شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ منانگاگۋانىڭ زىمبابۋېنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

日期:2023年09月03日
来源:新疆日报
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 8 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئېممېرسون منانگاگۋاغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ زىمبابۋې جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن زىمبابۋې ئەنئەنىۋى دوست. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىزنىڭ ئورتاق يېتەكلىشىمىزدە، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى سىجىل چوڭقۇرلاشتى، ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، بىر ـ بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە بىر ـ بىرىنى قەتئىي قوللىدى. مەن جۇڭگو ـ زىمبابۋې مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ منانگاگۋا بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشنى خالايمەن.