ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى . ئوبراز ▕جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (چۇڭچىڭ ـ شىنجاڭ ـ ياۋروپا) بىلەن غەربىي قىسىم قۇرۇقلۇق ـ دېڭىز يېڭى يولى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلدى، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇلدى

日期:2023年08月29日
来源:新疆日报
【字体:

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى ( مۇخبىر تاڭ يۇڭ فوتوسى، خەۋىرى) چۇڭچىڭ شەھىرى گويۈەن پورتى پورت تىپىدىكى دۆلەت ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى، شۇنداقلا چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى ئەڭ چوڭ تۈگۈن پورت. گويۈەن پورتى جۇغراپىيىلىك ئورۇن جەھەتتە، رايون ئورنى جەھەتتە جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى، غەربىي رايون قۇرۇقلۇق ـ دېڭىز يېڭى يولى ۋە چاڭجياڭ ئالتۇن سۇ يولىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ يولنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، ئەشيا ئوبوروتى، سودا جەھەتتىمۇ ئۈچ چوڭ يولنى يوچۇقسىز جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. نۇرغۇن جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (چۇڭچىڭ ـ شىنجاڭ ـ ياۋروپا) بۇ يەردىن يولغا چىقىپ، شىنجاڭ ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپا بازارلىرىغا قاراپ يولغا چىقىدۇ.


     چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى ئەڭ چوڭ تۈگۈن پورت − چۇڭچىڭ شەھىرى گويۈەن پورتى (8-ئاينىڭ 14-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).