شى جىنپىڭ 2023 - يىللىق جۇڭگو خەلقئارا مۇلازىمەت سودا يەرمەنكىسى يەرشارىۋى مۇلازىمەت سودا باشلىقلار يىغىنىدا سىنلىق سۆز قىلدى

日期:2023年09月04日
来源:新疆日报
【字体:


9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا 2023 - يىللىق جۇڭگو خەلقئارا مۇلازىمەت سودا يەرمەنكىسى يەرشارىۋى مۇلازىمەت سودا باشلىقلار يىغىنىدا سىنلىق سۆز قىلدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا 2023 - يىللىق جۇڭگو خەلقئارا مۇلازىمەت سودا يەرمەنكىسى يەرشارىۋى مۇلازىمەت سودا باشلىقلار يىغىنىدا سىنلىق سۆز قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى يېتەرلىك ئەمەس. مۇلازىمەت سودا خەلقئارا سودىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، مۇلازىمەت كەسپى خەلقئارا ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىدىكى مۇھىم ساھە. يەرشارىۋى مۇلازىمەت سودا بىلەن مۇلازىمەت كەسپى ھەمكارلىقى چوڭقۇر تەرەققىي قىلىپ، رەقەملىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش، يېشىللىشىش مۇساپىسى ئۈزلۈكسىز تېزلىشىپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىلەر ئارقا - ئارقىدىن بارلىققا كېلىپ، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش، يەرشارىۋى ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ئېلاستىكلىقىنى ئاشۇرۇشقا قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل جۇڭگو ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويغانلىقىنىڭ 45 يىللىقى، جۇڭگو يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىقىنى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەت، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، مۇلازىمەتنى ئېچىۋېتىش ئارقىلىق سىغدۇرۇشچان تەرەققىياتغا تۈرتكە بولۇپ، مۇلازىمەت ھەمكارلىقى ئارقىلىق ھەمتۈرتكە بولۇش، تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇلازىمەتتە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈپ، مۇلازىمەتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ئارقىلىق گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىپ، قول تۇتۇشۇپ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ سىجىل جانلىنىش يولىدا مېڭىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

بىز تېخىمۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان تەرەققىيات مۇھىتى بەرپا قىلىمىز. پۈتۈن يەرشارىغا يۈزلەنگەن يۇقىرى ئۆلچەملىك ئەركىن سودا رايونلىرى تورىنى كېڭەيتىپ، مۇلازىمەت سودا ۋە مەبلەغ سېلىش پاسسىپ تىزىملىكى سۆھبىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، تېلېگراف، ساياھەت، قانۇن، كەسىپ ئىمتىھانى قاتارلىق مۇلازىمەت ساھەلىرىدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، دۆلەت مۇلازىمەت كەسپىدە ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى ھەمدە شارائىتى بار ئەركىن سودا سىناق رايونى ۋە ئەركىن سودا پورتىنى كېڭەيتىپ، ئېچىۋېتىپ باشلامچىلىق بىلەن خەلقئارا يۇقىرى ئۆلچەملىك ئىقتىساد - سودا قائىدىسىگە ئۇدۇللاشتۇرىمىز. مۇلازىمەت كەسپىنىڭ بازار ئىجازىتىنى قويۇۋېتىپ، چېگرا ھالقىغان مۇلازىمەت سودىسىنى ئېچىۋېتىش مۇساپىسىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، مۇلازىمەت سودىسىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى پۇختا قەدەمدە كېڭەيتىمىز.

بىز ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئېلىش ھەمكارلىق رىشتىنى چىڭىتىمىز. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ۋە ھەمكارلىق تەشەببۇسى بىلەن ئۇدۇللىشىشنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇلازىمەت سودىسى ۋە رەقەملىك سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك بايلىق ئامىللىرىنىڭ چېگرا ھالقىپ يۆتكىلىشىنىڭ قولايلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرىمىز.

بىز يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش تەرەققىيات يولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىمىز. مۇلازىمەت سودىسىنىڭ رەقەملەشتۈرۈش يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى تېز يېتىلدۈرۈپ، سانلىق مەلۇمات ئاساسىي تۈزۈمىنى ئالدىن يولغا قويۇش، ئالدىن سىناق قىلىش ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇپ، رەقەملىك سودا ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. مەملىكەت بويىچە پارنىك گازى قويۇپ بېرىشنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئازايتىش سودا بازىرى قۇرۇپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ يېشىل تەرەققىيات جەريانىدا تېخىمۇ زور رول ئوينىشىنى قوللايمىز. مۇلازىمەت سودىسىنىڭ زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپى، يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى بىلەن يۇغۇرما تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى قويۇپ بېرىمىز.

بىز جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرىمىز. ئىچكى ئېھتىياجنى كۈچەپ كېڭەيتىپ، كۈچلۈك دۆلەت ئىچى بازىرى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئەلا سۈپەتلىك مۇلازىمەت ئىمپورتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كېڭەيتىپ، بىلىم كۆجۈملەشكەن مۇلازىمەت ئېكسپورتىنى كېڭەيتىشكە ئىلھام بېرىپ، جۇڭگونىڭ چوڭ بازار پۇرسىتى ئارقىلىق دۇنيانى يېڭى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بىلەن تەمىنلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق پۈتۈن يەرشارىنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى جۇڭگو مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، دۇنيا خەلقىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىمىز.

شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق تەكىتلىدى: دۇنيا ئىقتىسادى ئېچىۋېتىلسە گۈللىنىدۇ، بېكىنىۋالسا خارابلىشىدۇ. بىز تەستە قولغا كەلگەن ئەركىن سودا ۋە كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى ئورتاق قوغداپ، يەرشارىۋى مۇلازىمەت سودا تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، دۇنيانىڭ تېخىمۇ گۈزەل، گۈللەنگەن كەلگۈسىنى يارىتىش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشايلى.

2023 - يىللىق جۇڭگو خەلقئارا مۇلازىمەت سودا يەرمەنكىسى 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنىدىن 6 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، باش تېمىسى «ئېچىۋېتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئالىدىغان كەلگۈسىنى يارىتايلى».