11 ـ قېتىملىق مەملىكەتلىك ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرى قۇرۇلتىيى يېپىلدى

日期:2023年09月04日
来源:新疆日报
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 11 ـ قېتىملىق مەملىكەتلىك ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرى قۇرۇلتىيى تۈرلۈك قارالمىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، 9 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى سەي چى قۇرۇلتايغا قاتناشتى ھەم قۇرۇلتاي باشلىنىشتىن بۇرۇن قۇرۇلتايغا قاتنىشىدىغان مەملىكەت سىرتىدىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلار، شياڭگاڭ، ئاۋمىن ۋەكىللىرى ۋە جۇڭگو چياۋمىنلار بىرلەشمىسىنىڭ يېڭى، كونا بەنزە ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى.

قۇرۇلتايدا جۇڭگو چىياۋمىنلار بىرلەشمىسى 11 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە، مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە، باش كاتىپلىقىغا، دائىمىي كومىتېت ئەزالىقىغا سايلانغانلارنىڭ ئىسىملىكى ئېلان قىلىندى، جۇڭگو چياۋمىنلار بىرلەشمىسى 10 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار، «جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار بىرلەشمىسىنىڭ نىزامنامىسى (تۈزىتىلمىسى)» توغرىسىدىكى قارار، جۇڭگو چياۋمىنلار بىرلەشمىسى 11 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ مەسلىھەتچىلىرى، مەملىكەت سىرتىدىكى ئەزالىرى، پەخرىي ئەزالىرىنى تەكلىپ قىلىش توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى.

قۇرۇلتايدا مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك چياۋمىنلار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ۋەتەنگە قايتقان كەڭ چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرى ۋە مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇيۇشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن يېڭى شانلىق سەھىپە پۈتۈپ چىقايلى!

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى شى تەيفېڭ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لوساڭ جياڭسۇن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شيەن خۇي قۇرۇلتايغا قاتناشتى.