مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە ئىشلىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىرقانچە تەدبىر»نى بېسىپ تارقاتتى

日期:2023年08月29日
来源:新疆日报
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز ئىختىساسلىقلار خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى ھەر تەرەپلىمە يېتىشتۈرۈش ۋە ياخشى ئىشلىتىش ئۈچۈن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە ئىشلىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىرقانچە تەدبىر»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «بىرقانچە تەدبىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى.

«بىرقانچە تەدبىر»دە مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچى ئارقىلىق ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى تەسىرلەندۈرۈپ ۋە چاقىرىق قىلىپ، ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى ئالىملار روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، يېتەكلەپ، «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئالىملارنىڭ پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئېسىل پەزىلىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، «تۆتكە يۈزلىنىش»تە چىڭ تۇرۇپ، باشلامچى بولۇشقا جۈرئەت قىلىدىغان يېڭىلىق يارىتىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، پەن تەتقىقات سەمىمىيىتى، پەن - تېخنىكا ئېتىكىسى، ئىلىم قائىدىسىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ۋە پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئەمەلىيىتىدە تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش مۇساپىسىدە ياشلىق باھارى ۋە ئەقىل - پاراسىتىنى تەقدىم قىلىش كېرەك.

«بىرقانچە تەدبىر»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىشقا يېتەكلەش، قوللاش كېرەك. ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئەمەلىيىتىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئەمەلىي ئېھتىياجغا بىرلەشتۈرۈپ، ئىلىم - پەن مەسىلىلىرىنى ئىخچاملاپ، ئەسلي ئىجادىيەت، تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىلمىي ماقالىنى ۋەتەن زېمىنىدا يېزىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. كەسپىي ئورۇنلاردىكى پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشى، ئىگىلىك تىكلىشى قاتارلىقلارغا ئالاقىدار سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى قاتارلىقلارنىڭ پەن تەتقىقات ئىقتىدارى كۈچلۈك، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسى بار ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى تاللاپ، قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەشتە يېڭىلىق يارىتىش، ئۇزاق مۇددەت تۇرۇشقا ئەۋەتىش، قىسقا مۇددەتلىك ھەمكارلىشىش قاتارلىق شەكىللەردە، ئاساسىي قاتلام ۋە كارخانىلارغا بېرىپ پەن - تېخنىكىدىن مەسلىھەت بېرىش، مەھسۇلات تەتقىق قىلىپ ئېچىش، نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇش، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت ۋە ئىلھام بېرىپ، مۇلازىمەت نەتىجە - ئۈنۈمىنى ئۇنۋان باھالاش، ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىقلاردا مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىيالى قىلىش كېرەك.

«بىرقانچە تەدبىر»دە مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور پەن - تېخنىكا ۋەزىپىسىدە «ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىگە ئېلىش»ى، «باش رولچى بولۇش»ىغا مەدەت بېرىلىدۇ. دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور پەن - تېخنىكا ۋەزىپىسى، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە پەن - تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى دادىل ئىشلىتىلىدۇ، 40 ياشتىن تۆۋەن ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ تۈر (تېما) مەسئۇللۇقى ۋە تايانچلىقىنى زىممىگە ئېلىش نىسبىتى پىرىنسىپ جەھەتتىن %50تىن تۆۋەن بولمايدۇ. ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ پەن ھالقىپ، ساھە ھالقىپ كوللېكتىپ تەشكىللەپ، ئاغدۇرما خاراكتېرلىك تېخنىكىلاردا يېڭىلىق يارىتىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ، بۇ، دۆلەتنىڭ پەن - تېخنىكا پىلان تۈرىنى ئىلتىماس قىلىش ۋە ئۈستىگە ئېلىش بويىچە تۈر چەكلىمىسى قويۇپ ئىستاتىستىكا قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ. دۆلەت تەبىئىي پەن فوندىنىڭ ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش كۆلىمى پۇختا ئاشۇرۇلۇپ، ئىقتىسادىي ياردەم بېرىلگەن تۈر سانىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %45تىن يۇقىرى سەۋىيەدە ساقلىنىدۇ، ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئەسلىي ئىجادىيەت تىپىدىكى، ئالدىنقى قاتاردىكى، گىرەلەشمە ئىلىم - پەن مەسىلىلىرى تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت بېرىلىدۇ. يەرلىكنىڭ پەن - تېخنىكا ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشى داۋامىدا ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى قوللاش سالمىقى زورايتىلىدۇ. دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق تەتقىق قىلىپ ئېچىش پىلانى بويىچە ياش ئالىملار تۈرى چوڭقۇر يولغا قويۇلىدۇ، مەسئۇل كىشى بولۇشىنى ئىلتىماس قىلىش ياش چەكلىمىسىنى 40 ياشقىچە ئۇزارتىشقا بولىدۇ، ئۇنۋان، ئوقۇش تارىخى چەكلىمىسى قويۇلمايدۇ، دومىلىما قوللاش مېخانىزمىنى يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدىنىلىدۇ، خىراجەت ئىشلىتىشتە ھۆددە تۈزۈمىنى يولغا قويۇشقا بولىدۇ.

«بىرقانچە تەدبىر»دە مۇنداق تەلەپ قىلىندى: دۆلەت پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بازىلىرى ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈشى، ئىشلىتىشى كېرەك. دۆلەت پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بازىلىرى پەن تەتقىقات تۈرى مەسئۇللىرى ھەم پەن تەتقىقات تايانچلىرى قوشۇنىنى ياشلاشتۇرۇشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ مۇھىم پەن تەتقىقات ئىش ئورۇنلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ئۈستىگە ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. دۆلەتنىڭ تۈرلۈك پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بازىلىرىنىڭ ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىغا يۈزلىنىپ ئۆز ئالدىغا پەن تەتقىقات تۈرى تەسىس قىلىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ، 40 ياشتىن تۆۋەن ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ باشلامچىلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىش نىسبىتى پىرىنسىپ جەھەتتە %60تىن تۆۋەن بولمايدۇ. ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ قۇرۇلما نىسبىتى، پەن تەتقىقات ۋەزىپىسىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىش، مۇھىم، زور ئەسلىي ئىجادىيەت نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش قاتارلىق يېتىشتۈرۈش، ئىشلىتىش ئەھۋالى دۆلەتنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بازىسىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى باھالاش كۆرسەتكۈچىگە كىرگۈزۈلۈپ، نەتىجە - ئۈنۈمىنى باھالاش نەتىجىسىنى قوللىنىش كۈچەيتىلىدۇ.

«بىرقانچە تەدبىر»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئاساسىي پەن تەتقىقات كەسپىي خىراجىتى بىلەن كەسىپنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى مۇقىم قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئەمەلىي ئېھتىياج، ئىشلىتىش نەتىجە - ئۈنۈمى، مالىيە ئەھۋالىغا ئاساسەن، مەركەزدىكى ئالىي مەكتەپلەر، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرىدىكى پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسىي پەن تەتقىقات كەسپىي خىراجىتى بىلەن ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش كۆلىمىنى تەدرىجىي كېڭەيتىپ، نەتىجە - ئۈنۈمنى باھالاش نەتىجىسىنى مۇھىم ئاساس قىلغان ھەرىكەتچان تەقسىملەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئاساسىي پەن تەتقىقات كەسپىي خىراجىتىنى نۇقتىلىق ھالدا 35 ياشتىن تۆۋەن ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللاشقا ئىشلىتىپ، شارائىتى بار ئورۇنلارنىڭ قوللاش نىسبىتىنى تەدرىجىي ھالدا يىللىق خامچوتنىڭ %50ىدىن تۆۋەن بولماسلىققا ئۆستۈرۈپ، ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى دىققەتنى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئالدىنقى قاتاردىكى ئىلىم - پەن مەسىلىلىرى تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك. ھەرقايسى جايلارنىڭ ئاساسىي پەن تەتقىقات كەسپىي خىراجىتى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق خىراجەت سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇشىغا ئىلھام بېرىپ، ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىدىكى كەسىپنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى قوللاشنى كۈچەيتىش كېرەك.

«بىرقانچە تەدبىر»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: تەبىئىي پەن ساھەسىدىكى دوكتور ئاشتىلارنى يېتىشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. دوكتور ئاشتىلارنى يېتىشتۈرۈش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئاساس ئالدىنقى سەپ ۋە گىرەلەشمە پەن ساھەسىدىكى دوكتور ئاشتى پەن تەتقىقات سەييارە پونكىتى ۋە خىزمەت پونكىتىنىڭ سانىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، تەبىئىي پەن، قۇرۇلۇش تېخنىكىسى ساھەسىدىكى دوكتور ئاشتى كۆلىمىنى مۇۋاپىق كېڭەيتىش كېرەك. دۆلەت پەن - تېخنىكا پىلانى تۈر خىراجىتى «ئەمگەك مۇلازىمەت ھەققى»نى دوكتور ئاشتىلارنىڭ تۈر تەتقىقاتىغا قاتنىشىش ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن چىقىم قىلىپ، دوكتور ئاشتىلارنى يېتىشتۈرۈشكە بىرتۇتاش ئىشلىتىش كېرەك. دوكتور ئاشتىلارنى پونكىتقا كىرگۈزۈپ باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك، پونكىت تەسىس قىلغان ئورۇنلار ۋە ھەمكارلاشقان يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلار شارائىت يارىتىپ دوكتور ئاشتىلارنىڭ پەن تەتقىقات ۋەزىپىسىنى مۇستەقىل ئۈستىگە ئېلىشىنى قوللاپ، دوكتور ئاشتىلارنىڭ مۇستەقىل پەن تەتقىقات ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشى ۋە ئۆستۈرۈشى كېرەك. شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان كارخانىلارنىڭ دوكتور ئاشتى خىزمەت پونكىتى قۇرۇشىنى قوللاپ، سانى ۋە كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەسىپ تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىيىتى جەريانىدا ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك.

«بىرقانچە تەدبىر»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش، مەسلىھەت بېرىش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئورنى، كارخانا قاتارلىق تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىي گەۋدىلىرى پەن تەتقىقاتنىڭ بىرىنچى سېپىدە جانلىنىۋاتقان، مەسئۇلىيەتچان، ئىناۋەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغان يۇقىرى سەۋىيەلىك ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى دۆلەت پەن - تېخنىكا باھالاش مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرىغا كىرگۈزۈشكە پائال تەۋسىيە قىلىشى كېرەك. دۆلەت پەن - تېخنىكا پىلانى (مەخسۇس تۈر، فوند قاتارلىقلار) تۈر كۆرسەتمىسىنى تۈزۈش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى، پەن - تېخنىكا پىلانى تۈرى، ئىختىساسلىقلار پىلانى، پەن - تېخنىكا مۇكاپاتى قاتارلىقلارنى باھالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بازىسى قاتارلىقلارنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى باھالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئىچىدە، 45 ياشتىن تۆۋەن ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى پىرىنسىپ جەھەتتىن ئۈچتىن بىر قىسىمدىن تۆۋەن بولمايدۇ. يۇقىرى قاتلاملىق پەن - تېخنىكا ئىستراتېگىيەلىك مەسلىھەت بېرىش مېخانىزمى، ھەر دەرىجىلىك، ھەر تۈرلۈك ئىلمىي جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى ئېھتىياجغا ئاساسەن ياشلار كەسپىي كومىتېتى تەسىس قىلىپ، كېڭەش، مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتى قاتارلىقلارنىڭ ئۇنۋان، ياش چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئىلمىي جەمئىيەت تەشكىللەش، ئىدارە قىلىش، يۈرۈشتۈرۈشكە كۆپ قاتلاملىق قاتنىشىشىنى قوللاش كېرەك.

«بىرقانچە تەدبىر»دە مۇنداق تەلەپ قىلىندى: پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ئىختىساسلىقلارنى ئۆز ئالدىغا باھالاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئورنى، دۆلەت كارخانىسى قاتارلىقلار مەسئۇلىيىتى، بۇرچىغا ئاساسەن، پەن تەتقىقات پائالىيىتى قانۇنىيىتى ۋە ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى باھالاش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باھالاش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، باھالاش - تەكشۈرۈش دەۋرىيلىكىنى ئىلمىي تەسىس قىلىپ، تەكشۈرۈش قېتىم سانىنى ئازايتىپ، تۈرگە ئايرىپ باھالاشنى قانات يايدۇرۇپ، مۇنەۋۋەر ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئۇنۋانى، ۋەزىپىسىنى دەرىجە ئاتلىتىپ ئۆستۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى ھەم ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئورنى، دۆلەت كارخانىسىغا مەسئۇل تارماقلار «تۆت ھەممىنى بەلگىلەش» ۋە سان «قالپىقى» خاھىشىنى قەتئىي بۇزۇپ تاشلاپ، ئىلمىي ماقالە كۆرسەتكۈچىگە توغرا مۇئامىلە قىلىپ ۋە ئۇنى توغرا قوللىنىپ، ھەم يۇقىرى سۈپەتلىك ئىلمىي ماقالىنىڭ قىممىتىنى جارى قىلدۇرۇش، ھەم نوقۇل ھالدا ئىلمىي ماقالىنىڭ سانىغا قاراپ قابىللىققا باھا بېرىشكە قەتئىي قارشى تۇرۇش كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. ئاپپاراتلارنىڭ باھالاش ئۆلچىمىنى مۇۋاپىق تەسىس قىلىپ، ئىلمىي ماقالە سانى ۋە ئىختىساسلىقلار نامىنى ئاپپاراتلارنىڭ باھالاش كۆرسەتكۈچى قىلماي، ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى تەكشۈرۈش - باھالاش كۆرسەتكۈچىنىڭ قاتلاممۇقاتلام پارچىلىنىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

«بىرقانچە تەدبىر»دە مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ پەن تەتقىقاتتىن باشقا يۈكىنى يېنىكلىتىش كېرەك. ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ھەرىكىتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش كېرەك. پەن - تېخنىكا تۈرلىرىنى باشقۇرۇشتا نەتىجە يۆنىلىشىدە، تەرتىپنى ئاددىيلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى پەن تەتقىقات ياردەمچىسى تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن تەتقىقات تۈرلىرى ۋە خىراجەت باشقۇرۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەدۋەل تولدۇرۇش، پەن تەتقىقات خىراجىتىنى ئاتچوت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە قاتلاممۇقاتلام يۈكلەشتىن ساقلىنىپ، ئۇچۇرلاشقان مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ شەخسىي پەن تەتقىقات كەسپىدىن باشقا لاۋازىمەت خاراكتېرىدىكى خىزمەتلىرىنى ئازايتىپ، زۆرۈر بولمىغان مېھماندارچىلىق پائالىيەتلىرىنى توسۇپ، پەن تەتقىقات ئورنىدىكى ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئىلىم - پەندىن باشقا لاۋازىمەت خاراكتېرىدىكى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدىغان كۈن ساننىڭ ھەر ھەپتىدە بىر كۈندىن ئېشىپ كەتمەسلىكىگە، ھەر ھەپتىدىكى %80تىن ئارتۇق خىزمەت ۋاقتىنى پەن تەتقىقات ئىلمىي پائالىيەتلىرىگە ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ياش پەن تەتقىقات ئىختىساسلىقلىرىنىڭ پەن تەتقىقات ۋاقتىنى ئورۇنلارنىڭ تەكشۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەمۇرىي تارماقلار ۋە دۆلەت كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ پىرىنسىپ جەھەتتە بىرىنچى سەپتىكى پەن تەتقىقات خادىملىرىنى پەن تەتقىقات خىزمىتىدىن باشقا خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا ۋاقىتلىق يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

«بىرقانچە تەدبىر»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ خەلقئارا پەن - تېخنىكا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ دۆلەت (چېگرا) سىرتىدىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ ئۆگىنىش، تەربىيەلىنىش ۋە ھەمكارلىشىپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىشىنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللاش كېرەك. ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتنىشىشىنى قوللاپ، ياش ئىلىم باشلامچىلىرىنىڭ خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى تەشەببۇس قىلىشى ۋە باشلامچىلىق بىلەن تەشكىللىشىگە ئىلھام بېرىپ، ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ خەلقئارادىكى پائالىيەت دەرىجىسى ۋە تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

«بىرقانچە تەدبىر»دە مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، دۆلەت كارخانىلىرى ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مۇۋاپىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، كەسىپنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئىش ھەققى تەمىناتىنى ئۆستۈرۈپ، نەتىجە - ئۈنۈم مائاشى ۋە پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش پايدىسى قاتارلىقلارنى گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىغا مايىللاشتۇرۇشى كېرەك. تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىي گەۋدىلىرى ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىغا غەمخورلۇق قىلىش، كۆيۈنۈشنى كۈچەيتىپ، ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئارام ئېلىش - دەم ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، داۋالاش، سالامەتلىك تەكشۈرۈش، پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش پائالىيەتلىرىنى قەرەللىك تەشكىللەپ، ئىلمىي مۇھاكىمە دەم ئېلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئازادە، ئىناق بولغان پەن تەتقىقات، مەدەنىيەت مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك. ھەرقايسى جايلار ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى پەرزەنتلىرىنىڭ يەسلىگە كىرىش، مەكتەپكە كىرىش، تۇرالغۇ قاتارلىق جەھەتلەردىكى قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ئەھمىيەت بېرىشى ھەم شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

«بىرقانچە تەدبىر»دە مۇنداق تەكىتلەندى: ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى خىزمىتىگە بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى خىزمىتىنى ئىستراتېگىيەلىك خىزمەت قىلىپ، ئۆز رايونىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، كۆپ مەنبەلىك سېلىنما كاپالىتى مېخانىزمى ۋە ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى بىلەن دائىملىق ئالاقىلىشىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ تېز ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشى ئۈچۈن ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار سەرخىل ئىجادچان ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆز ئورنىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ، ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش پىلانىنى تۈزۈپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى كەسپىي تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە تولۇق ئىشىنىش، ئىدىيە جەھەتتە تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېتەكلەش، خىزمەت جەھەتتە شارائىت يارىتىپ بېرىش، تۇرمۇش جەھەتتە كۆڭۈل بۆلۈش، غەمخورلۇق قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي ساپاسى ۋە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك.