شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ دۆلەت مۇداپىئە پەن ـ تېخنىكا داشۆسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدى

日期:2023年09月03日
来源:新疆日报
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر مېي چاڭۋېي) جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 9 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى خەت ئەۋەتىپ دۆلەت مۇداپىئە پەن ـ تېخنىكا داشۆسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدى، پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلار، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر ۋە كەڭ مەكتەپداشلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: 70 يىلدىن بۇيان، دۆلەت مۇداپىئە پەن ـ تېخنىكا داشۆسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەدبىر ـ يوليورۇقلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، «خاربىن ھەربىي ئىشلار قۇرۇلۇش شۆيۈەنى»نىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، زور بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، زور بىر تۈركۈم ئىلغار پەن ـ تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، زور بىر تۈركۈم مۇھىم، زور قورال ـ جابدۇقلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلەت مۇداپىئە پەن ـ تېخنىكا داشۆسىنىڭ مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، جەڭ ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا ھەربىي ئىشلار ۋە پەن ـ تېخنىكا ئالدىنقى سېپىگە يۈزلىنىشتە، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا يۈزلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، دەۋر مۇھىم ۋەزىپىسىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، جاسارەت بىلەن يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن يېڭىچە ھەربىي ئىختىساسلىقلارنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈپ، دۆلەت مۇداپىئە پەن ـ تېخنىكىسى بويىچە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، تىرىشىپ ئارمىيەنى پەن ـ تېخنىكا ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسى، ئارمىيەنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

دۆلەت مۇداپىئە پەن ـ تېخنىكا داشۆسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى 9 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن چاڭشادا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يوۋشيا يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنى ئوقۇپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: شى جۇشىنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ، ئۇدا داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىپ، سىياسىي يېتەكچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقاتنىڭ بارلىق ئەمەلىيىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، جەڭ قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش ئەندىزىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەكتەپ باشقۇرۇش سۈپىتى ۋە پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالىي مائارىپ مەكتىپى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

دۆلەت مۇداپىئە پەن ـ تېخنىكا داشۆسى 1953 ـ يىلى خاربىندا قۇرۇلغان ھەربىي قۇرۇلۇش شۆيۈەنىدىن تەرەققىي قىلىپ بارلىققا كەلگەن بولۇپ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا بىۋاسىتە قاراشلىق ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك تەتقىقات تىپىدىكى ئالىي مائارىپ مەكتىپى. مەكتەپ قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، بۇ مەكتەپ ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ 200 مىڭدىن ئارتۇق ئىختىساس ئىگىسىنى تەربىيەلەپ يەتكۈزۈپ بەردى، دەرىجىدىن تاشقىرى ھېسابلاش، سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى ساھەلەردە نۇرغۇن بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.