14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 5 ـ يىغىنى بېيجىڭدا يېپىلدى

日期:2023年09月03日
来源:新疆日报
【字体:

يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش قانۇنى، ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار قاتارلىقلار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى

شى جىنپىڭ رەئىس پەرمانى ئىمزالاپ ئېلان قىلدى

جاۋ لېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 5 ـ يىغىنى 9 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى. يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش قانۇنى، چەت ئەلگە ئالاقىدار دۆلەت كەچۈرۈم قانۇنى، ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا 9 ـ نومۇرلۇق، 10 ـ نومۇرلۇق، 11 ـ نومۇرلۇق رەئىس پەرمانى ئىمزالىدى. كومىتېت باشلىقى جاۋ لېجى يېپىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن 161 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، قاتناشقانلار سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ گوۋۇيۈەنگە گۇاڭدۇڭ ـ شياڭگاڭ ـ ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىغا جايلاشقان چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى توققۇز شەھەردە شياڭگاڭ قانۇن كەسىپكارلىرى ۋە ئاۋمېن كەسىپكار ئادۋوكاتلىرىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتا كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىشى ۋە ئادۋوكاتلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ھوقۇقىنى بېرىش مۇددىتىنى ئۇزارتىش توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئېكۋاتور جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسى»نى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، شۈ خۇڭسەي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە ـ ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىقىغا تەيىنلەندى؛ چېن فۇلى، فېڭ يى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىقىغا تەيىنلەندى؛ شى ياۋبىن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خامچوت خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى، شۈ خۇڭسەي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خامچوت خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەندى.

يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، دېڭ شيۇمىڭ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا، سوت كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا، سوتچىلىقىغا تەيىنلەندى؛ چېڭ دۇڭفاڭ جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھەربىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛ گې شياۋيەن ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش تەپتىشلىكىگە، تەپتىش كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەندى، گۇڭ مىڭ ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش تەپتىشلىكىگە تەيىنلەندى، سۈن چيەن ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش تەپتىشلىكىدىن، تەپتىش كومىتېتىنىڭ ئەزالىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى.

يىغىندا يەنە ۋەزىپىگە تەيىنلەش، ۋەزىپىدىن قالدۇرۇشقا ئالاقىدار باشقا لايىھە ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى خۇڭجۇڭ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، شياۋ جيې، جېڭ جيەنباڭ، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، خې ۋېي، ۋۇ ۋېيخۇا، تيې نىڭ، پېڭ چىڭخۇا، جاڭ چىڭۋېي، لوساڭ جياڭسۈن، باش كاتىپ ليۇ چى يىغىنغا قاتناشتى.

گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ گوجۇڭ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ جۈن، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى يىڭ يۇڭ، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىدىكى مەسئۇل يولداشلار، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىدىكى بىر قىسىم ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بىر قىسىم ۋەكىللىرى، ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

يېپىلىش يىغىنىدىن كېيىن، 14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 6 ـ قېتىملىق مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە ئۆتكۈزدى، كومىتېت باشلىقى جاۋ لېجى رىياسەتچىلىك قىلدى. جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاكادېمىكلار بۆلۈمىنىڭ ئەزاسى، تارىخ ئاكادېمىكلار بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ ۋېي «جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ باشلىنىش مەنبەسى ۋە دەسلەپكى مەزگىلدىكى تەرەققىياتى توغرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال تەتقىقات» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى.