شى جىنپىڭ بېنىن زۇڭتۇڭى تالون بىلەن سۆھبەتلەشتى

日期:2023年09月03日
来源:新疆日报
【字体:

9 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشقا كەلگەن بېنىن زۇڭتۇڭى تالون بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى پاڭ شىڭلېي فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر جېڭ مىڭدا) 9 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشقا كەلگەن بېنىن زۇڭتۇڭى تالون بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو بىلەن بېنىننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى جاكارلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو ـ بېنىن مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى بولدى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقى پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، ئىككى تەرەپ بىر ـ بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە بىر ـ بىرىنى چۈشىنىپ، بىر ـ بىرىنى قوللاپ، كۆپ تەرەپلىك سورۇنلاردا ياخشى پىكىر ئالماشتۇرۇش، ماسلىشىشنى ساقلىدى، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقى كۈنسېرى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو ـ بېنىن مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، بېنىن تەرەپ بىلەن ھەرقايسى قاتلام ـ دەرىجىلىكلەر ئارا بېرىش ـ كېلىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى دوستانە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو ـ بېنىن مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك ئىچكى خاس مەزمۇنىنى چوڭقۇر بايان قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو غەربنىڭكىگە ئوخشاش بولمىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىنى تېپىپ چىقتى، بۇنىڭدىكى ئاچقۇچ باشتىن ـ ئاخىر جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرغانلىقتا، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرغانلىقتا. جۇڭگو تەرەپ بېنىننىڭ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان ھالدا ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، «بېنىننىڭ قەد كۆتۈرۈش» ئارزۇسىنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قوللايدۇ، بېنىن تەرەپ بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى ھەمبەھرىلەپ، بىر ـ بىرىنى قەتئىي قوللاپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو كارخانىلىرىنى بېنىنغا بېرىپ مەبلەغ سېلىش، ھەمكارلىشىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ، بېنىن تەرەپنىڭ يەرشارىۋى مۇلازىمەت ـ سودا باشلىقلار يىغىنى، جۇڭگو ـ ئافرىقا ئىقتىساد ـ سودا يەرمەنكىسى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمە ـ يىغىنلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ خاس، ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنى جۇڭگو بازىرىغا كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇشىنى قارشى ئالىدۇ. جۇڭگو تەرەپ بېنىن تەرەپ بىلەن ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، مائارىپ ـ تەربىيەلەش، داۋالاش ـ سەھىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، لۇبەن ھۈنەرخانىسىنى ئورتاق قۇرۇشنى داۋاملىق قوللاشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ يەنە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بويىچە خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا ئىشلاردىكى ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغدىشى، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغدىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل ئافرىقىغا قارىتا چىن، سەمىمىي سىياسەت قوللىنىش ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىمنىڭ 10 يىللىقى. 10 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ئافرىقىلىق دوستلارغا باشتىن ـ ئاخىر سەمىمىي مۇئامىلە قىلىپ، چىن قەلب بىلەن ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بەردى، جۇڭگو ـ ئافرىقا ھەمكارلىقى جەنۇب ـ جەنۇب ھەمكارلىقى ۋە خەلقئارانىڭ ئافرىقا بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ قالدى. جۇڭگو تەرەپ ئافرىقىنىڭ دۇنيانىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيلىك تەرەققىياتىدىكى مۇھىم بىر قۇتۇپ بولۇشىنى قوللايدۇ، ئۆزىنىڭ يېڭى تەرەققىياتى ئارقىلىق ئافرىقا تەرەپنى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەشنى، بېنىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئافرىقىدىكى قېرىنداش دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو ـ ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ نەتىجىسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ «2063 ـ يىل قارالمىسى» ھەم ئافرىقىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن چوڭقۇر ئۇدۇللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئافرىقىنىڭ ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قوللاپ، قول تۇتۇشۇپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ـ ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

تالون مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو بېنىننىڭ ئۇلۇغ دوستى، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقى چوڭقۇر، سەمىمىي. بېنىن ـ جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك ھەمكارلىقتا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئېلىشى بېنىننىڭ سانائەتلىشىش مۇساپىسىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، بېنىننىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشىدۇ. دېموكراتىيەدە پەقەت بىر خىللا ئەندىزە بولسا بولمايدۇ، ھەقىقىي دېموكراتىيە بارلىق خەلققە بەخت يارىتىشى كېرەك. بۇ جەھەتتە، جۇڭگو باشقا دۆلەتلەرگە ياخشى ئۈلگە تىكلەپ بەردى. جۇڭگو ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە كۈرىشى ئارقىلىق، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپلا قالماي، جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈردى، يەنە باشقا دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى قىممەتلىك ياردەم بىلەن تەمىنلىدى، مۇھىم تۆھپە قوشتى. بېنىن جۇڭگونىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىدىن كۆپ نەپكە ئېرىشتى، جۇڭگو بىلەن ھەقىقىي ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوغا ئوخشاش دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ. بېنىن تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن زىچ ئالاقىلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يېشىل تەرەققىيات، رەقەملىك ئىقتىساد، يېمەكلىك قىلىنىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، سەھىيە ـ ساغلاملىق قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقى ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن بېنىن جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلدى.

سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى سىرتىدىكى مەيداندا تالون ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

تالون يېتىپ كەلگەندە، مۇراسىم ئەسكەرلىرى سەپكە تىزىلىپ ھۆرمەت بىلدۈردى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى پاراتنى كۆزدىن كەچۈرۈش مۇنبىرىگە چىققاندا، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو ـ بېنىن ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى. تيەنئەنمېن مەيدانىدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى، تالون شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى.

شۇ كۈنى كەچتە، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك چوڭ زالىدا تالون ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.

ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.