شى جىنپىڭ جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ جوھاننىسبۇرگتىكى ئوت ئاپىتى مۇناسىۋىتى بىلەن جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافۇساغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

日期:2023年09月03日
来源:新疆日报
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 9 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ جوھاننىسبۇرگتىكى ئوت ئاپىتى مۇناسىۋىتى بىلەن جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافۇساغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ جوھاننىسبۇرگ شەھىرىدىكى بىر ئىمارەتتە تۇيۇقسىز ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، ئېغىر، زور دەرىجىدە ئادەم ئۆلۈش ـ يارىلىنىش كۆرۈلۈپتۇ. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن، بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، بەخىتسىزلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن ۋە يارىلانغانلاردىن ھال سورايمەن. ئاپەت ئالدىدا، جۇڭگو تەرەپ باشتىن ـ ئاخىر جەنۇبىي ئافرىقا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى بىلەن قەتئىي بىر سەپتە تۇرىدۇ. ئىشىنىمەنكى، زۇڭتۇڭ رامافۇسا ۋە جەنۇبىي ئافرىقا ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جەنۇبىي ئافرىقا خەلقى چوقۇم قىيىنچىلىق ئۈستىدىن غالىب كېلەلەيدۇ.