جەريانىدا، باش شۇجى يەنە بىر قېتىم مۇنداق تەكىتلىدى: «شەرقىي شىمالنىڭ دۆلەتنىڭ <بەش چوڭ بىخەتەرلىك>ىنى قوغداشتىكى مۇھىم بۇرچىنى مەھكەم ئىگىلەش كېرەك».

تەكشۈرۈشنىڭ تۇنجى بېكىتىدە، ۋەتىنىمىزنىڭ ئەڭ شىمالىي چېتىدىكى «جۇڭگو زېمىننىڭ شىمالىي قۇتۇپى» دەپ ئاتالغان داشىڭئەنلىڭ رايونىدىكى موخې شەھىرىگە كەلدى.

نېمە ئۈچۈن موخېغا كېلىدۇ؟

باش شۇجى مۇنداق دېدى: «دۆلىتىمىزدىكى بەلگە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جايلارنىڭ ھەممىسىگە بارىمەن، كۆرۈپ باقىمەن. بىرنەچچە يىل ئىلگىرى فۇيۈەنگە باردىم، ئۇ جاي دۆلىتىمىزنىڭ <توخۇ تاجىسى>دىكى بىر بۇرجەك، موخې <توخۇ تاجىسى>دىكى يەنە بىر بۇرجەك. بۈگۈن ئەڭ شىمالدىكى جايغا كېلىپ كۆرۈپ، بىر ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇردۇم».

كۈز كۈنلىرىدىكى موخې رەڭگارەڭ تۈسكە كىرگەنىدى، قاتمۇقات ئورمانلار قىزىل رەڭدە بوياپ قويغاندەك كۆرۈنەتتى. باش شۇجى ياغاچ ئاسما يولنى بويلاپ موخې ئورمانچىلىق مەيدانىدىكى ئورمانلىقنىڭ ئىچكىرىسىگە كىرىپ، بۇ جاينىڭ ياخشى ئېكولوگىيەسىنى پات - پات ماختىدى. 100 نەچچە يىللىق جاڭزىسۇڭ قارىغىيى، بال قارىغايلار بۇلۇتقا تاقىشىپ تۇراتتى، ئورمانلىقتىكى چاتقاللىقلاردا لەنمېي، مەنيۆمېي، دۇجۈەن ئۆسكەنىدى.

«يەر ئۈستى ۋە يەر ئاستىنىڭ ھەممىلا يېرى گۆھەر» دېدى باش شۇجى ھاياجانلانغان ھالدا.

ئاسما يولنىڭ بىر تەرىپىگە باش شۇجىغا كۆرسىتىش ئۈچۈن تەييارلانغان داشىڭئەنلىڭنىڭ «تاغ مەھسۇلاتلىرى» تىزىلغانىدى: قارا مور، تاغ ياڭىقى، خوۋتوۋگۇ، يەنسۇڭتا، جىسۇڭرۇڭ، ماۋجيەنمو، بېيۋۇۋېيزى، خۇاڭچى... شۇ جايدىكى مەسئۇل يولداش مۇنداق تونۇشتۇردى: ئورمانچىلىق مەيدانىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئورماننى ئاسراش بىلەن بىللە، ئورمان ئىقتىسادىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى، يىللىق كىشى بېشى كىرىمى 50 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

«داشىڭئەنلىڭ دۆلىتىمىزنىڭ قىممەتلىك بايلىقى، ئۇنى داۋاملىق ياخشى قوغداش كېرەك. قوغداش ئالدىنقى شەرتىدە پۇقرالارنى ئورمان ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.» باش شۇجى ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى.

داشىڭئەنلىڭ ئۈستىگە ئالغان ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى باش شۇجى ھەر ۋاقىت قەلبىگە پۈكۈپ كەلدى.

باش شۇجى 30 نەچچە يىل ئىلگىرى داشىڭئەنلىڭ رايونىدا يۈزبەرگەن ئاشۇ پەۋقۇلئاددە زور ئورمان ئوت ئاپىتىنى ئەسلىگىنىدە، يەنىلا ئىنتايىن ئازابلاندى. «دۆلىتىمىزنىڭ ئەسلىدە ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى تۆۋەن، ئاساسى ئاجىز ئىدى، بۇ بىر قانچە يىلدا پۈتۈن كۈچ بىلەن كۆچەت تىكىپ، سۈنئىي ئورمان بەرپا قىلىش جەھەتتە دۇنيا بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى، لېكىن ئوت ئاپىتىدىن ساقلىنالمىدۇق. چوقۇم ساۋاقنى قوبۇل قىلىپ، ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ ئىشلەش كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، نەچچە ئون يىل، نەچچە يۈز يىل، مىڭ نەچچە يىللىق تۆھپىنىڭ ھەممىسى بىراقلا نابۇت بولىدۇ».

شەرقىي شىمال تەرەققىيات جەريانىدا دۇچ كەلگەن خىرىس توغرىسىدا، باش شۇجى مۇپەسسەل بايان قىلىپ مۇنداق دېگەنىدى: زىددىيەت ۋە خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۆزى قورقۇنچلۇق ئەمەس، ئاچقۇچلۇقى زىددىيەتنى ھەل قىلىدىغان ۋە خەۋپ - خەتەرنى تۈگىتىدىغان ئىرادە ۋە چارە بولۇشى كېرەك، قىيىنچىلىق ۋە خىرىس ئالدىدا چارىسىز قېلىشقا، ھېچ قانداق ئىش قىلماي تۇرۇۋېلىشقا بولمايدۇ.

بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى ئىككى ئاچقۇچلۇق سۆزنى تىلغا ئالدى.

بىرىنچى، ئومۇمىي ۋەزىيەت قارىشى. باش شۇجى بىرقانچە سانلىق مەلۇماتنى مىسال كەلتۈردى: شەرقىي شىمالنىڭ ئاشلىق ھوسۇلى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئىگىلەيدۇ، تاۋار ئاشلىق پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئىگىلەيدۇ، يۆتكەپ چىقىرىلىش مىقدارى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %40ىنى ئىگىلەيدۇ. دۆلەتنىڭ ئاشلىق ھوسۇلىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشىدىكى ياخشى «تۇراقلاشتۇرغۇچ» بولۇش ئېنىقكى شەرقىي شىمالنىڭ باش مەسئۇلىيىتى.

باش شۇجى چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: «دۆلىتىمىزنىڭ تارىخىدا جەنۇبنىڭ ئاشلىقى شىمالغا يۆتكىلەتتى، ھازىر شىمالنىڭ ئاشلىقى جەنۇبقا يۆتكىلىدىغان بولدى. مەن دائىم شەرقىي قىسىم رايونلاردىكى رەھبىرىي كادىرلارغا، سىلەر ھازىر پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار بىلەن قۇرۇلۇش ئېلىپ بارساڭلار بولىدۇ، يەۋاتقان ئاشلىقىڭلارنىڭ قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلەرگە تايىنىپ كاپالەتلەندۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماڭلار، دەيمەن. يەنە بىر تەرەپتىن، ئىقتىساد مەركىزى، پەن - تېخنىكا مەركىزى قاتارلىقلارنىڭ ئورنى تېخىمۇ مۇھىم دېگەنلىك ئەمەس، پۈتكۈل دۆلەتنىڭ پۈتۈن ۋەزىيىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىكى <تۇراقلاشتۇرغۇچ> بولۇش ئورنى ئوخشاشلا شەرەپلىك، مۇھىم».

ئىككىنچى، دىيالېكتىك قاراش. شەرقىي شىمال رايونىنىڭ تەرەققىياتىدا ئەۋزەللىكلەرمۇ بار، كەمتۈكلۈكلەرمۇ بار، ئاچقۇچلۇقى مەۋقەنى ئۆز ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇرۇش، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشنى بىرلەشتۈرۈشتە.

«قايسى مەسىلىلەر ئادەمنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئۆزگەرمەيدۇ؟ قايسىلىرىنى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدۇ؟ لى كۈينىڭ پالتىنى پۇلاڭلىتىپ قالايمىقان چاپقىنىغا ئوخشاش، ھەممىسىنى مەسىلە دېسەك بولمايدۇ، بەلكى قانداق پەيدا بولغانلىقىنى سالماقلىق بىلەن تەھلىل قىلىپ، ئاندىن مەسىلە يۆنىلىشى ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىش كېرەك».

باش شۇجى مۇنداق بىرنەچچە مىسالنى تىلغا ئالدى: شەرقىي شىمال چېگرا رايونغا جايلاشقان بولسىمۇ، لېكىن يەنە شىمالغا ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم دەرۋازا؛ نوپۇس سانى ئازايغان بولسىمۇ، ئەمما نوپۇس ساپاسىنىڭ نوقۇل ھالدا ساننى تەكىتلەشتىن تېخىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىش كېرەك؛ ياشانغانلار كۆپەيگەن مەزگىلگە كىرگەندە، كۈمۈش چاچلىقلارغا ئالاقىدار كەسىپلەر، كۈمۈش چاچلىقلارغا ئالاقىدار ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشقىمۇ بولىدۇ.

دەرۋەقە، دىيالېكتىك قارىغاندا، تەرەققىياتتا دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى تېخىمۇ ئوبيېكتىپ، دەل جايىدا ئىگىلىگىلى، بۇ ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىش يولىنى تاپقىلى بولىدۇ.

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھەربىي ئىشلار قۇرۇلۇش شۆيۈەنى خاتىرە سارىيىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «خاربىن ھەربىي ئىشلار قۇرۇلۇش شۆيۈەنى»نىڭ شەرەپلىك تارىخىنى، ئارقا - ئارقىدىن ياراتقان «بىرىنچى»لىكلىرىنى قايتا ئەسلىدى: جۇمھۇرىيەت تارىخىدىكى تۇنجى شامال تونېلى توپى، تۇنجى يۇقىرى ئىقتىدارلىق قىرغۇچى ئايروپىلاننى سىناق قىلىپ ياساش، تۇنجى قاناتلىق تېز پاراخوت...

«خاربىن ھەربىي ئىشلار قۇرۇلۇش شۆيۈەنى»دىن شاخلاپ يوپۇرماق چىقىرىپ بارلىققا كەلگەن خاربىن قۇرۇلۇش داشۆسىدىكى كەڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلىنىپ، باش شۇجى زور ئۈمىدلەرنى كۈتتى: «ئەينى يىللاردا پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئىنقىلابچىلار يېڭى جۇڭگو قۇرۇشتا، مائارىپنى تۇتۇش، پەن - تېخنىكىنى تۇتۇش، ئىختىساسلىقلارنى تۇتۇش كېرەكلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرغانىدى. شەرقىي شىمالغا ئىختىساسلىقلار توپلانغان، ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى مۇقىم قىلىپ، ياش ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش كېرەك، ۋەتەننىڭ كەلگۈسىنى سىلەر يارىتىسىلەر!»

شەرقىي شىمال كونا سانائەت بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كەسىپ ئاساسى بىرقەدەر پۇختا، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى كۆپ. يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇۋاتقان دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشىدە، شەرقىي شىمال پەن - مائارىپ ۋە كەسىپ ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ پۇرسەتكە ئىگە بولىدۇ.

موخې بېيجى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى شى رۇيجۈەن ئائىلىسىنىڭ ئائىلىۋى مېھمانخانا كىچىك ھويلىسىغا كىرىپ، باش شۇجى ئىشىكتىكى دۈيليەننى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئۈنلۈك ئاۋازدا ئوقۇدى: «ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولسا، ئۆي تىنچ - ئامان بولىدۇ، ھەممە ئىش كۆڭۈلدىكىدەك بولسا، ئائىلە بەختلىك بولىدۇ».

«توغرىسىغا يېزىلغان مىسرا: بەخت يار بولسۇن!» شى رۇيجۈەن ھاياجانلانغان ھالدا گەپ قىستۇرۇپ شۇنداق دېدى.

بۇ، پۇقرالارنىڭ ئارزۇ - ئارمانى، شۇنداقلا خەلق داھىيسىنىڭ چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببىتى. شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشتىكى مەقسەت دەل خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ياخشىلاش.

«بۇ جاي گەرچە دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ شىمالىغا، ئەڭ چېتىگە جايلاشقان جاي بولسىمۇ، لېكىن تۇرمۇشى ئارقىدا قالماپتۇ. نۆۋەتتە قۇرۇلۇش ئەھۋالى، خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى بىرقەدەر ياخشى ئىكەن، كۆڭلۈم خاتىرجەم بولدى.» باش شۇجىنىڭ سۆزلىرىدىن خۇشاللىق ھېسسىياتى بىلىنىپ تۇراتتى.

«سىلەرنىڭ بۇ يەردىكى ئەۋزەللىكىڭلار ساياھەتچىلىك، ئېكولوگىيەلىك ئەۋزەللىك بىلەن جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك.» باش شۇجى شۇ جايدىكى كادىرلار، ئاممىغا يېزا - كەنتلەرنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى تېخىمۇ ياخشى قوغداپ، خەلقنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ گۈزەل كەلگۈسىگە ئورتاق ئاتلىنىشنى تاپىلىدى.

ئۈچ كۈنلۈك خېيلۇڭجياڭ سەپىرىدە، شەرقىي شىمال خەلقىنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەس ئىرادىسى ۋە شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقا بولغان كۈچلۈك ئىشەنچى باش شۇجىدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.

«باشقا نەرسە كەم بولسىمۇ، ئىشەنچ كەم بولسا بولمايدۇ.» باش شۇجى كۆپچىلىكنى ئىلھاملاندۇردى: «ئىشەنچ دېمەك ئالتۇن دېمەكتۇر. ئەينى يىلى شەرقىي شىمالنى ئېچىش قانچىلىك قىيىن ئىدى، گۇەندۇڭدىن ئۆتكەن بۇ پېشقەدەملەر قانداق داۋاملاشتۇرغان؟ بېيداخۇاڭنى قانداق ئاچقان؟ دەل ئىشەنچكە، ئېتىقادقا تايانغان».

خاربىننىڭ شوئارى شەرقىي شىمال خەلقىنىڭ ئۇلۇغۋار غايە ۋە يۈكسەك ئىرادىسىنى نامايان قىلدى: مۇز شەھىرى يەنە دەۋر دولقۇنىغا باشلامچىلىق قىلىدۇ، باھار شامىلى قارلارنى ئېرىتىپ مۇنبەت تۇپراقنى ئوزۇقلاندۇرىدۇ، جاسارەتنى قايتىدىن ئۇرغۇتىدۇ.