تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى قەرزىدىكى قويۇلغان رەنىنى قانداق بىكار قىلىش كېرەك؟ بۇ ئۈچ باسقۇچ ئىنتايىن مۇھىم!

日期:2023年09月01日
来源:新疆日报
【字体:

ئ  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋېي خۇڭپىڭ خەۋەر قىلىدۇ) «تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى قەرزىمنى 2022-يىلى پۈتۈنلەي قايتۇرۇپ بولغانىدىم، بېجىرىشتىكى ئاۋارىچىلىقنى ئويلاپ، رەنىگە قويۇشنى بىكار قىلىش رەسمىيىتىنى ئىزچىل بېجىرمىگەنىدىم. ھازىر ئۆينى ساتماقچى بولىۋاتىمەن، بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم رەنىگە قويۇشنى بىكار قىلىشىمغا توغرا كەلدى، كېلىپ بېجىرگەندىن كېيىن ئاندىن بۇنىڭ ناھايىتى ئاددىي ئىكەنلىكىنى بىلدىم» دېدى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى خۇاگۇاڭ كوچىسى كوچا باشقارمىسى فۇرۇڭ مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى ۋاڭ لىيۈەن.

  تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى قەرزىدىكى قويۇلغان رەنىنى قانداق بىكار قىلىش كېرەك؟ قانداق ماتېرىياللار كېرەك بولىدۇ؟ ئۈرۈمچى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزىدىكى خىزمەتچى خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئالدى بىلەن، قەرز ئالغۇچى ئالغان قەرزنى پۈتۈنلەي قايتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ يېقىن ئەتراپتىكى ھەرقايسى تىجارەت تور نۇقتىلىرىغا بېرىپ، تور نۇقتىلىرىدىكى قەرز بېجىرىش كۆزنىكىدىن «ھېساباتنى ئۈزۈش ئىسپاتى» «رەنە ھوقۇقىنى تىزىمدىن ئۆچۈرۈش ئىلتىماسى» «كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ئىلتىماسىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش جەدۋىلى»نى ئېلىشى كېرەك.


8-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئۈرۈمچى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ قەرز باشقۇرۇش بۆلۈمىگە تىزىپ قويۇلغان ئەسكەرتىش تاختىسى.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي خۇڭپىڭ فوتوسى

  بۇ ئۈچ جەدۋەلنى ئالغاندىن كېيىن، پۇكەيدىكى بېجىرگۈچى خادىملار قەرز ئالغۇچىنىڭ قەرز ئالغان ۋاقىتتىكى ئوخشاش بولمىغان كېپىللىك ئۇسۇلىغا ئاساسەن، قەرز ئالغۇچىغا كېيىنكى رەسمىيەتلەرنى قانداق بېجىرىشى كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرۈپ قويىدۇ. ئەگەر كېپىللىك شىركىتى كېپىللىك بەرگەن بولسا، قەرز ئالغۇچى كېپىللىك شىركىتىگە بېرىپ ئىككىنچى قەدەمدىكى رەسمىيەتلەرنى بېجىرىشى كېرەك؛ ئەگەر ئۆي-مۈلۈكنى رەنىگە قويغان بولسا، ئۈرۈمچى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ قەرز باشقۇرۇش بۆلۈمى ياكى تارماق مەركىزىگە بېرىپ ئىككىنچى قەدەمدىكى رەسمىيەتلەرنى بېجىرسە بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا قەرز ئالغۇچىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا كەسپىي قەرز پۇل بېجىرىشنى ئۈستىگە ئالغان تارمىقىغا قاراش كېرەك، ئەگەر ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھەرقايسى رايون، ناھىيەلىرىدىكى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى باشقۇرۇش بۆلۈمى بولسا، ئۈرۈمچى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ قەرز پۇل باشقۇرۇش بۆلۈمىگە بېرىپ «كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ئىسپاتى» (رەنە ھوقۇقى) ياكى «باشقا ھوقۇق گۇۋاھنامىسى»نى ئالسىلا بولىدۇ؛ ئەگەر قەرز پۇل بېجىرىشنى ئۈستىگە ئالغان تارماق ئۈرۈمچى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى باشقۇرۇش ئاپتونوم رايونلۇق شۆبە مەركىزى بولسا، ئاپتونوم رايونلۇق شۆبە مەركەزگە بېرىپ «كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ئىسپاتى» (رەنە ھوقۇقى) ياكى «باشقا ھوقۇق گۇۋاھنامىسى»نى ئېلىشى كېرەك؛ ئەگەر قەرز پۇل بېجىرىشنى ئۈستىگە ئالغان تارماق ئۈرۈمچى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى باشقۇرۇش تۆمۈريول شۆبە مەركىزى بولسا، تۆمۈريول شۆبە مەركىزىگە بېرىپ «كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ئىسپاتى» (رەنە ھوقۇقى) ياكى «باشقا ھوقۇق گۇۋاھنامىسى»نى ئېلىشى كېرەك.

  ئۈچىنچى قەدەمدە، قەرز ئالغۇچى «كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ئىسپاتى» (رەنە ھوقۇقى) ياكى «باشقا ھوقۇق گۇۋاھنامىسى»نى ئالغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى ئۆي-مۈلۈك سارىيىغا بېرىپ ئۆي-مۈلۈكنى رەنىگە قويۇشنى بىكار قىلىش رەسمىيىتىنى بېجىرسە بولىدۇ.

  سەمىمىي ئەسكەرتىش، رەنىگە قويۇشنى بىكار قىلىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشتە، چوقۇم قەرز ئالغۇچى كىملىكىنى ئېلىپ بېجىرىشى كېرەك، «كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ئىسپاتى» (رەنە ھوقۇقى) ياكى «باشقا ھوقۇق گۇۋاھنامىسى»نى ئالغاندىن كېيىن، چوقۇم بىر ھەپتە ئىچىدە رەنىگە قويۇشنى بىكار قىلىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى كېرەك، بولمىسا رەنىگە قويۇشنى بىكار قىلىش رەسمىيىتى ئىناۋەتسىز دەپ قارىلىدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى