چياۋمىنلارنىڭ قەلبى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، گۈللىنىشنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقايلى

日期:2023年09月01日
来源:新疆日报
【字体:

− 11 - قېتىملىق مەملىكەتلىك ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرى قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەيمىز

□خەلق گېزىتى باش ماقالىسى

بۈگۈن، 11 - قېتىملىق مەملىكەتلىك ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرى قۇرۇلتىيى بېيجىڭدا ئېچىلدى. بۇ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلانغان، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىۋاتقان ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئېچىلغان چياۋمىنلار ساھەسىدىكى كاتتا قۇرۇلتاي، كەڭ ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرى ۋە مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى بىر چوڭ ئىش بولۇپ، چياۋمىنلار ساھەسىنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەش، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەتنى ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، 100 مىليونلىغان خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، كەسكىن، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە كەينى - كەينىدىن كەلگەن غايەت زور خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى. قاينام - تاشقىنلىققا تولغان، رەڭگارەك تۈسكە كىرگەن يېڭى دەۋردە، كەڭ ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرى ۋە مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار ئېسىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ۋەتەننى، يۇرتنى سۆيۈپ، جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنى تۇتاشتۇرۇپ، ۋەتەن بىلەن بىرلىكتە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، خەلق بىلەن بىرلىكتە كۈرەش قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «چياۋمىنلار قەلبى پارتىيەگە تەلپۈنۈش، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش» تەسىرلىك سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىپ، ئۆزىگە ئىشىنىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزىدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۆتۈرەڭگۈ روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلدى. پاكىت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرى ۋە مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم كۈچ بولۇشقا مۇناسىپ.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەزەلدىن كەڭ ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرى ۋە مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ ئۆزگىچە رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرى ۋە مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. يېڭى دەۋرگە كىرگەندىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، چياۋمىنلار بىرلەشمىسى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىش، چياۋمىنلار ئىشلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قىلىپ، ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، يېڭى دەۋردىكى چياۋمىنلار بىرلەشمىسى خىزمىتىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، 10 - قېتىملىق مەملىكەتلىك ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرى قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جۇڭگو چياۋمىنلار بىرلەشمىسى ۋە ھەر دەرىجىلىك چياۋمىنلار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى قەلبىگە پۈكۈپ، چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى، ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرى ۋە مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىپ، چياۋمىنلار بىرلەشمىسى قۇرۇلۇشى ۋە خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، چياۋمىنلار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرىنىڭ يېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلدى. پاكىت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، چياۋمىنلار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرى ۋە مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار بىلەن ئالاقىلىشىشىدىكى مۇھىم كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە بولۇشقا مۇناسىپ.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈپ چىقىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ: «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلىشىغا ئېھتىياجلىق» دەپ تەكىتلىدى. قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە، بىز ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرى ۋە مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنى زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرى ۋە مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ بىرلىكتە ئويلاش، بىرلىكتە ئىشلەشكە سەپەرۋەر قىلىپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەتتە ئورتاق ئىشقا ئاشۇرىدىغان قۇدرەتلىك ئۇلۇغ كۈچنى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك. كەڭ ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرى ۋە مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنى پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، ئۇيۇشتۇرۇش چياۋمىنلار بىرلەشمىسىنىڭ شەرەپلىك بۇرچى. «چياۋمىنلارنىڭ قەلبى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش»تىن ئىبارەت يېڭى دەۋردىكى چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتىنىڭ باش تېمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبەرنى ياخشى سىزغاندىلا، چوقۇم مىللەتنىڭ گۈللىنىشىگە ئورتاق كۈچ چىقىرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ.

«جۇڭگو ئارزۇسى دۆلەتنىڭ ئارزۇسى، مىللەتنىڭ ئارزۇسى، شۇنداقلا ھەربىر جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزىنىڭ ئارزۇسى.» بۈگۈن، بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىن تېخىمۇ يېقىنلاشتۇق، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ ئىشەنچىمىز ۋە ئىقتىدارىمىز بار، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەزمەن تېخىمۇ مۈشكۈل، تېخىمۇ جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە تەييار تۇرۇشىمىز كېرەك. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، «ئورتاق يىلتىز»نى قوغداپ، «ئورتاق روھ»قا ۋارىسلىق قىلىپ، «ئورتاق ئارزۇ»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەممىنىڭ قەلبىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەممىنىڭ كۈچىنى توپلاپ، ھەممىنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشايلى، يېڭى شانلىق سەھىپە پۈتۈپ چىقايلى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى)